خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
سومالى ئىستىخبارات ئىدارىسى ئەششەبابنىڭ 23 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى
سومالى دۆلەتلىك ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى قوراللىق ئۇنسۇرلارنىڭ يېقىنقى كۈنلەردە ھىرشابېللې ئۆلكىسىنىڭ بەزى يەرلىرىگە ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر ئىگىلىدى.
سومالى ئىستىخبارات ئىدارىسى ئەششەبابنىڭ 23 ئەزاسىنى بىر تەرەپ قىلدى
Iyul ayidin buyan, Afrika Ittipaqi missiyisi we hemkarliqliri teripidin qollap-quwwetlengen Somali qoshunliri Al-Shababqa qarshi amaliyatlarni kücheyttürdi. / Reuters

سومالى ئىستىخبارات ئىدارىسى سەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، كەم دېگەندە 23 ئەششەباب تېررورچىسى ئۆلتۈرۈلگەن تۆت قېتىملىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، مەزكۇر ھەرىكەتلەر دۆلەتنىڭ خەلقئارالىق بىخەتەرلىك شېرىكلىرى بىلەن ماسلاشقان ھالدا، دۆلەتنىڭ جەنۇبىي ۋە ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان ھىرشابېللې ئۆلكىسىنىڭ ھىران ۋە ئوتتۇرا شابېللې رايونلىرىدا ئېلىپ بېرىلغان.

ئىدارە تېررورلۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ ئۆلكە تەۋەلىكىدىكى بەزى جايلارغا ھۇجۇم قىلىشنى باشلاشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان پەيتتە نىشانغا ئېلىنغانلىقىنى قەيت قىلدى. سومالى ئىستىخبارات ئىدارىسى باياناتىدا: «بۇ ئالدىنى ئېلىش خاراكتېرلىك ھەرىكەتلەر، ئىستىخبارات ئىدارىسىنىڭ خاۋارىج گۇرۇھىنىڭ ماھاس بازىرى ئەتراپىدىكى ۋاب-ۋېين ۋە گوبو رايونلىرىدا جەڭچى توپلاۋاتقانلىقىغا ئائىت ئىستىخبارات ئۇچۇرىنى قولغا چۈشۈرگەندىن كېيىن ئېلىپ بېرىلدى» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

«خاۋارىج» سومالى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلقائىدە بىلەن ئالاقىسى بولغان ئەششەباب تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قويغان ئاتالغۇسىدۇر. باياناتقا ئاساسلانغاندا، ھەرىكەت جەريانىدا ھىران رايونىدىكى موقوكورى بازىرىغا جايلاشقان بىر تېررورلۇق لاگېرىمۇ ۋەيران قىلىنغان. ئەششەباب 16 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان سومالى ھۆكۈمىتىگە قارشى قوراللىق ھەرىكەت ئېلىپ بارماقتا ۋە پات-پات بىخەتەرلىك كۈچلىرىنى، ئەمەلدارلارنى ۋە پۇقرالارنى زەربە ئوبيېكتى قىلماقتا.

سومالى ئارمىيەسى ئۆتكەن يىلى ئىيۇل ئېيىدىن باشلاپ، ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ سومالىنى قوللاش ۋە تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى ۋە باشقا خەلقئارالىق شېرىكلىرىنىڭ قوللىشى بىلەن ئەششەبابقا قارشى ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتتى. ئافرىقا ئەللىرى ئىتتىپاقى تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپە مۇددىتى، دېكابىر ئېيىدا ئەنگلىيەنىڭ قوللىشى بىلەن چىقىرىلغان بىر قارار ئارقىلىق بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى تەرىپىدىن يەنە بىر يىل، يەنى 31-دېكابىرغىچە ئۇزارتىلدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز