يېڭى سۈرىيە
2 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ي پ گ بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن قامىشلىغا كىردى
خەۋپسىزلىك كۈچلىرى يەرلىك خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى بىلەن ھاسەكە ۋىلايىتىگە كىردى.خەۋپسىزلىك كۈچلىرى يەرلىك خەلقنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشى بىلەن ھاسەكە ۋىلايىتىگە كىردى.
سۈرىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ي پ گ بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن قامىشلىغا كىردى
سۈرىيە خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ي پ گ بىلەن تۈزۈلگەن كېلىشىمگە ئاساسەن قامىشلىغا كىردى / Reuters

سۈرىيەلىك بىر ئەمەلدار دۈشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ بىلەن ھاسىل قىلىنغان كېلىشىم دائىرىسىدە، سۈرىيەنىڭ شىمالىي شەرقىدىكى ھاسەكە ۋىلايىتىنىڭ يېزا رايونىغا جايلاشقان قامىشلى شەھىرىگە كىرگەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ باياناتلار خەۋپسىزلىك كۈچلىرى شەھەرگە كىرىشكە باشلاپ بىر نەچچە سائەتتىن كېيىن، ھاسەكە ئىچكى خەۋپسىزلىك قوماندانى مەرۋان ئەل-ئەلى تەرىپىدىن Alikhbaria تېلېۋىزىيەسىدە ئېلان قىلىندى.

ئەل ئەلى: «بۈگۈن ھاسەكەگە نۇرغۇنلىغان ئاپتوموبىل ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى خادىملىرى كىردى، ئارقىدىنلا شۇنىڭغا ئوخشاش ئاپتوموبىل ۋە قىسىملار قامىشلىغا كىرىدۇ» دېدى، ئەمما ۋاقىت جەدۋىلى تىلغا ئالمىدى.

ئەل ئەلى يەنە: «كېلىشىم ماددىلىرى ئىجرا قىلىنغاندىن كېيىن، ئاسايىش كۈچلىرى ۋە ي پ گ غا قاراشلىق باشقا خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقى قۇرۇلمىسىغا بىرلەشتۈرۈلىدۇ. ئېنىقسىز ۋەزىيەت سەۋەبىدىن، ئىغۋاگەرچىلىكلەردىن ساقلىنىش ۋە مۇخبىرلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مەقسىتىدە مۇخبىرلارنىڭ ھاسەكە شەھىرىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنمايدۇ» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Türkiye welcomes steps that support peace, stability in Syria: Erdogan

ئەل ئەلى يەنە: «ھاسەكەدە تۇرۇۋاتقان خەۋپسىزلىك كۈچلىرى ھازىرقى ئورۇنلىرىدا قالىدۇ ۋە ئوخشاش كۈچلەر قامىشلىغىمۇ كىرىدۇ» دېدى.

تېلېۋىزىيە قانىلى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەتلەردە، ئىچكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرىنىڭ يەرلىك خەلق تەرىپىدىن قىزغىن قارشى ئېلىنىپ ھاسەكەگە كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ بىر مۇخبىرى، ئىچكى خەۋپسىزلىك ئەترىتىنىڭ سەككىز بروۋنىك خادىم توشۇش ماشىنىسى، تۆت دانە تۆت چاقلىق تارتىش كۈچىگە ئىگە ماشىنا، قۇتقۇزۇش ماشىنىلىرى ۋە كۆچمە ئالاقە بۆلۈملىرىدىن تەركىب تاپقانلىقىنى ئېيتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - YPG terror group attacks civilians in northern Syria in violation of ceasefire agreement

مۇخبىر ئەترەتنىڭ ھاسەكە مەركىزىگە قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنىمۇ سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.

سۈرىيەنىڭ ئىچكى خەۋپسىزلىك كۈچلىرى كېلىشىم رامكىسىدا ئەينۇل ئەرەب ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى شۇيۇخ يېزىسىغىمۇ كىردى.

ھۆكۈمەتنىڭ جۈمە كۈنى تېررورلۇق تەشكىلاتى ي پ گ بىلەن ھاسىل قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان ھەمدە دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشىغا خاتىمە بېرىش ۋە تولۇق بىرلىشىشنىڭ يېڭى بىر باسقۇچىغا ئاساس سېلىشنى مەقسەت قىلىنغان «ئومۇميۈزلۈك كېلىشىم» نىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە بۇ قەدەملەرتاشلاندى.

ئىزدىنىڭ
سۇداندا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى يۈ بەردى
كامبودژادا ئوقۇغۇچىلار ئاپتوبۇسى كۆلچەككە چۈشۈپ كەتتى
كونگو دېموكراتىك جۇمھۇرىيىتىدە ھەربىي سوتنىڭ ھۆكمىنى چىقاردى
رىزائى ترامپنى ئىراننىڭ 7 تۈرلۈك شەرتىنى قوبۇل قىلىشقا چاقىردى
فىرانسىيە تاللا بازارلىرىغا قىلىنغان تور ھۇجۇمىدا ئىراننى ئەيىبلىدى
ترامپ ھازىرچە ئىرانغا ھەربىي ھەرىكەت قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلۇقىنى ئېيتتى
ئاتاتۈرك خاتىرە سارايىدا بۈيۈك رەھبەر ئاتاتۈرك ئۈچۈن دۆلەت مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركىيە بىلەن ئۆزبېكىستان مۇھىت ئاسراش ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئەردوغان: ئارىمىزغا سوغۇقچىلىق سالماقچى بولغانلار خەلقلىرىمىزنىڭ قەتئىي ئىرادىسىنى نەزەرگە ئالمىدى
خىتاي ئامېرىكا مەھسۇلاتلىرىغا قوشۇمچە تاموژنا بېجى قويۇشنى كېچىكتۈرۈش مۇددىتىنى يەنە 2 ئاي ئۇزارتتى
31- نۆۋەتلىك ب د ت كىلىمات ئۆزگىرىشى يىغىنىغا ئالتە قىتئەدىن جەمئىي 102 نەپەر رەھبەر قاتنىشىدۇ
رۇبىيو: ئىران بىلەن دىپلوماتىك كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالدىن يىراق
ترامپ خىتايدا پۇتىن ۋە شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشۈشى مۇمكىن
ئارگېنتىنادا پاپا 14-لېئونى ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سالغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر كىشى تۇتقۇن قىلىندى
فىرانسىيە: ياۋروپامۇ ئەبۇ زەبىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان رۇسىيە-ئۇكرائىنا سۆھبىتىگە قاتنىشىدۇ