سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى خەۋپ ئاستىدا
ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىيۇن ئېيىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى جازا يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.
00:00
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ رەئىسى: خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى خەۋپ ئاستىدا
خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى خەۋپ ئاستىدا / Reuters

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى رەئىسى ئامېرىكانىڭ جازا تەدبىرلىرى ۋە رۇسىيەنىڭ سوت ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىيۇن ئېيىدا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن بۇ سوت مەھكىمىسىگە جازا يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

مەھكىمىسى خادىملىرى ئۈستىدىن چىقارغان قولغا ئېلىش بۇيرۇقلىرى قاتارلىق تەھدىتلەرنىڭ خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە خەۋپكە ئىتتىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى رەئىسى سوتچى توموكو ئاكانې، سوتنىڭ 124 ئەزاسى قاتناشقان يىللىق يىغىندا قىلغان سۆزىدە، رۇسىيە ياكى ئامېرىكانى بىۋاسىتە تىلغا ئالمىدى، ئەمما سوت مەھكىمىسىنى خەۋپكە ئىتتىرگەنلەرنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزالىرى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى تەپتىشى كەرىم خان يىغىننىڭ ئېچىلىشىدا سۆزلىگەن نۇتقىدا مۇنداق دېدى:

«ھەرقانداق بىر ئۆلچەم، ھەرقانداق بىر پىرىنسىپقا ئاساسەن، بۇ يىغىننىڭ ھالقىلىق بىر مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ناھايىتى ئېنىقتۇر.

دەرۋەقە، بىز نۆۋەتتە مىسلىسىز قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. ئاممىۋى تەشكىلاتلار، ئۇرۇشنىڭ قۇربانلىرى، ھايات قالغانلار ۋە ئومۇمەن ئىنسانىيەت بىزدىن ئادەتتىن تاشقىرى زور ئۈمىدلەرنى كۈتمەكتە، دەپ ئويلايمەن.»

لاھېيدىكى خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقىرىپ ئىككى ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، رۇسىيە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى باش تەپتىشى كەرىم خان ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى چىقاردى.

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىيۇن ئېيىدا، باش تەپتىش خاننىڭ ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى بېنيامىن نېتانياھۇ ۋە سابىق دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يوئاۋ گاللانت ئۈستىدىن قولغا ئېلىش بۇيرۇقى تەلىپىگە جاۋاب قايتۇرۇش يۈزىسىدىن سوتقا جازا يۈرگۈزۈش نىشان قىلىنغان قانۇن لايىھەسىنى قوبۇل قىلدى.

ئادالەت مۇۋاپىق بولمىغان قىيىن شارائىت ئاستىدىكى ئامېرىكا ۋە  خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئوتتۇرىسىدىكى مۈشكۈل مۇناسىۋەت

«ئېغىر جازالار»

 «سوت مەھكىمىسى ئۆزىنىڭ قانۇنىي سالاھىيىتىنى، ئادالەت بەرپا قىلىش كۈچىنى ۋە خەلقئارا قانۇن ھەم ئاساسىي ھەق - ھوقۇقلارنى قوغداش ئىقتىدارىنى يوققا چىقىرىشنى مەقسەت قىلغان ھۇجۇملارغا ئۇچرىماقتا؛ جۈملىدىن مەجبۇرلاش تەدبىرلىرى، تەھدىتلەر، بېسىملار ۋە بۇزغۇنچىلىق ھەرىكەتلىرىگە دۇچ كەلمەكتە» دەيدۇ باش تەپتىش خان ۋە سوت خادىملىرى ئۈستىدىن تېخىمۇ كۆپ قولغا ئېلىش بۇيرۇقلىرى چىقىرىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ سۆزلىرىگە مۇنۇلارنى ئىلاۋە قىلىدۇ:

«خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى يەنە خۇددى بىر تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئوخشاش، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ باشقا بىر دائىمىي ئەزاسىدىن كەلگەن ئېغىر ئىقتىسادىي جازالار ئارقىلىق تەھدىت سېلىنماقتا. بۇنداق جازا تەدبىرلىرى سوت مەھكىمىسىنىڭ خىزمەتلىرىنى تېزلىكتە يوققا چىقىرىدۇ ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە خەۋپكە ئىتتىرىدۇ.

ئامېرىكا خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەزاسى بولمىسىمۇ، ئەمما دۇنيانىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچى سۈپىتىدە خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنى دىپلوماتىك ۋە سىياسىي يوللار بىلەن، خادىملىرى نىشان قىلىنغان ئىقتىسادىي جازا تەدبىرلىرى بىلەن ئاجىزلاشتۇرالايدۇ.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئۆزىنىڭ مۇستەقىل ئورگانلىق سالاھىيىتى ۋە بىتەرەپلىكىگە تەسىر كۆرسىتىش نىشان قىلىنغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇشنى قەتئىي رەت قىلىدۇ.

خىزمىتىمىزنى سىياسىيلاشتۇرۇش تەشەببۇسلىرىنى قەتئىي رەت قىلىمىز. بىز ھەر قېتىم پەقەت قانۇنغا ئۇيغۇن ھالدا ھەرىكەت قىلدۇق، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەردائىم شۇنداق قىلىمىز.»

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سادىر قىلغان ئۇرۇش جىنايەتلىرى، ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتلىرى، ئىرقىي قىرغىنچىلىقلىرى ۋە تاجاۋۇزچىلىق جىنايەتلىرىنى تەكشۈرۈشنى ئۇلار خالىسۇن ياكى خالىمىسۇن قەتئىي تەكشۈرۈش ئۈچۈن 2002-يىلى قۇرۇلغان.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇقرالىرى تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان ياكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ زېمىنىدا باشقا تەرەپلەر تەرىپىدىن سادىر قىلىنغان جىنايەتلەرنى تەكشۈرۈش ھوقۇقىغا ئىگە.

خەلقئارا جىنايى ئىشلار سوت مەھكىمىسىنىڭ 2024-يىللىق خامچوتى تەخمىنەن 197 مىليون دوللار ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى