ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ 6 ئەسكىرى ئۆلدى

ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى (CENTCOM) ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ 6 ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، ئۆلگەنلەرنىڭ سالاھىيىتىنىڭ يېقىنلىرىغا خەۋەر قىلىنىپ 24 سائەتتىن كېيىن ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

By
ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملار باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ 6 ئەسكىرى ئۆلدى / AP

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى  ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان بىرلەشمە ھۇجۇملىرى جەريانىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان يەنە ئىككى ئەسكەرنىڭ جەسىتىنىڭ تېپىلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ  دۈشەنبە كۈنى ئاممىۋى ئورتاقلىشىش تور بېتى X سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان باياناتىدا مۇنداق دېيىلدى:

«2-مارت كۈنى شۇ جاي واقتى سائەت 16:00 (خەلقئارا ئۆلچەملىك ۋاقىت يەنى گىرىنۋىچ ۋاقتى 21:00) غىچە، ئامېرىكانىڭ ئالتە ئەسكىرى جەڭدە ھاياتىدىن ئايرىلدى. ئامېرىكا كۈچلىرى ئىراننىڭ رايوندىكى دەسلەپكى ھۇجۇملىرى جەريانىدا زەربىگە ئۇچرىغان بىر ئەسلىھەدە ئىلگىرى يوقاپ كەتكەن دەپ مەلۇم قىلىنغان ئىككى ئەسكەرنىڭ جەسىتىنى يېقىندا تاپتى.»

باياناتتا «كەڭ كۆلەملىك جەڭ ھەرىكەتلىرى» نىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقى ۋە ئەسكەرلەرنىڭ سالاھىيىتىنىڭ يېقىنلىرىغا خەۋەر بېرىلگەندىن كېيىنكى 24 سائەت ئىچىدە ئېلان قىلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابى دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن تەرەپلەردە، ئىراننىڭ دەسلەپكى ھۇجۇملىرىدا ئېغىر يارىلانغان بىر ئەسكەردىن كېيىن، ئامېرىكانىڭ تۆت ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا تېلېۋىزىيە قانىلى CBS News بىر ئامېرىكا ئەمەلدارى ۋە مەسىلىدىن خەۋەردار بىر مەنبەگە ئاساسەن، ئالتە ئەسكەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ھەپتە ئاخىرىدا ئىران ئېلىپ بارغان شۇ قېتىملىق قايتۇرما زەربە بېرىش ھۇجۇمى نەتىجىسىدە كۇۋەيتتە ئۆلگەنلىكىنى خەۋەر قىلدى.

ئىلگىرىكى مەلۇماتلاردا، شەنبە كۈنى ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان بىرلەشمە ھۇجۇملىرى باشلانغاندىن بۇيان، ئامېرىكانىڭ 18 ئەسكىرىنىڭ يارىلانغانلىقى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.

بۇ ھۇجۇملار « ئېپىك غەزەپ ھەرىكىتى» دەپ ئاتالدى.

ھۇجۇملاردا دىنىي رەھبەر ئەلى خامىنېينىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراننىڭ نۇرغۇنلىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى. تېھران بولسا رايوندىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا نۇرغۇنلىغان پارىس قولتۇقى دۆلەتلىرىنى نىشان قىلغان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرى بىلەن قايتۇرما زەربە بەردى.