سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ۋېنېزۇئېلا ب د ت دىن ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىشىنى تەلەپ قىلدى
ۋېنېزۇئېلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئامېرىكانىڭ دېڭىز قىرغىقىدىكى ھۇجۇملىرىنى ھۇجۇملىرىنى تەكشۈرۈشنى ۋە قانۇنسىز دەپ جاكارلاشنى تەلەپ قىلدى.
ۋېنېزۇئېلا ب د ت دىن ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىشىنى تەلەپ قىلدى
ۋېنېزۇئېلا ب د ت دىن ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنى قانۇنسىز دەپ جاكارلىشىنى تەلەپ قىلدى / Reuters
2025-يىلى10-ئاينىڭ17-كۈنى

ۋېنېزۇئېلا تەرىپىدىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەۋەتىلگەن خەتكە قارىغاندا، ۋېنېزۇئېلانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى، خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن ئامېرىكانىڭ ھۇجۇملىرىنى تەكشۈرۈشنى ۋە بۇ ھەرىكەتلەرنىڭ قانۇنسىز دەپ بېكىتىشنى تەلەپ قىلغان.

رېيتېر ئاگېنتلىقى كۆرگەن خەتكە قارىغاندا، ۋېنېزۇئېلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن، ئامېرىكانىڭ ۋېنېزۇئېلا دۆلىتىنىڭ دېڭىز قىرغىقىدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملىرىنى قانۇنسىز دەپ بېكىتىشنى ۋە ۋېنېزۇئېلانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش نىشان قىلىنغان بايانات ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ جەنۇبىي كارىب دېڭىزىغا كۆپلەپ قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈرگەن ئىدى. ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسپات كۆرسەتمەيلا «زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە چېتىشلىق» دەپ ئەيىبلىگەن پاراخوتلارغا ئامېرىكا ئارمىيەسى كەم دېگەندە بەش قېتىم ھۇجۇم قىلدى.

چارشەنبە كۈنى 15 ئەزادىن تەشكىل تاپقان خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەۋەتىلگەن مەكتۇپتا ئەسكەرتىلىشىچە، ۋېنېزۇئېلانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق دائىمىي ۋەكىلى سامۇئېل مونكادا، ۋاشىنگتوننى «خەلقئارا سۇ تەۋەلىكىدىن ئۆتۈۋاتقان پۇقرالار پاراخوتلىرىغا» قىلىنغان ھۇجۇملاردا كەم دېگەندە 27 ئادەمنى ئۆلتۈرۈش بىلەن ئەيىبلىگەن.

مونكادا كېڭەشتىن ھۇجۇملارنى «تەكشۈرۈشنى»، «قانۇنسىز دەپ بېكىتىشنى» ۋە ۋېنېزۇئېلانى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ «ئىگىلىك ھوقۇقى، سىياسىي مۇستەقىللىقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىگە شەرتسىز ھۆرمەت قىلىش» پىرىنسىپىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيدىغان بايانات ئېلان قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT ئۇيغۇرچە - مادۇرو 2 مىليون 500 مىڭ ئەسكەرنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى

 ئامېرىكانىڭ ۋېتو ھوقۇقى كۈچى

 ئامېرىكانىڭ ۋېتو ھوقۇقى بولغاچقا، خەۋپسىزلىك كېڭىشى بۇ مەسىلە ئۈستىدە يىغىن ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ھېچقانداق تەدبىر قوللىنالمايدۇ.

كېڭەش ۋېنېزۇئېلا، رۇسىيە ۋە خىتاينىڭ تەلىپى بىلەن ئالدىنقى ھەپتە بۇ جىددىيچىلىكنى مۇزاكىرە قىلىش ئۈچۈن تۇنجى قېتىم يىغىن ئۆتكۈزگەن ئىدى.

يىغىندا ئامېرىكا ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ 51 – ماددىسىغا ئاساسەن ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى. بۇ ماددا، ھەرقانداق بىر دۆلەتنىڭ قوراللىق ھۇجۇمغا قارشى ئۆزىنى قوغداش دائىرىسىدە قوللانغان تەدبىرلىرىنى دەرھال خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە بىلدۈرۈشىنى بەلگىلەيدۇ.

ئامېرىكانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى مايك ۋالتز پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، ترامپنىڭ «ئامېرىكالىقلارنىڭ جېنىغا زامىن بولماقچى بولغان ھەرىكەتلەرگە قارشى، ئامېرىكانىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ۋە دىپلوماتىيەنى» ئىشقا سالىدىغانلىقىنى ئېيتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ۋالتز «‹Fox News› تېلېۋىزىيە قانىلى» غا بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ۋېنېزۇئېلانىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا خالىغان تەلەپنى قويۇش ھوقۇقى بار. لېكىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ 51 – ماددىسىمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇ ماددا دۆلەتلەرگە ئۆزلىرىنى قوغداش ئىمكانىيىتى يارىتىپ بېرىدۇ. پىرېزىدېنت ترامپنىڭ قىلىۋاتقىنىمۇ، قىلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغىنىمۇ دەل مۇشۇ.»

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ئىران ئۇرۇشىنىڭ «ئارماگېدون» نى قوزغاش ئۈچۈن «تەڭرىنىڭ پىلانى» دېيىلمەكتە
«ئامېرىكانىڭ ئىران ئۇرۇشى يېقىنقى ئون نەچچە يىلدىن بۇيانقى ئەڭ كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇش»
ترامپ: ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتىدىغان نېفىت پاراخوتلىرىنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى قوغدايدۇ
جەنۇبىي كورېيەلىك گېنېرال ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى
تۈركىيە ئىسرائىلىيە تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان CNN Türk قانىلى ئۆمىكىنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا ئىران ئۇرۇشىنىڭ دەسلەپكى 4 كۈنىدە 2 مىليارد دوللارغا يېقىن ھەربىي ئەسلىھەسىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە  6-مارتقىچە ئىران، ئىراق، سۈرىيە، لىۋان ۋە ئىيوردانىيەگە  ئايروپىلان سەپەرلىرىنى توختاتتى
نېتانياھۇ ئايلاردىن بېرى ترامپقا ئىران بىلەن ئۇرۇشقا كىرىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلەتكەن
پارىس قولتۇقى ئەللىرى موسساد جاسۇسلىرىنى پارتلىتىش پىلانى بىلەن قولغا چۈشۈردى
ئىراندا توقۇنۇشلار كەسكىنلىشىۋاتقاندا جاكارتادىن ۋاستىچىلىق تەكلىپى كەلدى
ئەردوغان ئىراندا پۇقرالارنىڭ تارتىۋاتقان ئازابلىرىنى ئەيىبلىدى؛ توقۇنۇشلارنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى
چەلىك: ئىران ناھەق ۋە قانۇنسىز بىر ھۇجۇمغا دۇچ كەلمەكتە
ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار باشلانغاندىن بۇيان ئامېرىكانىڭ 6 ئەسكىرى ئۆلدى
مېدۋېدېۋ: ئامېرىكا ھاكىمىيەت ئالماشتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى داۋاملاشتۇرسا، ئۈچىنچى دۇنيا ئۇرۇشى باشلىنىدۇ
خ ئا ئې ئا: ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكەنلىكىگە دائىر ئالامەت كۆرمىدى