خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى مۇجتەبا ھامانې ئىنتىقام ئېلىشنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئىرادىسىگە ياكى باشقا بىرەر ئىرانلىق مەسئۇل خادىمغا باغلىق ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى

ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى مۇجتەبا ھامانې ئۆلتۈرۈلگەن دادىسى ۋە ئۆزىدىن ئىلگىرىكى رەھبەر ئەلى ھامانېنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشنىڭ «مىللەتنىڭ تەلىپى» ئىكەنلىكىنى ۋە «جەزمەن» ئورۇندىلىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

ئىران دۆلەت تېلېۋىزىيەسى IRIB نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ باياناتلار ۋاپات بولغان دىنىي رەھبەرنىڭ دەپنە مۇراسىملىرى جەريانىدا ئوقۇلغان بىر ئۇچۇردا ئورۇن ئالغان.

مۇجتەبا ھامانې ئۇچۇرىدا: «سېنىڭ گۇناھسىز قېنىڭنىڭ ۋە بۇ ئىككى ئۇرۇشنىڭ بارلىق شەھىدلىرىنىڭ ئىنتىقامىنى، جىنايەتچى ۋە رەزىل قاتىللاردىن ئالىدىغانلىقىمىزغا ۋەدە بېرىمىز. بۇ مەسىلە نە مېنىڭ شەخسىي مەۋجۇتلۇقۇمغا، نە باشقا مەسئۇللارنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بمۇناسىۋەتلىك ئەمەس. بىز ئۇ يەردە بولساقمۇ، بولمىساقمۇ بۇ جەزمەن ئەمەلگە ئاشىدۇ» دېدى.

ئەلى ھامانې پەيشەنبە كۈنى ئىراننىڭ شىمالىي-شەرقىدىكى مەشھەد شەھىرىگە جايلاشقان ئىمام رىزا قەبرىستانلىقىدا يەرلىكىگە قويۇلدى ۋە سۇنىڭ بىلەن بىر ھەپتە داۋاملاشقان دەپنە مۇراسىملىرى ئاخىرلاشتى.

ئەلى ھامانې 28-فېۋرالدا باشلانغان ۋە ئىراننىڭ قايتۇرما زەربە بېرىش ھۇجۇملىرى جەريانىدا داۋاملاشقان ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.

«ۋال سترىت ژۇرنىلى»نىڭ پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە يېقىندا ئامېرىكا بىلەن، ئىراننىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپقا سۇيقەست قىلىش ئۈچۈن يېڭى بىر پىلان تۈزگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان خەۋەرلەرنى ھەمبەھىرلىگەن.

ترامپ جۈمە كۈنى «Truth Social» سۇپىسىدا ئېلان قىلغان بىر ئۇچۇرىدا، ئىران ئۆزىگە سۇيقەست قىلىش ئۇرۇنۇشىدا بولغان تەقدىردە، ئىرانغا «مىڭلىغان راكېتا» قويۇپ بېرىش تەھدىتىدە بولدى.

تېھران ۋە ۋاشىنگتون ئىيۇن ئېيىدا، فېۋرال ئېيىنىڭ ئاخىرىدا باشلانغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ۋە دائىمىي بىر تىنچلىق كېلىشىمىگە يول ئېچىش مەقسىتىدە، پاكىستاننىڭ ۋاسىتە بولۇشى بىلەن ئۆزئارا چۈشىنىش كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى.

بۇ كېلىشىم، بارلىق سەپلەردىكى توقۇنۇشلارنىڭ دەرھال توختىتىلىشىنى، ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان دېڭىز قاماللىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ۋە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى نىشان قىلغان ئىدى.

كېلىشىمگە قارىماي، ئىككى تەرەپ بۇ ھەپتە ھورمۇز بوغۇزىدىكى سودا پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە مۇناسىۋەتلىك ئۆزئارا ھۇجۇملارنى ئېلىپ باردى. ئامېرىكا ئىران ئىچىدىكى نىشانلارغا ھۇجۇم قىلدى. ئىران بولسا رايوندىكى ئامېرىكا قىسىملىرىنى ھۇجۇم نىشانى قىلىش ئارقىلىق جاۋاب قايتۇردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Trump warns US will 'decimate and destroy' Iran if Tehran targets him
ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»