خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
دائىرىلەر پارتلاش سەۋەبىنى تەكشۈرۈۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن تاڭ سەھەردە لىيېژ (Liège) شەھىرىدىكى بىر سىناگوگدا يۈز بەرگەن پارتلاش ماددىي زىيان پەيدا قىلدى.
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى
بېلگىيەدە بىر يەھۇدىي ئىبادەتخانىسى پارتلاپ زىيانغا ئۇچرىدى، ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالى كۆرۈلمىدى / Reuters

ساھە ساقچىلىرى بېلگىيەنىڭ شەرقىدىكى لىيېژ شەھىرىدە بىر سىناگوگنىڭ پارتلاشتا زىيانغا ئۇچرىغانلىقىنى ۋە پارتلاش سەۋەبىنىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

لىيېژ ساقچى باياناتچىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ھېچقانداق ئادەم ئۆلۈش-يارىلىنىش ئەھۋالىنىڭ مەلۇم قىلىنمىغانلىقىنى، پەقەت «ماددىي زىيان» كۆرۈلگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

باياناتچى يەنە پارتلاشنىڭ دۈشەنبە كۈنى تاڭ سەھەر سائەت 04:00  ئەتراپىدا سىناگوگنىڭ ئالدىدا يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە يولنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىنالارنىڭ دېرىزە ئەينەكلىرىنىڭ چېقىلىپ كەتكەنلىكىنى قوشۇمچە قىلدى.

فىرانسۇز تىلىدا ياڭراتقۇ تارقىتىدىغان دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى RTBF نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، رايوندا بىخەتەرلىك چەكلىمىسى ئورنىتىلغان بولۇپ، فېدېراتسىيە ساقچىلىرىنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا كېلىشى كۈتۈلمەكتە.

سىناگوگنىڭ ئۆز تور بېكىتىدىكى ئۇچۇرلارغا ئاساسلانغاندا، 1899-يىلى سېلىنغان بۇ ئىبادەتخانا شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا لىيېژ يەھۇدىي جەمئىيىتىنىڭ تارىخىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان بىر مۇزېي سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UK probes: Synagogue attack 'terrorism', mosque arson 'hate crime'
ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى