كۇبا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «ئامېرىكانىڭ ھەربىي ھۇجۇمىغا تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دېدى
كۇبا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى: «ئامېرىكانىڭ "ئېھتىماللىقى بولغان" ھەربىي ھۇجۇمىغا" تەييارلىق قىلىۋاتىمىز» دېدى.
كۇبا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كارلوس فېرناندېز دې كوسسىئو: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىنى كۇباغا ئوخشاش قوشنا بىر دۆلەتكە قارشى ھەربىي ھەرىكەتكە مەجبۇرلىسۇن؟» دەپ سورىدى.
كۇبا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى يەكشەنبە كۈنى بەرگەن بىر بايانىدا، دۆلىتىنىڭ ئامېرىكانىڭ «ئېھتىماللىقى بولغان ھەربىي ھۇجۇمىغا» قارشى تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
كارلوس فېرناندېز دې كوسسىئو مۇنداق دېدى: «ئارمىيەمىز ھەر ۋاقىت تەييار ھالەتتە، مۇشۇ كۈنلەردە (ئامېرىكانىڭ) ھەربىي ھۇجۇم قىلىش ئېھتىماللىقىغا قارشى ئەمەلىي تەييارلىق قىلماقتا. دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ئىشلارغا قارىماسلىق ساددىلىق بولىدۇ»
كوسسىئو تاجاۋۇزچىلىقنىڭ يۈز بەرمەسلىكىگە ئۈمىد باغلايدىغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، بۇنىڭ ئۈچۈن ھېچقانداق باھانە-سەۋەب يوقلۇقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلدى.
كۇبالىق ئەمەلدار: «ئامېرىكا ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىنى كۇباغا ئوخشاش قوشنا بىر دۆلەتكە قارشى ھەربىي ھەرىكەتكە مەجبۇرلىسۇن؟» دەپ سورىدى.
ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو سەيشەنبە كۈنى كۇبا دائىرىلىرىنىڭ مەملىكەت مىقياسىدىكى توك توختاپ كېتىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمەيدىغانلىقىنى ۋە بۇنى قىلالايدىغان يېڭى رەھبەرلەرگە ئېھتىياج بارلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
رۇبىئو ئاق سارايدا مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا: «كۇبانىڭ ئىشلىمەيدىغان بىر ئىقتىسادى ۋە بۇنى تۈزىتەلمەيدىغان بىر سىياسىي ۋە ھۆكۈمەت سىستېمىسى بار، شۇڭا ئۇلار تۈپتىن ئۆزگىرىشى كېرەك» دېدى.
ئامېرىكا بىلەن كۇبا 65 يىلدىن بۇيان بىر-بىرىنى دۈشمەن دەپ بىلىدۇ، ئەمما تىرامپ ھۆكۈمىتى كۇباغا بولغان بېسىمىنى بارغانسېرى كۈچەيتتى.
كۇبا پىرېزىدېنتى مىگۇئېل دىياز-كانېل ئۆتكەن ھەپتە ۋاشىنگتون ۋە ھاۋانا ئەمەلدارلىرىنىڭ پىكىر ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىش مەقسىتىدە بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى./
/