ئەنقەرە (ئانادولۇ ئاگېنتلىقى) — ياپونىيەنىڭ كۇماماتو ئۆلكىسىدە تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن 7.1 بال يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنىڭ سانى 13 كە يەتتى.
جانغا زامىن بولۇش ۋەقەلىرىنىڭ بىر قەۋىتى ۋەيران بولغان بىر سودا سارىيىدا كۆرۈلگەنلىكى، خارابىلىك ئاستىدا يەنە بەزى كىشىلەرنىڭ بولۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.
دۆلەتلىك تېلېۋىزىيە قانىلى NHK نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە باش ۋەزىرى تاكائىچى سانائې تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش توغرىسىدا مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن.
تاكائىچى جەنۇبتىكى كۇماماتو ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانىنىڭ 13 كە يەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
كۇماماتو ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتمۇ يەر تەۋرەشتە 31 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
7.1 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش ئۆلكە مىقياسىدا ئوت ئاپەتلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش، يوللارنىڭ ۋەيران بولۇش ۋە كۆۋرۈكلەرنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشۈش قاتارلىق كەڭ كۆلەملىك زىيان پەيدا قىلغان.
ياپونىيە مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇكى ۋە ھىكاۋا رايونلىرىدا تۈنۈگۈن شۇ جاي ۋاقتى سائەت 16:27 دە يەر تەۋرىگەن. 7.1 بال چوڭلۇقتىكى يەر تەۋرەش 10 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا يۈز بەرگەن.
كۇماماتو ئۆلكىسىدە 2016-يىلى ئاپرېل ئېيىدا يۈز بەرگەن 7 بال يەر تەۋرەشتە 277 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى.
يەر تەۋرەش خەۋپى ئەڭ يۇقىرى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ياپونىيە، يانار تاغلار ۋە ئوكيان ئويمانلىرىدىن تەشكىل تاپقان «تىنچ ئوكيان ئوت ھالقىسى» غا جايلاشقان.




















