سىياسەت
3 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە: ئۇكرائىنا ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدىن ئىلگىرى موسكۋاغا كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇ ھۇجۇمى قىلدى
ئۇكرائىنانىڭ موسكۋاغا قاراتقان ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇ ھۇجۇمى، ئامېرىكا-ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا تىنچلىق سۆھبەتلىرىگە تەييارلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتتا يۈز بەردى.
00:00
رۇسىيە: ئۇكرائىنا ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدىن ئىلگىرى موسكۋاغا كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇ ھۇجۇمى قىلدى
ئۇكرائىنانىڭ مۇسكۋاغا قاراتقان ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىنىڭ ئاقىبەتلىرى / Reuters
2025-يىلى3-ئاينىڭ12-كۈنى

رۇسىيە ئەمەلدارلىرى، ئۇكرائىنانىڭ كەم دېگەندە 91 ئۇچقۇ بىلەن رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋاغا ھازىرغىچە كۆرۈلگەن ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇ ھۇجۇمى قوزغاپ، كەم دېگەندە بىر كىشىنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقىنى، ۋەقە نەتىجىسىدە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەنلىكىنى، ئايرودۇرۇملارنىڭ تاقالغانلىقىنى ۋە نۇرغۇن ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇش يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، رۇسىيە تەۋەلىكىدە 91ى موسكۋا رايونىدا، 126سى ئۇكرائىنا قىسىملىرى چېكىنگەن كۇرسكى رايونىدا بولۇپ جەمئىي 337 ئۇكرائىنا ئۇچقۇسىنىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى.

ئەتىگەن پەيتىدە يۈز بەرگەن كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇ ھۇجۇمى، ئۇكرائىنا ئەمەلدارلىرى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن تىنچلىق سۆھبىتى ئۆتكۈزۈشنىڭ يوللىرى ئىزدەش يىغىنى ئېچىشقا تەييارلىنىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى، ئوخشاش ۋاقىتتا، رۇسىيە ئەسكەرلىرى كۇرسكنىڭ غەربىدە مىڭلارچە ئۇكرائىنا ئەسكىرىنى قورشاۋغا ئېلىشقا تىرىشىۋاتىدۇ.

ھالقىلىق سۆھبەت ۋاقتى يېقىنلىشىۋاتقان بىر پەيتتە، موسكۋا شەھەر باشلىقى سېرگېي سوبيانىن ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىڭ يەنىلا شەھەرگە قىلىنىۋاتقان ھۇجۇملارنى توسۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى؛ ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، موسكۋا ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايوننىڭ نوپۇسى كەم دېگەندە 21 مىليون بولۇپ، ياۋروپانىڭ ئەڭ چوڭ مېتروپول رايونلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

سۇبيانىن تېلېگرامما سۇپىسىدا، «دۈشمەن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ موسكۋاغا قاراتقان ئەڭ چوڭ ھۇجۇمى توسۇلدى» دەپ يازدى.

موسكۋا رايونى ۋالىيسى ئاندرېي ۋورو‌بيوۋ، ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ۋە ئۈچ كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە پارتلاشتا دېزىلىرى ۋەيران بولغان بىر ئۆينىڭ سۈرىتىنى ھەمبەھرىلىدى.

ئۇ يەنە، بەزى ئاھالىلەرنىڭ كىرېملىننىڭ تەخمىنەن 31 مىل شەرقىي جەنۇبىدىكى موسكۋا رايونىنىڭ رامېنسكويې ناھىيەسىدىكى كۆپ قەۋەتلىك بىر بىنانى تارقاقلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغانلىقىنى ئېيتتى.

موسكۋادا ۋەھىمە ئالامىتى يوق ئىدى، موسكۋادىكى خىزمەتچىلەر نورمال ھالدا ئىشقا بېرىپ خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

رۇسىيەنىڭ ھاۋا قاتنىشىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى، ھۇجۇملاردىن كېيىن ھاۋا بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن موسكۋادىكى تۆت ئايرودۇرۇمدا ئۇچۇشلارنىڭ توختىتىلغانلىقىنى ئېيتتى. موسكۋانىڭ شەرقىگە جايلاشقان ياروسلاۋل ۋە نىژنىي نوۋگورود رايونلىرىدىكى باشقا ئىككى ئايرودروممۇ تاقالدى.

پىرېزىدېنت ترامپ ئۇكرائىنادا تىنچلىق ئورنىتىشنى خالايدىغانلىقىنى ئېيتسىمۇ، ئۇرۇش كۇرسكتىكى زور كۆلەملىك رۇسىيە باھار ھۇجۇمى ۋە رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسىملىرىغا قىلىنغان بىر قاتار ئۇكرائىنا ئۇچقۇ ھۇجۇملىرى بىلەن بارغانسېرى كەسكىنلەشمەكتە.

رۇسىيە موسكۋا ۋە ئىستراتېگىيەلىك بىنالارنىڭ ئۈستىگە ئىلغار ئىچكى قاتلاملارنى ئورنىتىش بىلەن بىرگە موسكۋا ئاسمىنىنى قوغدايدىغان نۇرغۇن ئېلېكتىرونلۇق «قالقان» ياساپ چىقىپ، ئۇچقۇلارنى كىرېمىلغا يېتىپ بېرىشتىن ئىلگىرى چۈشۈرۈۋېتىدىغان مۇرەككەپ ھاۋا مۇداپىئە تورى شەكىللەندۈردى.

ئىزچىل ھالدا رۇسىيەنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىغا ئۇچراۋاتقان كىيېۋ، رۇسىيەنىڭ نېفىت چەككىلەش زاۋۇتلىرى، ئايرودۇرۇملىرى، ئىستراتېگىيەلىك ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇش رادار ئىستانسىلىرىغا ئارقا-ئارقىدىن ئۇچقۇ ھۇجۇملىرى قىلىشقا ئۇرۇندى.

ئۇچقۇ ئۇرۇشى

ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇ ئۇرۇش، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ياۋروپادا يۈز بەرگەن ئەڭ چوڭ ئۇرۇش بولۇپ، ۋەيران قىلغۇچ بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى شەكلىدىكى ئىستىھكام ۋە زەمبىرەكچىلەر ئۇرۇشىنى ئۇچقۇلارنىڭ زور يېڭىلىقى بىلەن بىرلەشتۈرگەن.

موسكۋا بىلەن كىيېۋ، ھەر ئىككىسى يېڭى ئۇچقۇلارنى سېتىۋېلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭىلىقچان شەكىلدە ئىشلىتىش ۋە ئۇلارنى يوق قىلىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىنى ئىزدەشنى پىلانلىماقتا – بۇلار دېھقانلارنىڭ ئوۋچىلىق مىلتىقلىرىدىن تارتىپ تەرەققىي قىلغان ئېلېكتىرونلۇق قالايمىقانلاشتۇرۇش سىستېمىلىرىغىچە بولغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ھەر ئىككى تەرەپ ئەرزان تىجارىي ئۇچقۇلارنى ئۆلتۈرگۈچى قوراللارغا ئايلاندۇرۇپ ئىشلەپچىقىرىشىنى كۈچەيتتى.

ھەر ئىككى تەرەپتىكى ئەسكەرلەر ئۇچقۇلاردىن بەكلا قورقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى - ۋە ھەر ئىككى تەرەپ ئەسكەرلەرنىڭ ھاجەتخانىلاردا پارچىلانغان ياكى كۆيۈۋاتقان قوراللىق ماشىنىلاردىن قاچقان ئۆلتۈرگۈچى ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىنىڭ قورقۇنچلۇق سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تەشۋىقاتلىرىدا قوللاندى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن موسكۋانى ئۇرۇشنىڭ قىيىنچىلىقلىرىدىن خالىي قىلىشقا تىرىشىش خىزمەتلىرى دائىرىسىدە، پۇقرالار قۇرۇلمىسىغا ھۇجۇم قىلغان ئۇكرائىنا ئۇچقۇ ھۇجۇملىرىنى «تېررورلۇق» دەپ سۈپەتلىدى ۋە ئۇنىڭغا جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەردى.

موسكۋا رۇسىيەنىڭ ئەڭ باي شەھىرى بولۇپ، ئۇرۇش مەزگىلىدە ئەڭ چوڭ مۇداپىئە چىقىمى پارتلىشى بىلەن ئىقتىسادىي ئېشىش كۆرسەتتى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكالىق ئوبزورچى سى ئاي ئى (CIA) نىڭ  ئۆزىگە قارشى جاسۇسلۇق دېلوسى تەييارلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى
ئۇكرائىنا رۇسىيە نېفىت ئامبىرىغا چوڭ تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمى قىلدى
قازاقىستان يېڭى ئاساسىي قانۇننى تەستىقلىدى
ھىندىستاننىڭ شەرقىدە بىر دوختۇرخانىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 10 بىمار قازا قىلدى
ئىسرائىلىيە: ئىرانغا قارشى ئۇرۇش كۈتۈلگەن سۈرئەتتە ئىلگىرىلىمەيۋاتىدۇ
ئاراقچى: ئىسرائىلىيەنىڭ تېھراندىكى يېقىلغۇ ئامبارلىرىغا قىلغان ھۇجۇمى «خەلقئارا قانۇنغا خىلاپ»
ترامپ: ناتو بوغۇزنىڭ ئېچىلىشىغا ياردەم قىلمىسا، ناچار ئاقىۋەتكە قالىدۇ
ئىسرائىلىيە لىۋانغا قىلىنغۇسى قۇرۇقلۇق ھەرىكىتى ئۈچۈن 450 مىڭ زاپاس ئەسكەرنى ۋەزىپىگە چاقىرىدۇ
ئەردوغان ئىران ۋە لىۋاندىكى مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى نىشانلىغان «قانخور تور» نى ئەيىبلىدى
ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرى ئامېرىكانىڭ ئۈچ بازىسىغا زەربە بەرگەنلىكىنى جاكارلىدى
رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقياسىدا ئېلىپ بارغان ھۇجۇملىرىدا ئالتە كىشى ئۆلدى، ئونلىغان كىشى يارىلاندى
خاقان فىدان ئىراننىڭ «پەردە ئارقىسى دىپلوماتىيەسى» گە ئوچۇق بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى
ھاماس ئىراننى قوشنا دۆلەتلەرنى ھۇجۇم نىشانى قىلماسلىققا چاقىردى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇمىدا ئالتە كىشى قازا قىلدى
ئىشغالىيەت ئاستىدىكى غەربىي قىرغاقتا يەھۇدىي كۆچمەنلەر پەلەستىنلىكلەرگە ھۇجۇم قىلدى