تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئۆزتۈركلەر: بىر خەلقنى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلاپ تۇرۇپ، تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدۇ
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (ش ق ت ج)دە 20-ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى تەبرىكلەنمەكتە.
ئۆزتۈركلەر: بىر خەلقنى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلاپ تۇرۇپ، تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدۇ
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە 20-ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى تەبرىكلەنمەكتە.
 

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى (ش ق ت ج) جۇمھۇرىيەت مەجلىسى رەئىسى زىيا ئۆزتۈركلەر، قىبرىس تۈرك خەلقىنى جازالاشقا قارىتىلغان خەلقئارالىق ئادالەتسىز تۈزۈمنىڭ ئاخىرلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرۈپ: «بىر خەلقنى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلاپ تۇرۇپ تىنچلىق قۇرغىلى بولمايدۇ» دېدى.

قىبرىس تىنچلىق ھەرىكىتىنىڭ 52 يىللىقى ۋە 20-ئىيۇل تىنچلىق ۋە ئەركىنلىك بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن جۇمھۇرىيەت مەجلىسىدە كۈتۈۋېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزۈلدى.

زىياپەتكە ش ق ت ج ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن مەسئۇللار بىلەن پۇقرالار قاتناشتى.

زىياپەتتە سۆز قىلغان ئۆزتۈركلەر قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ ۋە ئەمەلىي كاپالەتچىلىك ھوقۇقى، شۇنداقلا ش ق ت ج نىڭ ھازىرقى سالاھىيىتىنىڭ سۆھبەت تېمىسى بولالمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

قىبرىس تۈرك خەلقىنىڭ ئۆتمۈشتە ئازاب، زۇلۇم ۋە كۆچۈشنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، لېكىن كەلگۈسىگە ھەر ۋاقىت ئۈمىد بىلەن قارىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ئۆزتۈركلەر، ئەڭ قىيىن مەزگىللەردە ئانا ۋەتىنى تۈركىيەنى ھەر ۋاقىت يېنىدا كۆرگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتتى.

خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئەمدى رېئاللىق بىلەن يۈزلىنىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن زىيا ئۆزتۈركلەر: «بىر خەلقنى دۇنيادىن ئايرىپ تاشلاپ تۇرۇپ تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدۇ. قىبرىس تۈرك خەلقىنى جازالاشقا قارىتىلغان ئادالەتسىز خەلقئارا تۈزۈم ئەمدى ئاخىرلىشىشى كېرەك. ھېچكىم قىبرىس تۈرك خەلقىنى مەڭگۈ مۇشۇنداق ھالەتتە قېلىپ قالىدۇ دەپ ئويلىماسلىقى كېرەك. چۈنكى، ھەققانىي كۈرىشىمىز كۈندىن-كۈنگە تېخىمۇ كۆپ قوللاشقا ئېرىشمەكتە» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە غەربىي قىرغاقتا 895 يېڭى تۇرالغۇ ئۈچۈن 11 پىلان ئېلان قىلدى
فىدان: «ئامېرىكا يەر شارىۋى ئىستراتېگىيەسىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرمەكتە»
مىنىستىر فىدان يەمەن ئىچىدە ئەسكەر تۇرغۇزۇشقا قارىتا ئېلىنغان بىر قارار يوقلۇقىنى ئېيتتى
مىنىستىر بولات ئېكسپورتتا ئاخىرقى 6 ئايدا بارلىق ئايلىق رېكورتلارنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى بىلدۈردى
رۇسىيەنىڭ كرىۋىي رىگ شەھىرىگە قىلغان ھۇجۇمىدا 2 پۇقرا قازا قىلىپ، 52 كىشى يارىلاندى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا چاقىردى
ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە يېڭى زېلاندىيە رۇسىيەنى ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقى چاقىردى
مىنىستىر فىدان ياۋروپا كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى فىتتو بىلەن كۆرۈشتى
ترامپ: پۇتىن ئۇرۇشنى دىپلوماتىك يوللار بىلەن ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ
ئىسلام 2035-يىلى دۇنيادىكى ئېتىقادچىسى ئەڭ كۆپ دىنغا ئايلىنىشى مۇمكىن
تۈركىيە شەنگەن ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى قايتا كۆزدىن كەچۈرۈشنى تەلەپ قىلدى
«قىزىلئەلما» دۇنيا تاراتقۇلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى
دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈركىيە-قاتار ئورتاق مۇداپىئە كېلىشىمى ھەققىدە بايانات بەردى
زېلېنسكىي: ئۇكرائىنا قاتناشمىغان يىغىنلاردا ئۇكرائىنا ھەققىدە قارار چىقىرىش چوڭ خاتالىقتۇر
گوللاندىيە قورال شىركىتى خادىملىرى ئۇكرائىنانىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇملىرىغا ياردەم بەردى