سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
خىتاي: ھورمۇز بوغۇزىدىكى قالايمىقانچىلىق ئىرانغا قىلىنغان «قانۇنسىز» ھۇجۇمىنىڭ نەتىجىسى
بېيجىڭ ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ «ھورمۇز بوغۇزىنى ئۇنىڭغا تايىنىدىغان دۆلەتلەر ئۆزلىرى ئېلىۋالسۇن» دېگەن سۆزىگە ئىنكاس قايتۇردى.
خىتاي: ھورمۇز بوغۇزىدىكى قالايمىقانچىلىق ئىرانغا قىلىنغان «قانۇنسىز» ھۇجۇمىنىڭ نەتىجىسى
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ: «ھورمۇز بوغۇزىدىكى قالايمىقانچىلىق ئىرانغا قىلىنغان قانۇنسىز ھۇجۇمىنىڭ نەتىجىسى» دېدى. ئا پ. / AP

خىتاي پەيشەنبە (2026-يىلى 2-ئاپرېل) كۈنى ھورمۇز بوغۇزىدىكى قاتناش قالايمىقانچىلىقىنىڭ «تۈپ سەۋەبى» نىڭ، ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان «قانۇنسىز» بىرلەشمە ھەربىي ھۇجۇمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى ھەمدە يەر شارى دېڭىز قاتنىشىنى قوغداش ئۈچۈن ۋەزىيەتنى يۇمشىتىشقا چاقىردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋنىڭ بېيجىڭدا مۇخبىرلارغا: «ھورمۇز بوغۇزىدىكى قالايمىقانچىلىقنىڭ تۈپ سەۋەبى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قاراتقان قانۇنسىز ھەربىي ھەرىكىتىدۇر،» دېدى.

بۇ سۆزلەر، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ بىر كۈن ئىلگىرىكى سۆزلىرىگە قارىتا ئېيتىلدى. ترامپ ئامېرىكانىڭ بۇ دېڭىز يولى ئارقىلىق «ئاساسەن ھېچقانداق نېفىت» ئىمپورت قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

ترامپ: «ھورمۇز بوغۇزى ئارقىلىق نېفىت قوبۇل قىلىدىغان دۆلەتلەر بۇ يولغا ئۆزى ئىگىدارچىلىق قىلىشى كېرەك. ئۇلار بۇنىڭ قەدرىگە يېتىشى، ئۇنى تۇتۇپ تۇرۇشى (قولغا كىرگۈزۈشى) ۋە قەدىرلىشى كېرەك» دېگەن ئىدى.

ئۇ يەنە، يېقىلغۇ بىلەن تەمىنلىنىشكە كاپالەتلىك قىلالمايدىغان دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكادىن نېفىت سېتىۋېلىشىنى ياكى «كېچىككەن جۈرئىتىنى يىغىپ، بوغۇزغا بېرىپ ئۇنى تارتىۋېلىش» نى تەۋسىيە قىلدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - UK leads global push to to pressure Iran over Strait of Hormuz blockade

ئېنېرگىيە ئېھتىياجىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئوتتۇرا شەرقتىن ئىمپورت قىلىدىغان خىتاي يېقىندا ئۆزىنىڭ ئۈچ پاراخوتىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە 28-فېۋرال (2026) ئىرانغا بىرلىكتە ھۇجۇم باشلىغاندىن بۇيان، بۇ بوغۇز ئەمەلىيەتتە ئىراننىڭ كونتروللۇقىدا تۇرماقتا. مەزكۇر ھۇجۇمدا ئۆز ۋاقتىدىكى ئالىي رەھبەر ئەلى ھامەنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1340 تىن ئارتۇق ئادەم جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

ئىران ئىسرائىلىيە، ئىيوردانىيە، ئىراق ۋە ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرى جايلاشقان پارس قولتۇق دۆلەتلىرىگە ئۇچقۇ ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئۆچ ئالدى. بۇ ھۇجۇملار ئىقتىسادىي ۋە ئۇل-ئەسلىھە زىيانلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش بىلەن بىرگە، يەر شارى بازارلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە قاتنىشىنى قالايمىقانلاشتۇردى. ئۇرۇش جەريانىدا كەم دېگەندە 13 ئامېرىكا ھەربىي خادىمى جېنىدىن ئايرىلدى، نەچچە ئون ئەسكەر يارىلاندى.

تېھران ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئېنېرگىيە تەمىناتىدىكى ھالقىلىق دېڭىز يولى بولغان ھورمۇز بوغۇزىنى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا ھەمدە ئىران «دوست دۆلەتلەر» دەپ ئاتىغان دۆلەتلەرنىڭ پاراخوتلىرىنىڭ ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلدى.

خىتاي نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىنى يېقىلغۇ ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملاشتۇرۇشقا چاقىردى

بىر قانچە مۇناسىۋەتلىك مەنبەلەرنىڭ پەيشەنبە كۈنى بىلدۈرۈشىچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىچكى يېقىلغۇ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇستەقىل نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش كارخانىلىرىغا ئىشلەپچىقىرىش سۈرئىتىنى ئۆتكەن ئىككى يىللىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن تۆۋەنلىتىۋەتمەسلىكنى تەلەپ قىلغان.

بۇ سىياسەت، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆسۈشىدىن كېيىن، كىچىك تىپتىكى نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتلىرىنىڭ ئاپرېل ئېيىدا ئىشلەپچىقىرىشنى قىسقارتىشى مۆلچەرلىنىۋاتقان پەيتكە توغرا كەلدى.

مەنبەلەرنىڭ ئېيتىشىچە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى بۇ ھەقتىكى كۆرسەتمىنى مۇشۇ ھەپتە مۇستەقىل نېفىت زاۋۇتلىرى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن يىغىندا يەتكۈزگەن.

مەزكۇر بۇيرۇققا بويسۇنمىغانلارنىڭ خام نېفىت ئىمپورت كوتا (چەكلىمە) مىقدارىنىڭ قىسقارتىلىشى مۇمكىنلىكى ئەسكەرتىلدى. خىتاي ئۆزىنىڭ «چەينەك» (teapots) دەپ ئاتىلىدىغان مۇستەقىل نېفىت زاۋۇتلىرىنىڭ نېفىت ئىمپورتىنى كوتا تۈزۈمى ئارقىلىق باشقۇرىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - EU pledges to safeguard freedom of navigation in Strait of Hormuz

خىتاي ئوتتۇرا شەرقتىكى ئۇرۇش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىشى مۇمكىن بولغان يېقىلغۇ يېتىشمەسلىك ئەھۋالىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئۆتكەن ئايدا پىششىقلاپ ئىشلەنگەن يېقىلغۇ ئېكسپورتىنى توختاتقان بولۇپ، بۇ چەكلىمە ئاپرېلغىچە ئۇزارتىلدى.

ئىزدىنىڭ
ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن پارس قولتۇقى ھەمكارلىق كېڭىشى ئىراننىڭ تەلەپلىرىنى رەت قىلدى
ئەنگلىيە كوماندىسى ئۈچىنچىلىكنى قولغا كەلتۈردى
ئىران ئامېرىكا بازىلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە-ئامېرىكا F-35 سۆھبىتى «ئۈنۈملۈك» بولغان
ھورمۇز بوغۇزىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان خام نېفىت تۇرۇبا يولى كېلىشىمى ئىمزالاندى
ئامېرىكا گىرېتسىيەگە ھەربىي جابدۇقلارنى سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
ئىران ئارمىيەسى: ئامېرىكانىڭ بەھرەيندىكى بازىسىغا ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدۇق
ئامېرىكا تۈنۈگۈن كەچتە ئىرانغا باشلىغان ھۇجۇملىرىنى ئاخىرلاشتۇرغانلىقىنى ئۇقتۇردى
ترامپ نېتانياھۇنىڭ تۈركىيە توغرىسىدىكى تەنقىدلىرىگە غەزەپلەندى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ چابەھەر شەھىرىدىكى پورتىغا قىلغان ھۇجۇمىدا دېڭىز كۆزىتىش مۇنارى ۋەيران قىلىندى
15-ئىيۇلدىن كېيىنكى ئېنېرگىيە سىياسەتلىرى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى زېلېنسكىي: «بىز ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇشقا مۇناسىپمىز»
كىيېۋدا رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرى نەتىجىسىدە 2 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا ئىسرائىلىيەگە بېرىلىدىغان ھەربىي ياردەمنى توختىتىش قانۇن لايىھەسى رەت قىلىندى
ئىران: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ ھورمۇز بوغۇزىغا ئارىلىشىشىغا يول قويمايمىز