خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
ئىلگىرى سۈرۈلۈشىچە، ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى پىلانلىنىۋاتقان بۇ قېتىملىق ئۇچرىشىش، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ ئىككى ئىقتىسادىي گەۋدىسى — ۋاشىنگتون بىلەن بېيجىڭنىڭ ئۆزئارا جىددىيچىلىكلەرنى پەسەيتىش يولىدا كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن.
ترامپ: شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىدۇ
2017-يىلى 11-ئاينىڭ 9-كۈنى، بېيجىڭدىكى خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن قارشى ئېلىش مۇراسىمى جەريانىدا، دونالد ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن سۆھبەتلەشمەكتە. [ئارخىپ] / AP

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرى كەسكىن سودا ئۇرۇشى سەۋەبىدىن يىرىكلىشىپ كەتكەن بىر مەزگىلدە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنى يىل ئاخىرىدا ئاقسارايدا كۈتۈۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ترامپ بۇ باياناتىنى چارشەنبە كۈنى «NBC News» قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا ئېلان قىلدى. ترامپ شۇ كۈنى شى جىنپىڭ بىلەن سودا، تەيۋەن، ئۇكرائىنادىكى ئۇرۇش ۋە ئىران ۋەزىيىتى قاتارلىق كەڭ دائىرىلىك مەسىلىلەر بويىچە تېلېفون سۆھبىتى ئېلىپ بارغانىدى. مۆلچەرلىنىشىچە، ترامپ ئالدى بىلەن ئاپرېل ئېيىدا خىتايغا بارىدىكەن، ئارقىدىن شى جىنپىڭ ئامېرىكادا زىيارەتتە بولىدىكەن.

ترامپ يەكشەنبە كۈنى ئېلان قىلىنغان زىيارەت خاتىرىسىدە: «شى جىنپىڭ يىل ئاخىرىدا ئاقسارايغا كېلىدۇ. بىز دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ئىككى دۆلەت، ئارىمىزدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى ياخشى» دېدى. ترامپ بىر يىل ئىلگىرى ئاقسارايغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، پولات-تۆمۈر ۋە ئاپتوموبىل قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتا مەخسۇس باج قويدى، باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ھەر خىل سىياسىي نىشانلارغا يېتىش ئۈچۈن تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە ئىنتايىن ئاكتىپ قەدەملەرنى تاشلىدى.

«مۇكەممەل سۆھبەت»

ئاقساراي بېيجىڭ بىلەن بولغان سودا جىددىيچىلىكىدە ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۆتكەن ئەتىيازدا كەڭ كۆلەملىك سۈركىلىشنى توختىتىش كېلىشىمى ھاسىل قىلغانىدى. ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا بولغان بېقىندىلىقىنى ئازايتىش تىرىشچانلىقلىرىغا قارىماي، ئىككى دۆلەت ئىقتىسادىي جەھەتتىن يەنىلا بىر-بىرىگە چوڭقۇر باغلىنىپ تۇرماقتا.

ئەڭ ئاخىرقى قېتىم 2023-يىلى ئامېرىكادا زىيارەتتە بولغان شى جىنپىڭ، چارشەنبە كۈنىدىكى سۆھبەتتە ترامپنى تەيۋەنگە قورال سېتىش مەسىلىسىدە «ئېھتىياتچان» بولۇشقا چاقىردى. ئۇ يەنە، ئىككى تەرەپلىك مەسىلىلەرنىڭ بېيجىڭ بىلەن ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدا دوستلۇق ئاساسىدا ھەل قىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى (CCTV) نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شى جىنپىڭ: «مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئۆزئارا ئىشەنچنى ئۈزلۈكسىز تۇرغۇزۇش ئارقىلىق، ئىككى دۆلەتنىڭ خوش ئۆتۈشى ئۈچۈن توغرا بىر يول ئاچالايمىز»، دېگەن.

ترامپ شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىنىڭ «مۇكەممەل» بولغانلىقىنى ۋە ھەر ئىككى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلەرنى مۇشۇ يۆنىلىشتە داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا جۈمە كۈنى يادرو قوراللىرىنى چەكلەش بويىچە رۇسىيە ۋە خىتاي بىلەن ئۈچ تەرەپلىك سۆھبەت ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلدى، لېكىن بېيجىڭ نۆۋەتتىكى باسقۇچتا قورالسىزلىنىش مۇزاكىرىلىرىگە قاتنىشىشنى رەت قىلدى.

ئىزدىنىڭ
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى