غەززە ئۇرۇشى
3 مىنۇت ئوقۇش
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان خەلقئارالىق «سۇمۇد» ناملىق فىلوت ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان خەلقئارالىق «سۇمۇد» ناملىق فىلوت ئىككىنچى قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى.
غەززەگە قاراپ يولغا چىققان خەلقئارالىق «سۇمۇد» ناملىق فىلوت ھۇجۇمغا ئۇچرىدى
/ AP

غەززەگە قاراپ يولغا چىققان خەلقئارالىق «سۇمۇد» ناملىق فىلوت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«يەنە بىر پاراخوت گۇمانلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا يارىلانغانلار يوق، پات يېقىندا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ.»

خەلقئارالىق «سۇمۇد» ناملىق فىلوت تۇنىستىن قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەگە ياردەم بېرىش كارۋىنى بىلەن يولغا چىقىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بىر پاراخوتقا يەنە گۇمانلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

فىلوت تەرىپىدىن سەيشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى Instagram سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى:

«يەنە بىر پاراخوت گۇمانلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى. ھۇجۇمدا يارىلانغانلار يوق، پات يېقىندا بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بېرىلىدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى لەيلا ھېگازى كېچىلىك نوۋەت ئالمىشىش جەريانىدا «ئالما» ناملىق پاراخوتنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بۇ، پاراخوتلارنىڭ بىرىگە قارىتىلغان ئىككىنچى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ھېسابلىنىدۇ. بۇنداق ھۇجۇملارنىڭ ھەر كېچە تەكرارلانماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، چۈنكى (ئۇلار) بىزگە قارشى ناھايىتى كۆپ ئويۇن ئويناۋاتىدۇ.»

يەنە بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ھۇجۇمغا بىۋاسىتە شاھىت بولغانلىقىنى، ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئوت ئاپىتى يۈز بېرىش ئالدىدا، تەخمىنەن 6 مېتىر يىراقلىقتا كۆرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«بىز خەتەر سىگنالىنى چالدۇق، ۋارقىرىدۇق، سۇ تۇرۇبىلىرىنى تەييارلىدۇق، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئوت ئىككى مىنۇت ئىچىدە ئۆچۈرۈلدى.»

بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى نەق مەيدان پىروگراممىسىدا، دەسلەپكى تەكشۈرۈشتىن كېيىن پاراخوتتا ئېغىر زىيان كۆرۈلمىگەنلىكىنىڭ ئېنىقلاپ چىقىلغانلىقىنى، ھەممە ئادەمنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«ئىككى كېچە ئارقىمۇئارقا مۇشۇنداق پاراكەندىچىلىكلەر يۈز بەردى. بۇ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەس، بۇ شۇنداقلا ئوتتۇرىغا چىقىپ قالغان بىرەر ھادىسىمۇ ئەمەس. بۇ بىزنىڭ ۋەزىپىمىز نىشان قىلىنغان تەھدىت بولۇپ، بىز بۇنىڭغا ئىنتايىن جىددىي قارايمىز.»

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارتۇنىستىكى پائالىيەتچىلەر يەرشارى سۇمۇد فىلوتىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىدى - TRT Global

 «قورقۇتۇش تاكتىكىسى»

 

مەزكۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:

«بۇ، ئادەملەرنى قورقۇتۇپ، ئەتە پاراخوتلارغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە ئاتلىنىشتيىن بۇرۇن توسۇش ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا قورقۇتۇش تاكتىكىسى بولۇپ، بىز نىشانىمىزدىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمىز.»

فىلوت سەيشەنبە كۈنى، ئاساسلىق پاراخوتى بولغان «ئائىلە پاراخوتى» نىڭ تۇنىس قىرغاقلىرىدا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئەرەبچە «چىداملىق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدىغان «سۇمۇد» ناملىق خەلقئارالىق سۇمۇد فلوتى، دوختۇرلار، ژۇرنالىستلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل دۆلەتلەردىن كەلگەن 150 دىن ئارتۇق  كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ۋە 50 تىن ئارتۇق پاراخوتتىن تەركىب تاپىدۇ.

تۇنىسلىقلار، تۈركلەر، ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئاسىيادىن كەلگەن باشقا قاتناشقۇچىلار بىلەن بىرلىكتە تەخمىنەن 150 كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بۇ تەشەببۇسنى قوللىماقتا.

فىلوت ئىتالىيەنىڭ جېنوۋا شەھىرىدىن سەپەرگە ئاتلانغان يەنە بىر گۇرۇپپا بىلەن بىرلىكتە ئاۋغۇستنىڭ ئاخىرلىرى بارسېلونادىن يولغا چىققان بولۇپ، چارشەنبە كۈنى تۇنىستىن غەززەگە قاراپ يولغا چىقىشى كۈتۈلمەكتە.

بۇ تەشەببۇس ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان قورشاۋىنى بۇزۇشنى ۋە بۇ رايونغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى يەتكۈزۈشنى نىشان قىلماقتا.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قوللاۋاتقان بىرلەشمە ئاشلىق خەۋپسىزلىكى باسقۇچلىرى ئورگىنى 22 – ئاۋغۇست كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، غەززەنىڭ شىمالىدا ئاچارچىلىقنىڭ باشلانغانلىقى، ئىسرائىلىيەنىڭ قورشاۋى داۋاملاشقانسېرى ئاچارچىلىقنىڭ دائىرىسىنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىپ كېتىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىل 10-ئايدىن بۇيان غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان تەخمىنەن 65 مىڭ پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى. قورشاۋ ئاستىدىكى بۇ رايوننى كەڭ كۆلەمدە خارابىگە ئايلاندۇرۇپ، ئاھالىنىڭ دېگۈدەك ھەممىسىنى ئۆي-ماكانلىرىدىن ئايرىدى.

ئۆتكەن يىل 11-ئايدا خەلقئارا جىنايى سوت مەھكىمىسى ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ بىلەن سابىق  دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن غەززەدە سادىر قىلىنغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەر سەۋەبىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان «خەلقئارالىق ئائىلە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن تېلېگرامما يوللىدى
سانچېز يامالنىڭ بارسېلونادا پەلەستىن بايرىقىنى لەپىلدەتكەنلىكىدىن «پەخىرلىنىدىغانلىقىنى» ئېيتتى
خىتاي: شى جىنپىڭ بىلەن ترامپ ماسلىشىشنى كۈچەيتىشنى قارارلاشتۇردى
مىنىستىر فىدان ت د ت تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى كېڭىشى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن قاتنىشىدۇ
سانچېز ماراكەش ئەسلىلىك ئىسپانىيەلىك مىللىي پۇتبولچى لامىن يامالغا مەدەت بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مىللىي تەنھەرىكەتچىلەرنى تەبرىكلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئاستانەدىن تۈركىستانغا قاراپ يولغا چىقتى
ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئارىسىدا تىنچلىق ئۈمىدى سۇسلاشتى
ماكروننىڭ قارىشىچە، فىرانسىيە ئافرىقادا تۈركىيە، خىتاي ۋە ئامېرىكانىڭ كەينىدە قالماقتا
ئەردوغان: كاسپىي دېڭىزىدىن ئۆتىدىغان شەرق-غەرب ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى كۈندىن-كۈنگە ئاشماقتا
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلىش ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى
ئىسرائىلىيەلىك قانۇنسىز كۆچمەنلەر ساقچىلارنىڭ قوغدىشى ئاستىدا مەسجىدى ئەقساغا باسقۇن قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى قۇنەيترا يېزىلىرىنى بومباردىمان قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قازاقىستاندا رەسمىي مۇراسىم بىلەن كۈتۈۋېلىندى
شى ترامپقا «تەيۋەن مەسىلىسى خاتا بىر تەرەپ قىلىنغان تەقدىردە <توقۇنۇش> كېلىپ چىقىدۇ» دېدى