خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ھەربىي ئاپتوموبىللار ۋە تانكىلار بىلەن سۈرىيەنىڭ قۇنەيترا رايونىغا بېسىپ كىردى
سۈرىيە تاراتقۇلىرى، ئىسرائىلىيە قىسىملىرىنىڭ تال ئەل-ئەخمەردە ئىسرائىلىيە بايرىقىنى تىكلىگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ھەربىي ئاپتوموبىللار ۋە تانكىلار بىلەن سۈرىيەنىڭ قۇنەيترا رايونىغا بېسىپ كىردى
ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ھەربىي ئاپتوموبىللار ۋە تانكىلار بىلەن سۈرىيەنىڭ قۇنەيترا رايونىغا بېسىپ كىردى / Reuters

سۈرىيە تاراتقۇلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ھەربىي قىسىملىرى شەنبە كۈنى تانكا ۋە بىرونېۋىكلار بىلەن سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا يېزىلىرىغا كىرىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلغان.

دۆلەت تېلېۋىزىيەسى Al-Ikhbariya TV نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىككى تانكا ۋە ئىككى ھەربىي ئاپتوموبىل بىلەن غەربتىن تال ئەل-ئەخمەر يۆنىلىشىدە شەرققە قاراپ ھەرىكەت قىلىپ، رايوندا ئىسرائىلىيە بايرىقىنى ئاچقان ۋە كېيىنچە چېكىنىپ چىقپ كەتكەن.

مەزكۇر ئاخبارات ئورگىنى، ئالتە ئاپتوموبىللىق بىر ئىسرائىلىيە چارلاش ئەترىتىنىڭ يەنە ئاجام، بارىقا ۋە زۇبەيدانىڭ شەرق ۋە غەربىي قىسىملىرىغا كىرگەنلىكىنى، ئۈچ ھەربىي ئاپتوموبىلدىن تەركىب تاپقان باشقا بىر گۇرۇپپىنىڭ بولسا، ئەين زىۋان ۋە ئەبۇ قۇبەيس يېزىلىرىغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ياكى سۈرىيە دائىرىلىرى بۇ مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك دەرھال بىرەر بايانات ئېلان قىلمىدى.

قۇنەيترادىكى ئىسرائىلىيە ھۇجۇملىرى يېقىندا كەسكىنلەشتى. يەرلىك خەلق، تېرىلغۇ يەرلەرگە زىيان يەتكۈزۈلگەنلىكىدىن، يۈزلىگەن مو ئورمانلىقنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىدىن، ئاھالىلەرنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشىدىن ۋە ھەربىي تەكشۈرۈش پونكىتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن شىكايەت قىلماقتا.

ھۆكۈمەتنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 2024-يىلى دېكابىردىن بۇيان سۈرىيەگە 1000 دىن ئارتۇق ھاۋا ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان ۋە جەنۇبىي ۋىلايەتلەرگە 400 دىن ئارتۇق چېگرا ھالقىغان ھەربىي ھەرىكەتلەرنى قىلغان.

2024-يىلىنىڭ ئاخىرىدا بەششار ئەسەد رېجىمىنىڭ يىمىرىلىشىدىن كېيىن، ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ گولان ئېگىزلىكىدىكى ئىشغالىيىتىنى قورالسىزلاندۇرۇلغان بۇففېر رايونىنى قولغا كىرگۈزۈش ئارقىلىق كېڭەيكەن ئىدى. بۇ قەدەم 1974-يىلدىكى كۈچلەرنى ئايرىش كېلىشىمىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Israeli military escalates incursion into Syria's Quneitra, setting up checkpoint
ئىزدىنىڭ
زېلېنسكىي كىيېۋ رايونىغا قىلىنغان راكېتا ھۇجۇمىدا 6 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرى ئەرسوي دوكتور سادىق ئەھمەتنى ئەسلىدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئايا سوفىيا جامەسى ھەققىدە ئۇچۇر ھەمبەھرىلىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى رۇسىيەلىك ۋە پاكىستانلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن كۆرۈشتى
رۇسىيەدىكى «ۋايلدبېررىس» ئامبىرىغا قىلىنغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا  ئاپپاراتى ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراننىڭ ھەربىي ئورۇنلىرىغا يېڭىدىن زەربە بەردى
ئامېرىكا 60 تىن ئارتۇق دۆلەتكە يېڭى تاموژنا بېجى قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى