ئامېرىكانىڭ غەززە پىلانىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تەستىقلىنىشىغا قارىتا ئىنكاسلار

بەزى دۇنيا رەھبەرلىرى ئامېرىكانىڭ غەززە پىلانىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تەستىقلىشى قارارىنى «تىنچلىققا ئېلىپ بارىدىغان يول» دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر بۇ قارارنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

By
ئامېرىكانىڭ غەززە پىلانىنىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە تەستىقلىنىشىغا قارىتا ئىنكاسلار / Reuters

دۇنيا رەھبەرلىرى ئامېرىكا قوللىغان غەززە قارار لايىھەسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن تەستىقلىنىشىغا ئىنكاس قايتۇردى. بۇ قارار لايىھەسى غەززەنى باشقۇرۇش، قايتا قۇرۇش ۋە بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىدىغان خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قىسمى قۇرۇشنى نىشان قىلىدۇ.

 قارار لايىھەسى 13 ئاۋاز بىلەن ماقۇللاندى؛ خىتاي بىلەن رۇسىيە بولسا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىدىن ۋاز كەچتى.

 بەزى دۆلەتلەر مەزكۇر قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويۇشنى تىنچلىققا ئېلىپ بارىدىغان يول ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم دەپ قارىسا، يەنە بەزىلەر لايىھەنىڭ ئېنىق ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، ئەندىشەلىرىنى بىلدۈردى.

 بەزى ئىنكاسلار تۆۋەندىكىچە:

 پەلەستىن ھۆكۈمىتى

 ۋافا خەۋەر ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا بىلدۈرۈلۈشىچە،  پەلەستىن ھۆكۈمىتى قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالغان ۋە دەرھال ئىجرا قىلىنىشىنى تەلەپ قىلغان.

پەلەستىن دۆلىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قارار لايىھەسىدە غەززە رايونىدا ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە كەڭ دائىرىلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى، ئىنسانىي ياردەمنىڭ توسالغۇسىز يەتكۈزۈلۈشى ۋە پەلەستىن خەلقىنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھەم مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھوقۇقىنىڭ قاتارلىق نۇقتىلارنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پەلەستىن ھۆكۈمىتى يەنە، قارار لايىھەسىنىڭ دەرھال ئىجرا قىلىنىشى، نورمال تۇرمۇشقا قايتىشنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، غەززەدىكى خەلقنىڭ قوغدىلىشى، مەجبۇرىي كۆچۈرۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىنىشى، ئىشغالچى كۈچلەرنىڭ پۈتۈنلەي چېكىنىشىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى، قايتا قۇرۇشقا رۇخسەت قىلىنىشى، ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش يولىنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ۋە ئانا يۇرتنى بېسىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

شۇنداقلا بۇ قارار لايىھەسىنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن ئامېرىكا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئەرەب ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىشقا تەييار ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن.

ھاماس

پەلەستىن قارشىلىق كۆرسىتىش ھەرىكىتى (ھاماس) قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى رەت قىلىپ، غەززەدىكى پەلەستىنلىكلەرنىڭ قارار لايىھەسىگە قارشى ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى.

ھاماس بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، قارار لايىھەسىدە غەززە رايونىغا خەلقئارا ھامىلىق مېخانىزمىنى تېڭىلىۋاتقانلىقىنى، غەززە خەلقىنىڭمۇ، ئۆزلىرىنىڭمۇ بۇنى رەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتتا يەنە، خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىغا غەززە ئىچىدىكى قارشىلىق كۆرسىتىشنى قورالسىزلاندۇرۇش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنىڭ بېرىلىشىنىڭ ئۇنى بېتەرەپلىكتىن چىقىرىۋېتىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ھاماس قۇرۇلىدىغان ھەرقانداق خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاش قىسمىنىڭ پەقەت چېگرالارغىلا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، كۈچلەرنى ئايرىشى، ئۇرۇش توختىتىشنى كۆزىتىشى ۋە پۈتۈنلەي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

 ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى

 پىرېزىدېنت دونالد ترامپ قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى ماختىدى ۋە بۇنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ تەستىقلارنىڭ بىرى بولۇپ خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ترامپ Truth Social  سەھىپىسىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، تىنچلىق كومىتېتىغا ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىك قىلىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ھەم ھۆرمەتكە سازاۋەر رەھبەرلەرنى بىر يەرگە جەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ قارار لايىھەسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تارىخىدا زور تەستىق دەپ خاتىرىلىنىدىغانلىقىنى، دۇنيادا تېخىمۇ كۆپ تىنچلىق ئورنىتىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى ھەم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

ترامپ يەنە، كېلەر ھەپتە كومىتېت ئەزالىرى ۋە باشقا ھەيران قالارلىق تەپسىلاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپى ئانتونىيو گۇتېررېسمۇ قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنى قىزغىن قارشى ئالدى ۋە بۇنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

باش كاتىپ گۇتېررېسنىڭ باياناتچىسى ستېفان دۇجاررىك بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن غەززە قارار لايىھەسىنىڭ قوبۇل قىلىنىشىنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى كۈچەيتىش جەھەتتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى، باش كاتىپنىڭ بارلىق تەرەپلەردىن قارارغا بويسۇنۇشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

گۇتېررېس دىپلوماتىك ھەرىكەتنى ئۇرۇش مەيدانىدىكى كونكرېت ۋە ئەھمىيەتلىك قەدەملەر بىلەن قوللاشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قارار لايىھەسىدە ئۆزىگە بېرىلگەن روللارنى ئىجرا قىلىش، غەززەدىكى پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئىنسانىي ياردەملەرنى كۆپەيتىش ۋە تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىشنىڭ كېيىنكى باسقۇچىغا يېتەكلەشكە ياردەم بېرىش ئىرادىسىنىڭ قەتئىيلىكىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە

رۇسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ۋاسىلىي نېبېنزيا، قانۇنىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك «ھالقىلىق نۇقتىلار» نىڭ قارار لايىھەسىدە ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى  ئىلگىرى سۈردى.

نېبېنزيا قارار لايىھەسىدە پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە غەززەنىڭ كونتروللۇقىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئۈچۈن ۋاقىت جەدۋىلى توغرىسىدا ھېچقانداق ئېنىق بەلگىلىمە يوقلۇقىنى، تىنچلىق كومىتېتىنىڭ ۋە تېكىستتە تىلغا ئېلىنغان مىللىي مۇقىملىقنى ساقلاش كۈچىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش ۋە ھەق -ھوقۇقلىرىغا دائىر ھېچقانداق ئېنىقلىق يوقلۇقىنى ئەسكەرتتى.  ھەمدە تېكىستنىڭ قوبۇل قىلىنغان ھالىتى بويىچە بۇ كۈچنىڭ راماللانىڭ پوزىتسىيەسى ياكى پىكىرىنى نەزەرگە ئالماي پۈتۈنلەي مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

نېبېنزيا يەنە قارار لايىھەسى مۇستەملىكىچىلىك تەجرىبىلىرىنى ۋە پەلەستىن ئۈچۈن ئەنگلىيەنىڭ باشقۇرۇش دەۋرىدىكى مىللەتلەر جەمئىيىتىنى ئەسلىتىدىغانلىقىنى، شۇ دەۋردە پەلەستىنلىكلەرنىڭ پىكىرلىرىنىڭ نەزەرگە ئېلىنمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خىتاي

خىتاينىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى فۇ چۇڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەندىشەلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ، قارار لايىھەسىنىڭ نۇرغۇن جەھەتتە نۇقسانلىق ۋە چوڭقۇر ئەندىشە پەيدا قىلىدىغانلىقىنى، كۆپلىگەن ھالقىلىق ئامىللار جەھەتتە ئېنىقسىز ۋە بېتەرەپ قالغانلىقىنى ئېيتتى.

فۇ چۇڭ قارار لايىھەسىنىڭ ئۇرۇشتىن كېيىنكى غەززەنى باشقۇرۇش تۈزۈملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى، ئەمما قارار لايىھەسىدە پەلەستىننىڭ ھېچ تىلغا ئېلىنمىغانلىقىنى، پەلەستىننىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە مال-مۈلكلىرىنىڭ تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈلمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.