خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئالبانىيە تىكتوكقا: «بلوك قىلىندىڭ!» دېدى
ئەمەلدارلار ياشلارنىڭ زوراۋانلىقىدىكى رولى ئۈچۈن ئەپنى چەكلەشنى بۇيرۇدى، ئۆكتىچىلەر بۇنى سايلامدىن ئىلگىرىكى سىياسىي ھەرىكەت دەپ قارىماقتا.
00:00
ئالبانىيە تىكتوكقا: «بلوك قىلىندىڭ!» دېدى
تىكتوك چەكلەندى / AA

ئالبانىيە دائىرىلىرى بارلىق تور مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە پەيشەنبە كۈنىگىچە تىكتوكقا كىرىشنى چەكلەشنى بۇيرۇدى. تەمىنلىگۈچىلەر پىروگرامما بىلەن مۇناسىۋەتلىك IP ئادرېسلىرى ۋە DNS مۇلازىمېتىرلىرىنى توسۇشى كېرەك.

ئېلېكترونلۇق ۋە پوچتا ئالاقە ئورگىنىنىڭ باياناتىغا ئاساسلانغاندا، باش مىنىستىر ئەدى راما، دېكابىردا، ئىجتىمائىي تاراتقۇدا باشلانغان توقۇنۇشنىڭ پايتەخت تىراندىكى بىر مەكتەپنىڭ يېنىدا 14 ياشلىق ئوقۇغۇچىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ يارىلىنىشى بىلەن ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بۇ چەكلىمىنى تۇنجى قېتىم ئېلان قىلغان.

تىكتوك توختىماي سىيرىلغان ئىنتايىن قىسقا فىلىملەر بىلەن ياشلار ئارىسىدا زور مەستانىلەر توپىغا ئىگە ھەمدە دۇنيا مىقياسىدا 1مىلياردتىن ئارتۇق ئاكتىپ ئابونتلىرى بار.

لېكىن، خىتايغا تەۋە بۇ مۇنبەر دائىم تالاش-تارتىشلارغا دۇچار بولۇپ كەلمەكتە.

بۇ يۇمتال ئامېرىكادا جاسۇسلۇق قىلىش بىلەن ئەيىبلەنمەكتە ھەمدە ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرىپىدىن رۇمېنىيەنىڭ پىرېزىدېنتلىق سايلىمىغا ئوڭ قانات كاندىداتنىڭ پايدىسىغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدىكى ئەيىبلەشلەرگە چېتىلىپ تەكشۈرۈش ئاستىدا تۇرماقتا.

لېكىن، ئالبانىيەدە دائىرىلەر تىكتوكنى زوراۋانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن ئەيىبلەپ تەنقىد قىلدى، بۇ مەكتەپلەردىكى جېدەللەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

لېكىن ئۆكتىچىلەر، بۇ چەكلەشنىڭ مايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان پارلامېنت سايلىمى ئالدىدا سەپەرۋەرلىك پائالىيەتلىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ نارازىلىق چاقىرىقىدا بولدى.  

دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا، تىكتوك ئىشلەتكۈچىلەرنى ئېنىقسىز بىر ئالگورىزىم ئارقىلىق مەزمۇن سىلولىرىغا قاماپ قويۇش ۋە يالغان ئۇچۇرلاردىن باشقا يەنە قانۇنسىز، زوراۋانلىق ياكى ئەخلاقسىز مەزمۇنلارنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن دائىم ئەيىبلىنىىپ كەلمەكتە، بولۇپمۇ ياشلار ئارىسىدا.

نۇرغۇن دۆلەتلەر، پاكىستان، نېپال ۋە يېڭى كالېدونىيە زېمىنىدىكى فىرانسىيە قاتارلىقلارمۇ ھەر خىل مۇددەت ئۈچۈن تىكتوكنى چەكلىمەكتە.

ئون نەچچە ھەقىقىي تەكشۈرۈش ئورگىنى، يوشۇرۇن خاتا ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان فىلىملەرنى دەلىللەش ئۈچۈن تىكتوك تەرىپىدىن بىر قانچە دۆلەتتە ھەقلىق ياللانماقتا.

مەنبە:TRT Uygur
ئىزدىنىڭ
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەززەدىكى بىر قىسىم ئۆي ۋە ئورۇنلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيەلىك مىنىستىرنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىگە كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈردى
بەھرەين ۋە كۇۋەيتتە ئاگاھلاندۇرۇش سىگناللىرى چېلىنىپ، خەلق بىخەتەر رايونلارغا كېتىشكە چاقىرىلدى
ئىران: «كۆزگە كۆز» ئۆچ ئالىمىز
تۈركىيە دۆلەتلىك ئاياللار ۋالىبول كوماندىسى 4 كۈچلۈك كوماندىنىڭ بىرىگە ئايلاندى
خىتاي تەيۋەن بوغۇزىدا ئىككى كۈنلۈك ھەربىي مانېۋىر باشلىدى
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى