ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پەلەستىنلىك قازا قىلدى

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىدىكى نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ غەربىي رايونلىرىغا ھۇجۇم قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قارىتىلغان ھۇجۇملىرىدا نۇرغۇن پەلەستىنلىك قازا قىلدى / TRT Uyghur

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ غەززەنىڭ شىمالىي ۋە جەنۇبىي رايونلىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئاياللار ۋە بالىلارنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 پەلەستىنلىك قازا قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززە رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان نۇسەيرات مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ غەربىي رايونلىرىنى توپقا تۇتقان.

ھۇجۇملاردا ئاياللار ۋە بالىلارنمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 15 پەلەستىنلىك يارىلانغان.