سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئۇكرائىنا: سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەر «ئىجابىي»
كرېمىل سارىيى ئۇكرائىنا توقۇنۇشىنى تېزدىن ھەل قىلىش ئۈمىدىنى تۆۋەنلىتىپ، سۆھبەتنىڭ ئەمدىلا باشلانغانلىقىنى، «قىيىن سۆھبەتلەر» نىڭ ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
00:00
ئۇكرائىنا: سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئامېرىكا بىلەن بولغان سۆھبەتلەر «ئىجابىي»
ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۈستەم ئۆمەروف / AP

ئۇكرائىنا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۆمەروف سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئامېرىكا ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتنىڭ «ئىجابىي ۋە ئەھمىيەتلىك» ئىكەنلىكىنى، سۆھبەتنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىنى مۇزاكىرە قىلىشنى مەركەز قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

 

ئۇ ئىجتىمائىي تاراتقۇ بېتىدىكى ئۇچۇرىدا: «بىز مۇھىم مەسىلىلەرنى، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە ساھەسىنى مۇزاكىرە قىلدۇق» دېدى.

دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى رۇستەم ئۆمەروف ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ باشلىقى سۈپىتىدە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ رۇسىيە بىلەن بولغان ئۈچ يىللىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن باشلىغان دىپلوماتىك تىرىشچانلىقنىڭ بىر قىسمى ھېسابلىنىدىغان سۆھبەتكە قاتناشتى.

 

ئامېرىكانىڭ ئالاھىدە ۋەكىلى ستىۋ ۋىتكوف (Steve Witkoff) ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەتتىن ئىلگىرى ئۆزىنىڭ ئۈمىدۋار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ،  رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىننىڭ ئۈچ يىللىق ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 

ئۇ يەكشەنبە كۈنى (2025-يىلى 23-مارت) فوكس خەۋەرلىرى (Fox News) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «مەن ئۇنىڭ تىنچلىقنى خالايدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم. دۈشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاندا ھەقىقىي ئىلگىرىلەشلەرنى كۆرىسىز، بولۇپمۇ ئىككى دۆلەتنىڭ قارا دېڭىزدىكى پاراخوتلار ئۈچۈن ئۇرۇش توختىتىش توغرىسىدا. كېيىنچە بۇنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، پۈتۈنلەي ئۇرۇش توختىتىشقا قاراپ ئىلگىرىلەشنى كۆرىمىز» دېگەن ئىدى.

 

ئامېرىكا - ئۇكرائىنا ۋەكىللەر ئۆمىكى يەكشەنبە كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رىياد شەھىرىدە رۇسىيە بىلەن قىسمەن ئۇرۇش توختىتىش مۇمكىنچىلىكى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزدى. رۇسىيە ۋەكىللىرى ئامېرىكا ۋەكىللىرى بىلەن دۈشەنبە كۈنى (24-مارت) رىيادتا سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

پۇتىن ئالدىنقى ھەپتە ئۇكرائىنانىڭ ئېنېرگىيە ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان ھۇجۇمنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا قوشۇلغان، ئەمما ترامپنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ بىرىنچى قەدىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان 30 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىشنى تولۇق تەستىقلاشنى رەت قىلغان ئىدى. ئۇكرائىنا بولسا، ترامپنىڭ 30 كۈنلۈك تەكلىپىنى قوبۇل قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
ئۇرۇش باشلانغاندىن بۇيان تۈركىيەگە تەۋە 11 پاراخوت ھورمۇز بوغۇزىدىن بىخەتەر ئۆتتى
ئانتاليادا ساياھەتچىلىك جانلىنىپ كەتتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ئىراق باش مىنىستىرى ئەلى زەيدى بىلەن كۆرۈشتى
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى ستارمېرنىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى
قاتاردا بىر زاۋۇتتا يۈز بەرگەن غايەت زور پارتلاشتا ئونلىغان كىشى يارىلاندى ۋە يوقاپ كەتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى غەربىي قىرغاقتا ئىككى پەلەستىنلىكنى ئۆلتۈردى
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز