نىگېرىيەدە كاتولىك مەكتىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 50 ى قېچىپ قۇتۇلدى

نىگېرىيەدىكى مەريەم ئانا كاتولىك مەكتىپىدىن قاچۇرۇلغان 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىدىن 50 ى قېچىپ قۇتۇلۇشقا مۇۋەپپەق بولدى.

By
نىگېرىيەدە كاتولىك مەكتىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئوقۇغۇچىلاردىن 50 ى قېچىپ قۇتۇلدى / Reuters

نىگېرىيە خىرىستىيانلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بۇلۇس يوھاننانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوقۇغۇچىلار جۈمەنى شەنبىگە تۇتاشتۇرغان كېچىسى قېچىپ، ئائىلىلىرى بىلەن قايتا جەم بولغان.

نىگېرىيە خىرىستىيانلار بىرلەشمىسى ئالدىنقى ھەپتە بىر نىگېرىيە كاتولىك مەكتىپىدىن قاچۇرۇلغان 300 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىدىن 50 ىنىڭ قېچىپ قۇتۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.

نىگېرىيە خىرىستىيانلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى بۇلۇس يوھاننا يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمەنى شەنبىگە تۇتاشتۇرىغان كېچىسى قاچقانلىقىنى ۋە ئائىلىلىرى بىلەن قايتا جەم بولغانلىقىنى ئېيتتى.

 يوھاننا 12 سى مەكتەپ خادىمى بولۇپ يەنە 250 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاچۇرغۇچىلارنىڭ قولىدا ئىكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

قوراللىق كىشىلەر جۈمە كۈنى دۆلەتنىڭ غەربىي شىمالىدىكى مەريەم ئانا مەكتىپىدىن ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچىلارنى تۇتۇپ كەتتى. ئوخشاش ۋەقەلەر كۆپ يۈز بېرىدىغان نىگېرىيەدە مەيدانغا كەلگەن بۇ ئادەم قاچۇرۇش ھەرىكىتى ھۆكۈمەتنى بۇ ھەپتە 47 مەكتەپنى تاقاشقا مەجبۇر قىلدى.

پاپا لېيو يەكشەنبە كۈنى قاچۇرۇلغان بالىلار ۋە خادىملارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى. بۇ ۋەقە رايوندىكى ئەڭ ئېغىر كوللېكتىپ ھالدا ئادەم قاچۇرۇش ۋەقەلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

پاپا لېيو رىمدىكى ئەزىز پېترۇس مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن دىنىي مۇراسىمنىڭ ئاخىرىدا: «گۆرۈگە ئېلىۋېلىنغانلارنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن چىن دىلىمدىن چاقىرىق قىلىمەن» دېدى.

 بۇ كوللېكتىپ ھالدا ئادەم قاچۇرۇش ۋەقەسى ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ نىگېرىيەدە خىرىستىيانلارنىڭ زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلىشىدىن كېيىنلا يۈز بەردى. نىگېرىيە ھۆكۈمىتى بۇ باياناتنى ھەقىقەتنىڭ بۇرمىلىنىشى دەپ ئاتاپ رەت قىلغان ۋە تېررورچىلارنىڭ ھەم مۇسۇلمانلارغا ھەم خىرىستىيانلارغا ھۇجۇم قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.