خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئامېرىكا نېتانياھۇغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانۇنىي ئەيىبلەش باسقۇچىغا داخىل بولىدۇ
ئامېرىكا پىرېزىدېنتى: «نېتانياھۇ بەزى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا سوتلىنىۋاتىدۇ، مېنىڭچە ئۇنىڭغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىنمايۋاتمايدۇ» دېدى.
ترامپ: ئامېرىكا نېتانياھۇغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانۇنىي ئەيىبلەش باسقۇچىغا داخىل بولىدۇ
ترامپ: ئامېرىكا نېتانياھۇغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن قانۇنىي ئەيىبلەش باسقۇچىغا داخىل بولىدۇ / Reuters
 

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ يەكشەنبە كۈنى «CBS News» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ «60 Minutes» پىروگراممىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، بېنيامىن نېتانياھۇنىڭ قانۇنىي ئەيىبلەشلەرگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى، بۇ ھەقتە ۋاشىنگتوننىڭ ئۇنى قوللايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ئۇ بەزى مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ھالدا سوتلىنىۋاتىدۇ، مېنىڭچە ئۇنىڭغا بەك ياخشى مۇئامىلە قىلىىنمايۋاتمايدۇ. بىز بۇ ھەقتە ئۇنىڭغا بىرئاز ياردەم قىلىش ئۈچۈن ئارىلىشىمىز، چۈنكى بۇ تولىمۇ ئادالەتسىزلىكتۇر.»

ترامپ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) ئوتتۇرىسىدا ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان 20 ماددىلىق تىنچلىق پىلانى دائىرىسىدە ھاسىل قىلىنغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنىڭ ئىسرائىلىيەنىڭ قايتا-قايتا بۇزۇشىغا قارىماي ساغلام ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئەگەر ھاماسنى قورالسىزلاندۇرۇشنى خالىسا، بۇنى «ناھايىتى تېزلا ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغانلىقىنى» بىلدۈرۈپ: «ئۇلار يوق قىلىنىدۇ، دەرۋەقە ئۇلارمۇ بۇنى بىلىدۇ» دېدى.

نېتانياھۇنى پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا مەجبۇرلاپ مەجبۇرلىمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى سورالغا ترامپ: «ئۇ ياخشى ئادەم، ئۇ ئۇرۇش دەۋرىدىكى باش مىنىستىر. مەن ئۇنىڭ بىلەن ناھايىتى ياخشى ھەمكارلاشتىم. ئۇنىڭغا بىرئاز بېسىم قىلىشقا مەجبۇر بولدۇم. مېنىڭچە بۇ ھەقتە قالتىس خىزمەت ئىشلىدىم» دېدى.

 1-ئايدا، نېتانياھۇ 1000 -، 2000 - ۋە 4000 - دەپ ئاتالغان دەۋالارغا چېتىشلىق ھالدا پارىخورلۇق ئەيىبلەشلىرى بويىچە سوراق قىلىش يىغىنلىرىغا قاتناشتى ھەمدە بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلدى.

1000-نومۇرلۇق دەۋا، نېتانياھۇ ۋە ئايالىنىڭ باي سودىگەرلەردىن سىياسىي مەنپەئەتكە ئېرىشىش بەدىلىگە تاماكا ۋە شامپان ھارىقى قاتارلىق قىممەتلىك سوۋغاتلارنى قوبۇل قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2000-نومۇرلۇق دەۋا، «Yedioth Ahronoth» گېزىتىنىڭ نەشرىياتچىسى ئارنون موزېس بىلەن تاراتقۇ جەھەتتىن قوللاشنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئەڭ ئېغىر دەپ قارالغان 4000-نومۇرلۇق دەۋا بولسا، نېتانياھۇنىڭ «Walla» خەۋەر تور بېكىتى ۋە «Bezeq» تېلېگراف شىركىتىنىڭ سابىق خوجايىنى شاۋل ئېلوۋىچكە تاراتقۇ جەھەتتىن قوللاش بەدىلىگە نازارەت قىلىش ۋە باشقا ئالاھىدە ھوقۇقلارنى بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

نېتانياھۇ بارلىق ئەيىبلەشلەرنى رەت قىلىپ، بۇ دەۋانى «جاسۇسلۇق ئوۋچىلىقى» دەپ ئاتىدى.

نېتانياھۇنىڭ سوتى 2020-يىلى 5-ئاينىڭ 24-كۈنى باشلانغان بولۇپ، ئۇ، ئىسرائىلىيە تارىخىدا جىنايى جاۋابكار سۈپىتىدە سوتقا تارتىلغان ۋەزىپە ئۈستىدىكى تۇنجى ئىسرائىلىيەلىك رەھبەر بولۇپ قالدى.

بۇنىڭدىن باشقا، خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ 2024-يىلى 11-ئايدا غەززەدىكى ۋەھشىيلىكلىرى سەۋەبىدىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىشى بىلەن، ئۇ، ئۇرۇش جىنايىتى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلەرنى سادىر قىلىش ئەيىبلەشلىرىگىمۇ دۇچ كەلمەكتە. 2023-يىلى 10-ئايدىن بۇيان غەززەدە كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلاردىن تەشكىل تاپقان 68 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى ئاخىرقى 16 يىلدىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە چىقتى
رۇسىيە: «ھەربىي تەھدىت شەكىللەنگەن ئەھۋالدا ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك يادرو ھۇجۇمى ئېلىپ بارالايمىز»
گېرمانىيەدە تەخمىنەن 450 مەكتەپكە بومبا تەھدىتى بار ئېلخەت ئەۋەتىلدى
باڭلادېش سابىق باش مىنىستىر ھاسىنانى قايتىپ كەلگەن ھامان تۈرمىگە تاشلايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
پ ك ك / ك ج ك ئىراقنىڭ شىمالىدىكى خاكۇركتا يەنە 14 پاناھلىنىش ئورنىنى بوشاتتى
ئامېرىكا دۆلەتلىك ئىستىخبارات دىرېكتورى: سىستېمىلاردا تېخىمۇ كۆپ ئۈزۈلۈش يۈز بېرىشى مۇمكىن
كولومبىيەدىكى بىر باتالىيونغا قىلىنغان ھۇجۇمدا بىر ئەسكەر ئۆلدى، 12 ئەسكەر يارىلاندى
ب د ت بېنغازى پورتىغا قىلىنغان ھۇجۇملاردىن چوڭقۇر ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ترامپ يېڭى يىلدىن كېيىن ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنىڭ قايتا باشلىنىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھىندونېزىيەدىكى ئوت ئاپىتىدە 24 ئادەم قازا قىلدى، ئونلارچە ئادەم يوقاپ كەتتى
غەربىي تىراكيا تۈركلىرى ئاز سانلىق مىللەت مەكتەپلىرىنىڭ تاقىلىشىغا نارازىلىق بىلدۈردى
زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئۈچۈن ئەڭ ئېنىق خەۋپسىزلىك كاپالىتىن ناتوغا ئەزا بولۇش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى