30 avril 2025
خىتاي ئامېرىكانىڭ تېخنىكىلىق چەكلىمىلىرىدىن قۇتۇلۇپ، يەر شارى ئۆزەك رىقابىتىدە يول تاپالامدۇ؟
خىتاينىڭ خۇاۋېي تېخنىكا شىركىتى ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىلغار سۈنئىي ئەقىل پىروگراممىسىنى سىناق قىلىشقا تەييارلىق قىلماقتا. خۇاۋېي ئامېرىكانىڭ ئەڭ داڭلىق ئۆزەك ئىشلەپچىقارغۇچىسى ئېنۋىدىيا (Nvidia) نىڭ ئۆزەكلىرى بىلەن رىقابەتلىشىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
خۇاۋېينىڭ «Ascend 910D» دېيىلىدىغان ئۆزىكى ھازىرچە تەرەققىيات باسقۇچىدا بولسىمۇ، خەلقئارادا دىققەت قوزغىماقتا. خۇاۋېي بۇ ئۆزەكنىڭ ئىقتىدارىنى سىناق قىلىش ئۈچۈن باشقا خىتاي شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشقا باشلىدى، چۈنكى ئۇ ئېنۋىدىيانىڭ سۈنئىي ئەقىل ئۆزىكى بىلەن بىلەن رىقابەتلىشىدۇ.
ئامېرىكانىڭ داڭلىق تېخنىكا شىركىتى ئېنۋىدىيانىڭ يۇقىرى ئىقتىدارلىق ئۆزەكلىرىنى خىتايغا ئېكسپورت قىلىش چەكلەنگەن بولۇپ، بۇ ئامېرىكانىڭ بېيجىڭنىڭ تېخنىكا دۇنياسىدىكى يۈكسېلىشىنى ئاستىلىتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرىنىڭ بىر قىسمى. لېكىن، تەنقىدچىلەر بۇ ھەرىكەتنىڭ تەتۈر ئۈنۈم بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
«سېمى ئانالىز» (SemiAnalysis) نىڭ باش تەھلىلچىسى دىلان پاتېل (Dylan Patel) ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى ئۆزەك ئېكسپورتى چەكلىمىلىرىنى «بۇرنىنىڭ ئۇچىنى كۆرۈش» دەيدۇ.
خۇاۋېينىڭ باشقۇرغۇچىلىرى «910D» نىڭ بەزى جەھەتلەردە «H100» دىن ياخشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلماقتا. دەسلەپكى نۇسخىلارنى سىناق قىلغان شىركەتلەر ئۇنىڭ ئىقتىدارىنى تولۇق تەكشۈرۈپ بولالمىدى. ماي ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە بىر تۈركۈم ئۈلگە ئۆزەكلەرنىڭ بازارغا سېلىنىشى كۈتۈلمەكتە.
«سېمى ئانالىز» نىڭ مۇتەخەسسىسى ئا.ج كوۋرابى (AJ Kourabi): « بۇ بىر مۇھىم تەرەققىيات، چۈنكى بۇرۇن خىتاي شىركەتلىرى چوڭ كۆلەمدە سۈنئىي ئەقىلنى ئۆگىتىش ۋە مودېل ئۈچۈن ئېنۋىدىيانىڭ ئۆزەكلىرىنى ئىشلىتىشكە مەجبۇر ئىدى. خۇاۋېينىڭ ئۆزەك ئىشلەپچىقىرىشى شىركەتنىڭ مەشغۇلات مۇستەقىللىقىغا پايدىلىق. بۇ ئەھۋال خىتاي شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىگە يېتىشىۋېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقى ئۈچۈن <يوشۇرۇن خەۋپ> دەپ قارالدى. خۇاۋېينىڭ تۈرلۈك چەكلىمىلەر ئاستىدىمۇ ئىلگىرىلىشى، باشقا ساھەلەردىمۇ دىققەت قوزغاشقا باشلىدى. ئۆتكەن يىل (2024) نىڭ ئاخىرلىرىدا <Mate 7> تېلېفونىنى بازارغا سېلىپ زور تەسىر پەيدا قىلدى. بۇ تېلېفونلارغا يېڭىدىن تەرەققىي قىلدۇرۇپ ياسالغان <HiSilicon> ئۆزەكلىرى سەپلەنگەن» دەيدۇ.
بۇ ئىلگىرىلەش ۋاشىنگتوننىڭ ئۆزەك چەكلىمىلىرى خۇاۋېينىڭ ئۆزەك ياساش ئارزۇسىنى زور دەرىجىدە توسۇپ قالىدۇ، دەپ ئويلىغان كەسىپ كۆزەتكۈچىلىرىنى ھەيران قالدۇردى. بىراق، يېقىنقى تەرەققىياتلار بۇ كۆز قاراشلارنى ئۆزگەرتىۋەتتى. ھازىر خۇاۋېينىڭ دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تېخنىكا شىركەتلىرىگە جەڭ ئېلان قىلىش ئىقتىدارىغا بولغان ئىشەنچ پەقەت خىتاي بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى.
ئۆتكەن ئايدا، ئېنۋىدىيانىڭ تەيۋەنلىك – ئامېرىكا پۇقراسى ۋە شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى جېنسېن خۇاڭ خۇاۋېينى «خىتايدىكى ئەڭ كۈچلۈك تېخنىكا شىركىتى» دەپ ئاتاپ مۇنداق دېدى: « ئۇلار ھەر بازاردا غەلىبە قىلدى. بۇ شىركەتنى چەكلەش ھەرىكەتلىرى ياخشى ئەمەس، چۈنكى ئۇلار چەكلىمە تەدبىرلىرىنى مەغلۇب قىلدى.»
ئۇنىڭ سۆزلىرى ئېنۋىدىيانىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ تەخمىنەن %20 دىن %25 كىچە بولغان قىسمىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتقاندا، تېخىمۇ ئەھمىيەتكە ئىگە.
تەۋسىيە