ئېممانۇئېل ماكرون شى جىنپىڭغا خىتاي ۋە فرانسىيەنىڭ «پەرقلەر» دىن ھالقىپ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى
ماكرون كۆرۈشۈش جەريانىدا شىغا: «بەزىدە پەرقلىق تەرەپلەر بولۇشى مۇمكىن، ئەمما تېخىمۇ چوڭ ياخشىلىقلار ئۈچۈن بۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈش بىزنىڭ مەسئۇلىيىتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
فرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل ماكرون پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە، فرانسىيە بىلەن خىتاينىڭ «پەرقلەر» دىن ھالقىپ ئۆتۈشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.
خىتاي رەھبىرى خەلق سارىيىدىكى سۆھبەتلەردە ماكرونغا قوشۇلۇپ، فرانسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەرنىڭ «تېخىمۇ مۇقىم» بولۇشى ھەققىدە چاقىرىق قىلدى.
شى خىتاينىڭ فرانسىيە بىلەن «ھەر خىل ئارىلىشىۋېلىشلارنى چەتكە قېقىش» ۋە «خىتاي بىلەن فرانسىيە ئوتتۇرىسىدىكى كەڭ دائىرىلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ مۇقىم ھالەتكە كەلتۈرۈش» ئۈچۈن خىزمەت قىلىشقا ئىشتىياق باغلىغانلىقىنى ئېيتتى.
ماكرون ۋە رەپىقىسى بىرىجىت ھاۋارايىنىڭ سوغۇق بولۇشى سەۋەبىدىن مۇراسىمنىڭ ئۆي ئىچىگە ئېلىنىشى بىلەن خەلق سارىيىدا شى ۋە خانىمى پېڭ لىيۈەن تەرىپىدىن داغدۇغىلىق مۇراسىم بىلەن قارشى ئېلىندى.
فرانسىيە پىرېزىدېنتى ماكرون گۈل تۇتۇپ تۇرغان ئۆسمۈرلەرگە سۆيۈش ئىشارىتى قىلدى؛ بىر ئوركېستىر بولسا ھەر ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت مارشىنى ئورۇنلىدى.
ماكروننىڭ خىتايغا قىلغان ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتىنىڭ ئەڭ مۇھىم كۈنتەرتىپ ماددىسى، ئۇكرائىنا مەسىلىسى ۋە بېيجىڭنىڭ ئۇرۇش توختىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئوينىيالايدىغان رولى ئىدى.
ئېممانۇئېل ماكرون شىغا قارىتا: «دۇنيا مىقياسىدا، ئۇكرائىنادا ۋە ئۇرۇشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان باشقا رايونلاردا تىنچلىق ۋە مۇقىملىق ئۈچۈن داۋاملىق خىزمەت قىلىشىمىز كېرەك. بىرلىكتە خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىمىز ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدۇ» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
فرانسىيە پىرېزىدېنتى يەنە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش چاقىرىقىدا بولدى ۋە شىدىن گ7 دۆلەتلەر گۇرۇھى بىلەن قائىدە- قانۇنننى ئاساس قىلغان ئىقتىسادىي باشقۇرۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
2017-يىلى ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتاينى تۆتىنچى قېتىم زىيارەت قىلغان ماكروننىڭ بېيجىڭدا باش مىنىستىر لى چياڭ بىلەنمۇ كۆرۈشۈشى ۋە ئارقىدىن، فرانسىيەگە ئارىيەتكە بېرىلگەن ئىككى چوڭ ئېيىق مۈشۈكنىڭ يېقىندا قايتۇرۇپ بېرىلگەن جايى چېڭدۇغا بېرىشى كۈتۈلمەكتە.
ماكرون، رۇسىيە بىلەن داۋاملىشىۋاتقان ئۇرۇش تۆتىنچى قىشىغا كىرىۋاتقان بىر پەيتتە، ئۇكرائىنادا ئۇرۇش توختىتىشنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا ياردەمچى بولۇشى ئۈچۈن شىغا بېسىم ئىشلىتىشكە تىرىشماقتا.
خىتاي قەرەللىك ھالدا تىنچلىق سۆھبەتلىرى ۋە بارلىق دۆلەتلەرنىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىگە ھۆرمەت قىلىش چاقىرىقىدا بولسىمۇ، ھېچقاچان رۇسىيەنى ئەيىبلەپ باققىنى يوق.
غەرب ھۆكۈمەتلىرى بولسا بېيجىڭنى رۇسىيەگە ئۇرۇش ئۈچۈن ھالقىلىق ئىقتىسادىي ياردەم بېرىش بىلەن، بولۇپمۇ مۇداپىئە سانائىتى ئۈچۈن ھەربىي زاپچاس تەمىنلەش بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئاسىيانىڭ بۇ كۈچلۈك ئىقتىسادىي گەۋدىسى بىلەن 357 مىليارد دوللارلىق زور سودا قىزىل رەقىمىگە دۇچ كېلىشى سەۋەبىدىن، ماكروننىڭ خىتاي ساھىبخانلىرى بىلەن سودىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىشى كۈتۈلمەكتە.
ماكروننىڭ بىر مەسلىھەتچىسى: «خىتاي تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال قىلىشى ۋە تېخىمۇ ئاز ئېكسپورت قىلىشى كېرەك... ياۋروپالىقلار بولسا تېخىمۇ ئاز تېجەپ، تېخىمۇ كۆپ ئىشلەپچىقىرىشى كېرەك» دېدى.
ئېممانۇئېل ماكرون ئىلگىرى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتايغا بېقىنىپ قېلىشىنى ئازايتىشى ۋە تېخنىكا ساھەسىدە بىر «بىرىنچىلىكى» نى قوبۇل قىلىشى توغرىسىدا چاقىرىق قىلغان؛ ئۆتكەن ئاي قىتئە مىقياسىدىكى تېخنىكا رەھبەرلىرى ۋە مىنىستىرلار قاتناشقان بىر ياۋروپا باشلىقلار يىغىنىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئامېرىكا ۋە خىتاي تېخنىكا شىركەتلىرىنىڭ «تەۋەلىرى» بولۇشنى خالىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
فرانسىيە پىرېزىدېنتى جۈمە كۈنىگىچە خىتايدا تۇرىدۇ ۋە زىيارىتىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى خىتاينىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسىدىكى چېڭدۇ بولىدۇ.