خەلقئارا
3 مىنۇت ئوقۇش
خ ئا ئې ئا: ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكەنلىكىگە دائىر ئالامەت كۆرمىدى
گروسسى: «يادرو ئەسلىھەلىرىگە قارىتىلغان چوڭ تىپتىكى ھەربىي ھەرىكەتلەرنى كۆرمىدۇق، ئوخشىمىغان سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى تەكشۈرۈۋاتىمىز» دېدى.
خ ئا ئې ئا: ئىراننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىگە زىيان يەتكەنلىكىگە دائىر ئالامەت كۆرمىدى
ئىدارە ئىراننىڭ يادرو نەزەرەت ئورگانلىرى بىلەن ئالاقە قىلىشقا تىرىشىۋاتقان ئىدى، لېكىن ھېزىرمىچە ھېچقانداق جاۋاب كەلمىدى، دېدى گىروسسى. / AP

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) نىڭ يادرو تەكشۈرۈش ئورگىنى بولغان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى (UAEA) نىڭ باشلىقى رافائىل گروسسى، ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قىلغان ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئىراندىكى ھېچبىر يادرو ئەسلىھەسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ياكى نىشانغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر «ھېچقانداق ئىسپات» يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئېچىلغان جىددىي يىغىنىدا سۆز قىلغان گروسسى «ۋەزىيەتنىڭ تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بارلىق تەرەپلەرنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە سوغۇققان بولۇش»قا چاقىردى.

ئۇ: «ھازىرغىچە بۇشەھر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسى، تېھران تەتقىقات رېئاكتورى ياكى باشقا يادرو يېقىلغۇسى ئايلىنىش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراندىكى ھەر قانداق بىر يادرو ئەسلىھەسىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى ياكى نىشانغا ئېلىنغانلىقىغا دائىر ئالامەت يوق» دېدى.

ئۇ يىغىن جەريانىدىكى باياناتىدا، ئاگېنتلىقنىڭ ئىراننىڭ يادرو ئىشلىرىغا مەسئۇل ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشقا تىرىشقانلىقىنى، ئەمما «ھازىرغىچە جاۋاب ئالالمىغانلىقى» نى تىلغا ئېلىپ: «بۇ مۇھىم ئالاقە قانىلىنىڭ مۇمكىنقەدەر تېزرەك قايتا ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز» دېگەنلەرنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.

«ھۇجۇم ۋە ئىشغال ئۈچۈن ئويدۇرۇلغان باھانە»

خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىران ۋەكىلى رىزا نەجەفى «ناتانز» ناملىق مۇھىم يادرو ئەسلىھەسىنىڭ ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى، ئەمما تەپسىلاتىنى ئاشكارىلىمىدى. نەجەفى ئامېرىكانىڭ ئىراننى يادرو قورالى ياساشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلىشىنىڭ «ھۇجۇم ۋە ئىشغال ئۈچۈن ئويدۇرۇلغان قۇرۇق باھانە» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ: «ئىران ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باشلىقى تۈنۈگۈن باش دىرېكتورغا مەخسۇس خەت ئەۋەتىپ، ناتانز يادرو ئەسلىھەلىرىنىڭ، يەنى كاپالەت ئاستىدىكى بىر ئەسلىھەنىڭ بۇ ھۇجۇم جەريانىدا زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى مەلۇم قىلدى» دېدى.

گروسسى دۈشەنبە كۈنى كەچتە ئۆتكۈزگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، باشقۇرۇش ھەيئىتىگە بەرگەن باياناتىدا چىڭ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «ئەسلىھەلەرنى نىشانغا ئالغان كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەت كۆرمىدۇق. پەرقلىق سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ئانالىز قىلدۇق. ئۇ يەردە بەزى ئىشلار يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەمما بۇ ئېغىر ئەھۋال ئەمەس ھەمدە ئۆتكەن قېتىم كۆرگەنلىرىمىز بىلەن ھەرگىزمۇ سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ» دېدى.

ئۆتكەن يىلى ئىيۇن ئېيىدىكى 12 كۈن داۋاملاشقان توقۇنۇشتا، ئىسرائىلىيە بىلەن ئامېرىكا ناتانزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىراننىڭ مۇھىم يادرو ئەسلىھەلىرىگە ھۇجۇم قىلغان بولۇپ، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ شۇ ۋاقىتتىن بۇيان مەزكۇر ئەسلىھەلەرنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغانىدى. گروسسى ھازىردا ئاگېنتلىق تەكشۈرگۈچىلىرىنىڭ ئىراندا يوقلۇقىنى ۋە ھۇجۇملار باشلانغاندىن بۇيان ئىران بىلەن بولغان سۆھبەتلەرنىڭ «ناھايىتى چەكلىك» ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

«ۋەزىيەت ئىنتايىن ئەندىشىلىك»

گروسسى ئېچىلىش نۇتقىدا، ئىرانغا قارىتىلغان ھۇجۇملار ۋە ئىراننىڭ بۇنىڭغا قارىتا ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئوتتۇرا شەرقتىكى ۋەزىيەتنىڭ «ئىنتايىن ئەندىشىلىك» نۇقتىغا يەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇ يەنە: «ئىران ۋە رايوندا ھەربىي ھۇجۇملارغا ئۇچرىغان باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ يۈرۈشۈۋاتقان ھالەتتىكى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى، تەتقىقات رېئاكتورلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك يېقىلغۇ ساقلاش مەيدانلىرى بار؛ بۇ ئەھۋال يادرو بىخەتەرلىكىگە بولغان تەھدىتنى كۈچەيتىۋېتىدۇ» دېدى ۋە دىپلوماتىك مۇزاكىرىلەرنىڭ «مۇمكىنقەدەر تېزرەك» قايتا باشلىنىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گروسسى ئۆتكەن ئاي جەنۋەدە ئوماننىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلغان ئىككى باسقۇچلۇق سۆھبەتكە قاتناشقان بولۇپ، بۇ ھەقتە: «بۇ قېتىم تەرەپلەر بىرەر ئورتاقلىققا كېلەلمىدى. بۇنىڭ كۈچلۈك ئۈمىدسىزلىك تۇيغۇسى پەيدا قىلغانلىقىغا ئىشىنىمەن» دېدى.

بۇ قېتىمقى جىددىي يىغىن 35 دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئاگېنتلىقى باشقۇرۇش ھەيئىتىنىڭ ئالدىن پىلانلانغان مۇنتىزم يىغىنىدىن بۇرۇن، تېھراننىڭ مۇھىم ئىتتىپاقدىشى بولغان رۇسىيەنىڭ تەلىپى بىلەن چاقىرىلدى.

ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيە باشچىلىقىدىكى غەرب دۆلەتلىرى تېھراننى يادرو قورالى ياساشقا ئۇرۇنۇۋاتىدۇ دەپ ئەيىبلەپ كەلمەكتە. تېھران بولسا بۇ خىل ھەربىي مەقسەتلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، يادرو تېخنىكىسىنى پەقەت تىنچ مەقسەتتە ئىشلىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە.

ئىزدىنىڭ
قۇددۇس ۋالىيلىقى: <ئىسرائىلىيە 650 يېڭى قانۇنسىز تۇرالغۇ قۇرۇش پىلانىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە>
بەدىنىڭىزدىكى مىكروبلار سىزنى روھىي كېسەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىشى مۇمكۇنمۇ؟
روسئاتوم: «رۇسىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر ئىراندا بوشېھر يادرو ئېلېكتر ئىستانسىسغا قايتىشقا باشلىدى»
يەمەن ئارمىيەسى: «خۇسىيلارنىڭ ئەلمۇخاغا قىلغان ھۇجۇمىدا 7 كىشى ئۆلۈپ، 30 كىشى يارىلاندى»
ئەنگىلىيە توكلۇق ئاپتوموبىل تېخنىكىسىغا 175 مىلىيون دوللارلىق قوشۇمچە فوند ياردىمى قىلىدىغان بولدى
گرېتسىيەدە 106 ئوخشىمىغان نۇقتىدا پەلەستىنگە ئازادلىق تەلەپ قىلىپ نامايىشلار ئۆتكۈزۈلدى
خىتايدا يۇنۇس تەيفېڭ بورىنى 1 مىلىيوندىن ئارتۇق خىتاينى ئۆي – ماكانلىرىدىن ئايرىدى
ئىران تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئاراقچى: «ھازىرچە ئامېرىكا بىلەن ھېچقانداق مۇزاكىرە ئېلىپ بارمىدۇق»
ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئۆلكىسىدىكى سەللەردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 100 گە ئۆرلىدى
ئىران ھۆرمۈز بوغۇزىنى ئېچىش ئۈچۈن ئالتە شەرتنى ئوتتۇرىغا قويدى
ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا زاپىسى ئازيماقتا
رۇسىيە ئۇكرائىناغا كېچىدە 17 باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە 202 قوراللىق ھاۋا ئاپىراتى بىلەن ھۇجۇم قىلدى
رۇسىيە: «ئۇكرائىنانىڭ ھەربىي مەقسەتتە ئىشلىتىلىدىغان ئودېسسا ۋە چورنومورسك پورتلىرىغا زەربە بەردۇق»
كاتىمېرىنى گېزىتى: «مەككە مۇداپىئە ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئافىنادا بىئاراملىق پەيدا قىلدى»
ئىشغالچى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى دەپسەندە قىلىپ، لىۋاننىڭ جەنۇبىغا ھۇجۇم قىلدى
سابىق ئامېرىكا پىرېزىدېنتى بايدىننىڭ راك كېسىلىنىڭ كېڭەيگەنلىكى ئېلان قىلىندى
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى