ئوچېرىك
2 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان غەززە مەسىلىسى ئارقىلىق غەربنى قاتتىق تەنقىد قىلدى
تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەنى رەھىمسىزلەرچە ئىشغال قىلىشى سەۋەبلىك غەرب ئورگانلىرىنىڭ دۇنيانىڭ ئەخلاقىي پۈتۈنلۈكىنى بۇزۇۋاتقانلىقى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، پەلەستىن خەلقىگە ياردەم بېرىشكە ۋەدە بەردى.
ئەردوغان غەززە مەسىلىسى ئارقىلىق غەربنى قاتتىق تەنقىد قىلدى
/ AA

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان غەربنىڭ غەززە كىرىزىسىگە تۇتقان پوزىتسىيەسىنى ئەخلاقىي رەھبەرلىك جەھەتتىكى بىر مەغلۇبىيەت دەپ ئاتاپ، غەرب دۆلەتلىرىنى قاتتىق تەنقىد قىلدى.

ئەردوغان چارشەنبە كۈنى ۋېنگىرىيەدىن تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا، غەززەنىڭ پەقەت بىر ئىنسانىي تىراگېدىيە مەسىلىسىلا ئەمەسلىكىنى، دۇنيانىڭ ئەخلاقىي پۈتۈنلۈكىنىڭمۇ ئۆلچىمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان مۇنداق دېدى:

«غەززەنىڭ ئەھۋالى پەقەت بىر ئىنسانىي تىراگېدىيەلا ئەمەس، بەلكى خەلقئارا سىستېمىنىڭ سەمىمىيىتىنىڭ بىر سىنىقىدۇر، تولىمۇ ئەپسۇسكى، غەرب ئورگانلىرى بۇ سىناقتىن ئۆتەلمىدى.»

ئەردوغان ئىسرائىلىيەنى غەززەگە ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملەرنى قەستەن توسۇش بىلەن ئەيىبلىدى، ھەمدە بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ ئىسرائىلىيەنى دۇنيا سەھنىسىدە يېتىم قالدۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئېڭىنىڭ ئۆزگىرىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:

«ياۋروپا ئاخىرى ئىسرائىلىيەنىڭ قىلمىشلىرىنى تونۇپ يەتتى. دەرۋەقە، غەززەدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەرگە كۆز يۇمغانلار ھامان بىر كۈنى تارىخ ئالدىدا چوقۇم ھېساب بېرىدۇ.»

غەززە خەلقىگە ياردەم بېرىش مەسىلىسىدە ئىرادىلىرىنىڭ قەتئىيلىكىنى تەكرارلىغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، تۈركىيەنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك تەرەپتە تۇرۇۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ پوزىتسىيەسىدىن ئەسلا ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Israel hampers Gaza aid distribution even as famine looms

 سۈرىيە ئېمبارگولىرى ۋە ئامېرىكا زىيارىتى

 رايونلۇق دىپلوماتىيە توغرىلىقمۇ توختالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، سۈرىيەگە قاراتقان خەلقئارالىق ئېمبارگولارنىڭ بىكار قىلىنىشى توغرۇلۇق چاقىرىقتا بولدى، ھەمدە بۇنىڭ  ئۇزۇن مۇددەتلىك مۇقىملىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

ئۇ، بۇنداق بىر قەدەمنىڭ تۈركىيەنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئىجابىي دىپلوماتىيە سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى ھەم مۇھىملىقىنى كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدا زىيارەتتە بولۇش ئېھتىماللىقى توغرۇلۇق توختىلىپ، پىرېزىدېنت دونالد ترامپ بىلەن كۆرۈشۈشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - Erdogan describes call with Trump as 'very productive, comprehensive'

ئىزدىنىڭ
مارىيا تېرېسا لازارو بىلەن ۋاڭ يى ئىككى تەرەپلىك ئالاقىلەرنى مۇزاكىرە قىلدى
رۇسىيە ۋە ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا سۆزلەشتى
تايلاندتىكى بىر تەكشۈرۈش پونكىتىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا 5 ئەسكەر قازا قىلدى
قۇددۇس ۋالىيلىقى 1300 دىن ئارتۇق ئىسرائىلىيەلىكنىڭ مەسجىدى ئەقساغا بېسىپ كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى
پاكىستان بىلەن ھىندىستاندا شىددەتلىك يامغۇر ئاپەتىرىدە قازا قىلغانلارنىڭ سانى ئاشماقتا
ئاتلانتىك ئوكيانغا چۈشۈپ كەتكەن «Pan Am» ئايروپىلانىنىڭ پارچىلىرى 74 يىلدىن كېيىن تېپىلدى
ئامېرىكا يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھاۋا بومباردىمانىنى باشلىدى
يەمەندىكى ھۇسىيلار قىزىل دېڭىزدا سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت پاراخوتلىرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئامېرىكانىڭ ئىراننىڭ خۇزىستان ئۆلكىسىگە قاراتقان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدا 2 كىشى قازا قىلدى
ئامېرىكا قايتىدىن ئىرانغا قارشى «B-1» بومباردىمانچى ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە باشلىدى
تېھراندا ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى
فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىدا تېز تارقالغان ئورمان ئوت ئاپىتى سەۋەبىدىن يۈزلىگەن كىشى تارقاقلاشتۇرۇلدى
گىرېتسىيەدە ئادەتتىن تاشقىرى ئىسسىق سەۋەبىدىن ئوچۇق ھاۋا مەيدانلىرىدا خىزمەت قىلىش چەكلەندى
رۇسىيە: «ئودېسسا پورتىغا ۋە ئۇكرائىنا ئارمىيەسىگە يۈك توشۇيدىغان پاراخوتلارغا ئەجەللىك زەربە بەردۇق»
جەنۇبىي كورېيە ئېمبارگوغا خىلاپلىق قىلغان بىر يۈك پاراخوتىنى مۇسادىرە قىلدى