ئىقتىساد
2 مىنۇت ئوقۇش
خەلقئارا ياش سودىگەرلەر قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە ئىدارىسى باشلىقى بۇراق داغلىئوغلۇ دۆلەتنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرى ۋە سىياسەتلىرى بىلەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا ياش سودىگەرلەر قۇرۇلتىيى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلدى
بۇرھان ئۆزدەمىر / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە ئىدارىسى باشلىقى بۇراق داغلىئوغلۇ دۆلەتنىڭ بارلىق ئىمكانىيەتلىرى ۋە سىياسەتلىرى بىلەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنى قوللايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئۆتكەن يىلى، يەنى 2025-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا، بۇ دۆلەتتە پەقەت دەسلەپكى باسقۇچتىكى تېخنىكا ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىگىلا 700 مىليون دوللارغا يېقىن مەبلەغ سېلىندى» دېدى.

ياش مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى تەرىپىدىن ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدىغان خەلقئارا ياش سودىگەرلەر قۇرۇلتىيى «كەلگۈسى: بۈگۈن» تېمىسىدا باشلاندى.

ئېچىلىش سۆزلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى مەبلەغ سېلىش ۋە مالىيە ئىدارىسى باشلىقى داغلىئوغلۇ، مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى باشلىقى بۇرھان ئۆزدەمىر، ياش مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى باشلىقى ماغسۇم ئۇستا ۋە خەلقئارا ياش سودىگەرلەر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە ھەيئىتى باشلىقى ئۆمەر فارۇق چەلىك تەرىپىدىن قىلىندى.

داغلىئوغلۇ سۆزىدە، ئېنىقسىزلىق مۇھىتىدا سودا قىلىش، يول تېپىش ۋە يول مېڭىشنىڭ ھەممە كىشىنىڭ قولىدىن كەلمەيدىغانلىقىغا ئىشارەت قىلىپ: «بۇ يەردە رەھبەرلىك قىلالايدىغان شەخسلەرگە ئېھتىياج بار. كىملەر ئېنىقسىزلىق ئىچىدە يول مېڭىش جۈرئىتىگە ئىگە؟ ئەڭ مۇھىمى ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەردۇر. ئىگىلىك تىكلىگۈچى دېگەندە پەقەتلا سودا ساھەسىدە ئىگىلىك تىكلەش دەپ چۈشىنىۋالماسلىق كېرەك. جۇمھۇر رەئىسىمىز سىياسەتتە ۋە دىپلوماتىيەدە مېنىڭچە ئەڭ چوڭ ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئۈلگىسىدۇر» دېدى.

پەقەت 2025-يىلىلا دەسلەپكى باسقۇچتىكى تېخنىكا ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىگە 700 مىليون دوللارغا يېقىن مەبلەغ سېلىندى

بۇراق داغلىئوغلۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ بىر جەمئىيەتتە ئەپسۇسكى كۆپ ئۇچرايدىغان كىشىلەر ئەمەسلىكىنى، شۇڭا ياخشى ئىگىلىك تىكلىگۈچىنىڭ ئەڭ قىممەتلىك بايلىقلارنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

داغلىئوغلۇ بارلىق ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىدە دۆلەتنىڭ پۈتكۈل ئىمكانىيەتلىرى ۋە سىياسەتلىرى بىلەن ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ: «ھازىر زالدا خەلقئارالىق مېھمانلىرىمىزمۇ بار. ئۆتكەن يىلىلا، يەنى 2025-يىلىنىڭ ئۆزىدە، بۇ دۆلەتتە پەقەت دەسلەپكى باسقۇچتىكى تېخنىكا ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىگىلا 700 مىليون دوللارغا يېقىن مەبلەغ سېلىندى» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى باشلىقى ئۆزدەمىرمۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى ۋە كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنىڭ ئورۇن ئالماشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ ياش سودىگەرلەرنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ پەقەتلا شىركەت قۇرۇش ئەمەس، بەلكى يېڭى جەمئىيەت مودېللىرى ۋە يېڭى جەمئىيەت چۈشەنچىسى يارىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئىلگىرى جۈرئەت قىلىشنىڭ تەۋەككۈلچىلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئۆزدەمىر: «بۈگۈنكى كۈندە بولسا جۈرئەت — ئەخلاقلىق بولۇش ھالىتىنى ساقلاپ قالالايدىغان بولۇش، قىسقا مۇددەتلىك مەنپەئەتكە ”ياق“ دېيەلىيەيدىغان بولۇش ۋە تېخىمۇ ئادىل بىر تەرتىپ، تېخىمۇ ئادىل بىر سىستېما ئۈچۈن مەۋجۇت سىستېما ئىچىدە تىرىشچانلىق كۆرسىتەلەيدىغان بولۇشتۇر» دېدى.

سودا دۇنياسىدا ھەقىقىي پەرق ياراتقۇچىلار ئەڭ ياخشى ئاڭلىغۇچىلاردۇر

ياش مۇستەقىل سودا-سانائەتچىلەر جەمئىيىتى باشلىقى ئۇستا بولسا، سودا دۇنياسىدا ھەقىقىي پەرق ياراتقۇچىلارنىڭ ئەڭ ياخشى ئاڭلىغۇچىلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ: «ئۈنۈملۈك ئاڭلىغان كىشى خېرىدارنىڭ دېمىگەنلىرىنى چۈشىنىدۇ. شېرىكىنىڭ ئىككىلىنىشىنى سېزىدۇ. ئۆز قوشۇنى سۈكۈت قىلغان يەردە ئەسلىي ساقلىنىۋاتقان مەسىلىنى كۆرەلەيدۇ. ئاڭلاش ئىنتىزامى بىر رەھبەرلىك ماھارىتىدۇر. ماھارەتلەر (مۇسكۇللار) ئىشلىتىلمىسە ئاجىزلايدۇ، ئىشلىتىلگەنسېرى كۈچىيىدۇ» دېدى.

يېڭى ئەۋلادنىڭ ئىنتايىن ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ئۇستا، يېڭى ئەۋلادنىڭ تېز ئۆگىنىدىغانلىقىنى، جۈرئەتلىك ۋە ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ يۇقىرىلىقىنى، ئەمما ئەمەلىيەتتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كەمچىلىكنىڭ سەۋر-تاقەتسىزلىك ئىكەنلىكىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىران: ھورمۇز بوغۇزىدا MQ-1 تىپلىق ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ئېتىپ چۈشۈرۈلدى
ئىران ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەرگە قايتىش ئۈچۈن شەرتلىرىنى ۋاسىتىچىلەرگە يەتكۈزدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا 4 پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
پەلەستىن تەرەپدارى نامايىشچىلار فىلادېلفىيەدىكى ئېد شېران كونسېرتىغا قارشى نامايىش قىلدى
سابىق چىلى پرېزىدېنتى باچېلېت ب د ت باش كاتىپلىق نامزاتلىقىدىن چېكىندى
ئامېرىكا ئوتتۇرا شەرق ئۈچۈن خەۋپسىزلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
پاكىستاندىكى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 31 گە يەتتى
ئامېرىكا ئۇكرائىنا ئۈچۈن 2 مىليارد 680 مىليون دوللارلىق ھاۋا مۇداپىئە ياردەم لايىھەسىنى تەستىقلىدى
ئامېرىكا ئارمىيەسى كارىب دېڭىزىدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى قىلغان  كېمىگە زەربە بەردى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان 81 - نۆۋەتلىك ب د ت ئومۇمىي كېڭىشى يىغىنى ئۈچۈن ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان غازىلار بايرىمىنى تەبرىكلەپ بايانات ئېلان قىلدى
غەززەدە ئىرقىي قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ كۆلەڭگىسى ئاستىدا ئوقۇش قايتا باشلاندى
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق