خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇرانىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇساپىسى «ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل» بولىدۇ
دونالد ترامپ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملارنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى «يەر بىلەن يەكسان قىلغانلىقى» ھەققىدىكى دەۋاسىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، مەۋجۇت ئۇران زاپىسىنىڭ «توزان»غا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.
ترامپ: ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇرانىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇساپىسى «ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل» بولىدۇ
ترامپنىڭ بايانلىرى پاكىستاندا ئېھتىمال ئۆتكۈزۈلىدىغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر ئالدىدىن ئېيتىلدى. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىراننىڭ قويۇقلاندۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنى قايتۇرۇۋېلىش مۇساپىسىنىڭ «ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل بىر جەريان» بولىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ترامپ دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن، 2025- يىلى ئىيۇندا ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە قىلىنغان ھۇجۇملار ھەققىدە توختىلىپ: «‹يېرىم كېچىدىكى بولقا ھەرىكىتى› (Operation Midnight Hammer) ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى تولۇق ۋە مۇتلەق شەكىلدە يوقىتىش ھەرىكىتى ئىدى» دېدى.

ئۇزۇندىن بۇيان مەزكۇر ھۇجۇملارنىڭ ئىراننىڭ يادرو پىلانىنى «بىتچىت قىلىپ تاشلىغانلىقى»نى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان ترامپ، يېقىندىن بۇيان ئىران يادرو زاپىسىنى «توزان» دەپ ئاتىماقتا ئىدى. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: «شۇڭا ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇزۇن ۋە مۈشكۈل بىر مۇساپە بولىدۇ» دېدى.

ترامپنىڭ باياناتلىرى پاكىستاندا ئۆتكۈزۈلۈشى كۆزدە تۇتۇلغان يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتلەر ھارپىسىدا ئېلان قىلىندى. ئۇ يەكشەنبە كۈنى مۇزاكىرىلەر ئۈچۈن ئامېرىكا ۋەكىللىرىنىڭ ئىسلامئابادقا ئۇچىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولسىمۇ، ھازىرغىچە رەسمىي ھالدا قاتنىشىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرمىگەن تېھران ھۆكۈمىتى، ھورمۇز بوغۇزىدىكى ئامېرىكا قامىلىنىڭ بىكار قىلىنىشىنى تەلەپ قىلماقتا.

پاكىستان 11-12-ئاپرېل كۈنلىرى پايتەخت ئىسلامئابادتا، ئامېرىكا بىل ئىران ئوتتۇرىسىدا 1979-يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەر ئۈزۈلگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە يۇقىرى دەرىجىلىك سۆھبەتكە ساھىبخانلىق قىلغان، ئەمما سۆھبەتلەر ھېچقانداق بۆسۈش ھاسىل قىلىنمايلا ئاخىرلاشقانىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ
خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدىكى يامغۇر ۋە سەل ئاپىتى سەۋەبىدىن 115 مىڭدىن ئارتۇق خىتاي مەجبۇرىي كۆچۈرۈلدى
بۇلغارىيەدە دۇنا دەرياسىنىڭ سۇ سەۋىيەسى تۆۋەنلەپ كېتىشى سەۋەبىدىن  پاراخوتلار ئۆتەلمەي ساقلىماقتا
شىمالىي كورېيە ياپونىيەنىڭ تۇنجى «توماھاۋك» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىنى ئەيىبلىدى
روسىيە: «ناتو ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خەلقئارالىق تېررورىزمنىڭ بىر پارچىسىغا ئايلاندى»
روسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ كىيېۋدىكى قاتناش، ئارقا سەپ ۋە تارقىتىش مەركەزلىرىگە زەربە بەردۇق»
سۈنئىي ئەقىل خاككېرلارغا ئەۋزەللىك يارىتىپ بەرمەكتە: ئۆزىمىزنى قانداق قوغدايمىز؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى باشلىقى قالىن ئەنقەرەدە لىۋىيەلىك ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشتى
شىمالىي كورېيە ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ غەربىي شىمالىدا 65 مىڭ كىشى ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولدى
گۋاتېمالا فىئېگو  ۋولقانىنىڭ پارتلىشى سەۋەبىدىن جىددىي ھالەت ئاگاھلاندۇرۇشى ئېلان قىلدى
بۈگۈن دۆلەتلىك ھەربىي ئالىي كېڭىشى يىغىنى چاقىرىلىدۇ
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھد شاھزادىسى سەلمان بىلەن كۆرۈشتى
ئىران پىرېزىدېنتى: زېمىن پۈتۈنلۈكىمىزنى قوغدايمىز، لېكىن ئۇرۇشنى كېڭەيتىش ئارزۇيىمىز يوق
ئىبراھىم قالىن ھاماس رەھبىرى بىلەن كۆرۈشۈپ غەززە تىنچلىق پىلانىنى مۇزاكىرە قىلدى