خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
زېلېنىسكىي ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 55 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكىي «فىرانسىيە 2 TV» قانىلىغا بەرگەن باياناتىدا، ئۇرۇش مەيدانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇكرائىنالىق ئەسكەرلەر ئومۇمىي سانىنى 55 مىڭ دەپ مۆلچەرلىدى.
زېلېنىسكىي ئۇرۇشتا قۇربان بولغان ئۇكرائىنا ئەسكەرلىرى سانىنىڭ 55 مىڭغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى
ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنسكىي رۇسىيەنىڭ ئۇرۇشىدا 55 مىڭ ئەسكەرنىڭ قازا قىلغانلىقىنى دېدى. / AP

زېلېنىسكىي سۆزىدە: «مەيلى كەسپىي بولسۇن ياكى سەپەرۋەرلىك بىلەن قوبۇل قىلىنغانلار بولسۇن، ئۇرۇشتا قۇربان بولغانلارنىڭ رەسمىي سانى 55 مىڭدۇر» دېدى. ئۇ يەنە، نۇرغۇن كىشىنىڭ ھېلىھەم ئىز-دېرەكسىز يوقالغانلار تىزىملىكىدە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

ئىستراتېگىيەلىك ۋە خەلقئارالىق تەتقىقاتلار مەركىزى (CSIS) ئېلان قىلغان يېڭى دوكلاتتا بولسا، ئۇرۇشتىكى ئىككى تەرەپنىڭ 2026-يىلى باھارغىچە بولغان جەرياندىكى ئۆلگەن، يارىلانغان ۋە يوقاپ كەتكەنلەر بولۇپ ئومۇمىي تالاپىتىنىڭ ئىككى مىليونغا يېتىشى مۇمكىنلىكى مۆلچەرلەنگەن. دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، رۇسىيە قوزغىغان بۇ ئۇرۇشتا تەخمىنەن 1 مىليون 200 مىڭ رۇس ئەسكىرى ۋە 500 مىڭ بىلەن 600 مىڭغا يېقىن ئۇكرائىنا ئەسكىرى تالاپەتكە ئۇچرىغان.

پۇقرالار ۋە ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ۋەيران بولۇشى

بۇ ئۇرۇش پۇقرالار ئۈچۈنمۇ ئېغىر پاجىئەلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرىچە، 2025-يىلى ئۇكرائىنادا پۇقرالارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ئۇرۇش باشلانغان بىرىنچى يىلدىكىدىن كېيىنكى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكەن. ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئورگىنى 2025-يىلىنىڭ ئۆزىدىلا 2500 دىن ئارتۇق پۇقرانىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 12 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنىڭ يارىلانغانلىقىنى تىزىمغا ئالغان بولسىمۇ، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىن خېلىلا يۇقىرى بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

ئۇكرائىنا مىقياسىدا شەھەرلەر خارابىلىككە ئايلىنىپ، ئېنېرگىيە ئۇل ئەسلىھەلىرى ئارقا-ئارقىدىن ۋەيران قىلىندى، مىليونلىغان ئادەم ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قېچىشقا مەجبۇر بولدى. سانائەت ۋە قاتناش سىستېمىسىنىڭ ئېغىر زىيانغا ئۇچرىشى ئۇكرائىنا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە غايەت زور يۈك بولۇپ قالماقتا.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ