خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىقنىڭ ئۆزىنى «ياخشى ھېس قىلدۇرغانلىقى»نى ئېيتتى.
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
كاتز ئىسرائىلىيە 2005-يىلى بۇ رايوندىن چېكىنىپ چىقىشتىن بۇرۇن غەززەنىڭ شىمالىدا مەۋجۇت بولغان ئورۇنلاردا ئۈچ «ناھال» پونكىتى قۇرۇش نىيىتى بارلىقىنى بىلدۈردى. / Reuters Archive

ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى ئىسرائىل كاتز قورشاۋ ئاستىدىكى غەززەدە يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك ۋەيرانچىلىقنىڭ ئۆزىنى «ياخشى ھېس قىلدۇرغانلىقى»نى ئېيتتى ھەمدە بۇ ئەھۋالغا تەھدىتلەرنى يوقىتىش مەقسىتىدە «قەستەن يولغا قويۇلغان سىياسەت»نىڭ نەتىجىسى دەپ باھا بېرىپ، غەززەنىڭ شىمالىدا دائىمىي يەھۇدىي ئولتۇراق رايونلىرى قۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيەنىڭ «14-قانال» (Channel 14) تېلېۋىزىيەسىدە كۆرسىتىلگەن غەززەنىڭ شىمالىدىكى زىيارەت جەريانىدا بەرگەن باياناتىدا كاتز، رايوندىكى ھەربىي كۈچلەر ئۈچۈن ئۈچ ئولتۇراقلىشىش بازىسى قۇرۇش پىلانىنى ئېلان قىلدى. ئۇ غەززەدىكى ۋەيرانچىلىقنى كۆزىتىش جەريانىدا، قانداق ھېس – تۇيغۇدا بولۇۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى سوئالغا «ياخشى بىر تۇيغۇ، شۇنداقمۇ؟» دەپ جاۋاب بەردى.

كاتز ئىسرائىلىيەنىڭ ۋاقىتلىق ۋە تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشقا تايىنىدىغان ئىلگىرىكى ئىستراتېگىيەسىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ: «ئارمىيە كىرىپ-چىقىپ تۇرۇشنىڭ ئورنىغا ئىچكىرىدە قالىدۇ. تېررورچىلار سىرتتا شۇنداقلا ئۆيلەر ۋەيران قىلىنغان ھالەتتە تۇرىدۇ» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

غەززەدە دائىمىي يەھۇدىي ئولتۇراق رايونى پىلانى

«14-قانال» نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، زىيارەتنىڭ ئەڭ دىققەت تارتىدىغان تەرەپلىرىدىن بىرى كاتزنىڭ غەززەنىڭ شىمالىدا دائىمىي يەھۇدىي مەۋجۇتلۇقىنى تۇرغۇزۇش تەكلىپى بولغان.

كاتز ئىسرائىلىيە 2005-يىلى غەززەدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشتىن ئىلگىرى رايوننىڭ شىمالىدا مەۋجۇت بولغان نۇقتىلاردا ئۈچ دانە «ناھال» (Nahal) ئىلگىرىلەش پونكىتى قۇرۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئېيتتى. «ناھال» بازىلىرىنىڭ يېڭى ئولتۇراق رايونلارنى قۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان ھەربىي كۈچلەر بىلەن ئالاقىسى بار بىر گۇرۇپپا ئىكەنلىكى مەلۇم.

مەزكۇر قەدەمنىڭ بىخەتەرلىك سەۋەبلىرى بىلەن زۆرۈر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن كاتز، بۇنىڭ ۋاقتى كەلگەندە ئىسرائىلىيەنىڭ كونتروللۇقىنى ۋە ئەتراپتىكى ئاھالىلەرنىڭ مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئىسرائىلىيە 2023-يىلى ئۆكتەبىردىن بۇيان قامال ئاستىدىكى رايوندا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە بالىلار بولۇپ 73 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى شۇنداقلا 173 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنى يارىلاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە رايوننىڭ زور بىر قىسمىنى خارابىلىككە ئايلاندۇرۇپ پۈتكۈل نوپۇسنى ئۆي-ماكانلىرىدىن سۈرگۈن قىلدى.

ئىزدىنىڭ
بېيجىڭدا شىددەتلىك يامغۇر سەۋەبىدىن ساياھەت رايونلىرى تاقالدى. ئاپتوبۇس مۇلازىمەتلىرى توختىتىلدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ مۇزاكىرە مەسىلىسىدە ئىرانغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى
خۇسىيلار بابۇل مەندەپتە سودا پاراخوتى ۋە قۇتقۇزۇش ئەترەتلىرىگە ھۇجۇم قىلدى
لىۋان پارلامېنتى دۆلەتتە ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشىنى تەستىقلىدى
سۈرىيە سوتى ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بەششار ئەسەدنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى نەقۋى ئىراندا زىيارەتتە بولدى
ئاۋسترالىيە ۋە ۋېتنام كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىكلىرىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسىدە كېلىشتى
ئەردوغان ئاۋسترىيە باش مىنىستىرى شتوككېر بىلەن ئورتاق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى
مىنىستىر خاقان فىدان لىۋاندا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاينىڭ سۈنئىي ھەمراھنى ئوربىتىغا ئېلىپ ماڭغان راكېتاسى ھاۋادا پارتلاپ كەتتى
ياپونىيە ئورۇن بېكىتىش سۈنئىي ھەمراھىنى ئېلىپ ماڭغان H3 راكېتاسىنى ئۇتۇقلۇق قويۇپ بەردى
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»