خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندا كېمىلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى ئازايتالمىدى
ۋاشىنگتون پوست گېزىتى: «ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندا كېمىلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى ئازايتالمىدى» دېدى.
ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندا كېمىلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى ئازايتالمىدى
ئامېرىكانىڭ تىنچ ئوكياندا كېمىلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىنى ئازايتالمىدى

ئامېرىكا ئارمىيەسى، زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتىدۇ دەپ قاراپ، كارائىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندىكى بىر قىسىم كېمىلەرگە ھۇجۇم قىلغان ئىدى.

ئامېرىكانىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كارائىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندىكى بىر قىسىم كېمىلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ، دۆلەتكە قارىتىلغان زەھەرلىك چېكىملىك ئېقىمىنى ئازايتىشتا مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ۋاشىنگتون پوست گېزىتىنىڭ ئامېرىكا زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى كۈرەش ئىدارىسى چىقارغان دوكلاتقا تايىنىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە قارشى كۈرەش رامكىسىدا كېمىلەرگە قىلغان ھۇجۇملىرىنىڭ، ئەتكەسچىلەرنىڭ ئوخشاشمىغان لىنىيە ۋە تاكتىكىلارنى ئىشقا سېلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خەۋەردە، ھۇجۇملارنىڭ ئامېرىكادىكى زەھەرلىك چېكىملىك تەمىناتىغا ياكى باھاسىغا تەسىر كۆرسەتمىگەنلىكى، ئەتكىسچىلەرنىڭ بولسا خەلقئارا دېڭىزلارنىڭ ئورنىغا ئامېرىكا كۈچلىرىنىڭ ئوق چىقىرىش ئېھتىماللىقى تۆۋەنرەك بولغان يېقىن قىرغاق لىنىيەلىرىدە چوڭ پاراخوتلارنى ئىشلىتىشكە يۈزلەنگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئەتكەسچىلەرنىڭ ئامېرىكا كۈچلىرىدىن قېچىش ئۈچۈن ھاۋا يولىغا تېخىمۇ كۆپ تەۋەككۈل قىلغانلىقى، شۇڭلاشقا كارائىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندا زەھەرلىك چېكىملىك توشۇۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كېمىلەرگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ زەھەرلىك چېكىملىك ئېقىمىنى ئازايتىشتا مەغلۇپ بولغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ يېقىنقى ۋاقىتلاردا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كارائىب دېڭىزى ۋە تىنچ ئوكياندىكى بىر قىسىم كېمىلەرگە ھۇجۇم قىلىشى ۋە ئىچىدىكى كىشىلەرنى بىۋاسىتە نىشانلىشى، خەلقئارا جەمئىيەتتە «سوتسىز جازالاش» مۇنازىرىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ