ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى ترامپقا ئالاقىدار ئېپىشتېين ھۆججەتلىرىنى يوشۇردى
دېموكراتلار ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ترامپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئېپىشتېين ھۆججەتلىرىنى يوشۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
ۋەكىل روبېرت گارسيا: «ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئېھتىماللىققا ئىگە بىر ھۇجۇمىنىڭ بىۋاسىتە دەلىللىرىنى يوشۇرۇش، بۇ ئاقساراينىڭ يوشۇرۇش ھەرىكىتى ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر» دېدى.
ۋەكىللەر پالاتاسى نازارەتچىلىك كومىتېتىدىكى دېموكراتلار، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك «ئېپىشتېين ھۆججەتلىرى» نى يوشۇرۇش ۋە يوقىتىش بىلەن ئەيىبلىدى.
كومىتېتنىڭ ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك دېموكرات ئەزاسى ۋەكىل روبېرت گارسيا، سەيشەنبە كۈنى گۇرۇپپىنىڭ دېموكرات ئەزالىرىنىڭ ھەپتىلەردىن بېرى «2019-يىلى دونالد ترامپقا قارشى بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان دەۋالارنىڭ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى (FBI) تەرىپىدىن قانداق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى» بىلدۈردى.
گارسيا مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن مەن ئەدلىيە مىنىستىرلىقىدىكى چەكلىمىگە ئۇچرىمىغان دەلىل-ئىسپات خاتىرىلىرىنى تەكشۈردۈم. نازارەتچى دېموكراتلار، ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پىرېزىدېنت ترامپنى يىرگىنچلىك جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن بۇ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى بىلەن ئېلىپ بارغان FBI سۆھبەت خاتىرىلىرىنى قانۇنسىز ھالدا يوشۇرغانلىقىنى جەزملەشتۈرەلەيدۇ. نازارەتچى دېموكراتلار بۇ مەسىلىدە پاراللېل بىر تەكشۈرۈش باشلايدۇ. ئامېرىكا پىرېزىدېنتىنىڭ ئېھتىماللىققا ئىگە بىر ھۇجۇمىنىڭ بىۋاسىتە دەلىللىرىنى يوشۇرۇش، بۇ ئاقساراينىڭ يوشۇرۇش ھەرىكىتى ئىچىدىكى ئەڭ ئېغىر جىنايەتتۇر».
رادىيو شىركىتى NPR ئىلگىرى ئەدلىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ھۆججەتلەرنى ساقلاپ قالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولۇپ. ھۆججەتلەرنىڭ ئىچىدە ترامپنى ئۆزىگە چىقىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئايال بىلەن ئېلىپ بېرىلغان 50 بەتلىك FBI سۆھبەت خاتىرىسى ۋە قەيتلىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
NPR مەزكۇر بەتلەرنىڭ ئالدى-كەينىدە كۆرۈنىدىغان «بىر قانچە ئۆزگىچە تەرتىپ نومۇرى توپلىمى» نى تەكشۈرگەنلىكىنى ۋە بۇ بەتلەرنىڭ ئەدلىيە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن تىزىملىككە ئېلىنغانلىقىنى، ئەمما ئاشكارىلىنىشى مەجبۇرىي بولغان بىر قانۇنغا قارىماي جەمئىيەتكە ئاشكارىلانمىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
رادىيو قانىلى جىنسىي پاراكەندىچىلىككە ئۇچرىغانلارنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق ھەققىدىكى ئىچكى سىياسىتى سەۋەبىدىن، مەزكۇر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىمىدى.
ئېپىشتېيننى ئەيىبلىگۈچىلەر ترامپنىڭ نۇتقىغا تەكلىپ قىلىنغانلار ئارىسىدا
30-يانۋاردا ئامېرىكا ئەدلىيە مىنىستىرلىقى، ئۆتكەن يىلى نويابىردا ئىككى پارتىيەنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە ترامپنىڭ چېكىنىشىدىن كېيىن قانۇنلاشقان «ئېپىشتېين ھۆججەتلىرى سۈزۈكلۈك قانۇنى» دائىرىسىدە 3 مىليون بەتتىن ئارتۇق ھۆججەت، 2000 سىنئالغۇ ۋە 180 مىڭدىن ئارتۇق سۈرەتنى ئېلان قىلدى.
بۇ ھۆججەتلەر ئارىسىدا چوڭ كېڭەش خاتىرىلىرى ۋە تەكشۈرۈش قەيتلىرى بار، ئەمما نۇرغۇن بەتلەر بويالغان (يەنى ئوقۇغىلى بولمايدىغان قىلىپ قويۇلغان). ئېپىشتېين زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ يېقىنلىرى، بۇ ئاشكارىلانغان ماتېرىياللارنىڭ قانۇن تەلەپ قىلغان سەۋىيەدىن تۆۋەن ئىكەنلىكىنى ۋە مۇھىم ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئېپىشتېيىن 2019-يىلى نىيۇيوركتىكى بىر تۈرمىدە، قۇرامىغا يەتمىگەن قىزلارغا ئائىت فېدېراتسىيە ئادەم ئەتكەسچىلىكى جىنايەتلىرى بىلەن سوتلىنىشنى كۈتۈۋاتقان مەزگىلدە ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان ئىدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، سەيشەنبە كۈنى دونالد ترامپنىڭ نۇتقى جەريانىدا ۋەكىللەر پالاتاسى زالىنىڭ ئۈستىدىكى ئالاھىدە كۆزۈتۈش ئورۇنلىرىدا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلىنغانلار ئارىسىدا ئېپىشتېيننى ئەيىبلىگەن بىر قانچە كىشىمۇ بار.
ئۆتمۈشتە جىنسىي جىنايەت بىلەن جازالانغان ئېپىشتېيننى پاراكەندىچىلىك بىلەن ئەيىبلىگەن ھالېي روبسون (Haley Robson)، كالىفورنىيەدىن دېموكرات ۋەكىل رو خاننانىڭ مېھمىنى بولىدۇ.
يەنە بىر ئېپىشتېين زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسى دانى بېنسكى (Dani Bensky) بولسا كېڭەش پالاتاسى دېموكراتلار رەھبىرى چاك شۇمېرنىڭ مېھمىنى سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ.
مارىلاندتىن دېموكرات ۋەكىللەر جامى رەسكىن ۋە ۋىرگىنىيەدىن سۇھاس سۇبرامانيام، ئېپىشتېين زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىسى ۋىرگىنىيە گىيۇفرېنىڭ ئاكىسى ۋە يەڭگىسى بولغان سكايد ۋە ئاماندا روبېرتسنى تەكلىپ قىلدى. ۋىرگىنىيە گىيۇفرې 2025-يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىپ ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.