خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە خىتاينىڭ پارچە سېتىش تورى تېمۇ (Temu) غا جازا بەردى
تۈركىيە خىتاينىڭ پارچە سېتىش تورى تېمۇ (Temu) غا تور تەكشۈرۈشىگە توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن جەرىمانە قويدى.
تۈركىيە خىتاينىڭ پارچە سېتىش تورى تېمۇ (Temu) غا جازا بەردى
تۈركىيە خىتاينىڭ پارچە سېتىش تورى تېمۇ (Temu) غا جازا بەردى

تۈركىيە رىقابەت ئىدارىسى تېمۇنىڭ سۇپىسىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ سودىگەرلەرنىڭ باھا بەلگىلىشىگە تەسىر كۆرسەتتى دېگەن دەۋالارغا ئالاقىدار ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئالدىن تەكشۈرۈش رامكىسىدا ئۇقتۇرۇشسىز تەكشۈرۈش باشلىغان ئىدى.

تۈركىيە رىقابەت ئىدارىسى پىلانلانغان بىر نەخ مەيدان تەكشۈرۈشىگە تېمۇ (Temu) توسقۇنلۇق قىلغانلىقى ئۈچۈن تەخمىنەن 3 مىليون 698 مىڭ لىرا (78 مىڭ 66 ئامېرىكا دوللىرى) مەمۇرىي پۇل جازاسى بەردى ۋە شىركەت ھەققىدە رەسمىي بىر رىقاپەت تەكشۈرۈشى باشلىماسلىقنى تاللىدى.

تۈركىيە رىقابەت ئىدارىسى تەرىپىدىن يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان بىر قارارغا ئاساسلانغاندا، تەكشۈرگۈچىلەر 2026-يىلى 21-فېۋرالدا Whaleco Türkiye Teknoloji A.Ş ۋە Whaleco Technology Limited نىڭ (بىرلىكتە Temu نامى بىلەن پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان) ئىستانبۇلدىكى ئىشخانىلىرىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تېمۇنىڭ سۇپىسىدىكى ئۈچىنچى تەرەپ سودىگەرلەرنىڭ سېتىش باھاسىغا ئارىلىشىپ تۈركىيە رىقابەت قانۇنىنىڭ 4-ماددىسىغا خىلاپلىق قىلغانلىقىغا دائىر دەۋالارغا ئالاقىدار ئالدىن تەكشۈرۈشنىڭ بىر پارچىسى سۈپىتىدە بۇ قېتىمقى ئۇقتۇرۇشسىز  تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان.

بىراق تەكشۈرۈش خادىملىرى ئىشخانىلار قۇلۇپلاقلىق بولغانلىقىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارالمىغان. تېمۇنىڭ قانۇنىي ۋەكىللىرى بىلەن سائەتلەرچە داۋاملاشقان ئالاقە ۋە ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىگە ھەمدە يەرلىك بىر خادىمنىڭ ۋەقە يۈز بەرگەن ئورۇنغا كېلىدىغانلىقى توغرىسىدا بەرگەن تۇنجى ۋەدىسىگە قارىماي، ئىسخانىنىڭ ئىشىكى ئېچىلمىغان ياكى تەلەپ قىلىنغان ھۆققەتلەرنى سۇنىدىغان ھېچبىر شىركەت خادىمى كەلگىلى ئۇنىمىغان.

بۇ ئەھۋالدىن كېيىن تۈركىيە رىقابەت ئىدارىسى تېمۇنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشكە ئاكتىپ شەكىلدە توسقۇنلۇق قىلغانلىقىغا ھۆكۈم قىلغان ھەمدە 4054-نومۇرلۇق قانۇننىڭ 16-ماددىسىغا ئاساسەن شىركەت تەرىپىدىن دوكلات جىلىنغان ئەڭ ئاخىرقى ئېنىقلانغان ھېسابات دەۋرىگە قارىتا، شىركەتنىڭ 2024-مالىيە يىلىغا ئائىت ئومۇمىي كىرىملىرىنىڭ پىرسەنت 0.5 نىسبىتىدە جەزىمانە قويغان.

تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىشقا قارىتىلغان جازاغا قارىماي ئورگان، تېمۇنىڭ باھا بەلگىلەش يۈرگۈزمىلىرىگە ئائىت كەڭ كۆلەملىك بىر تەكشۈرۈش باشلىماستىن ئالدىن تەكشۈرۈشىنى تاماملىدى.

نەتىجىگە ئالاقىدار ئېلان قىلىنغان باياناتتا، بىر تېمۇ باياناتچىسىى ھەم باھا بەلگىلەش تەكشۈرۈشىنىڭ يېپىلغانلىقىنى ھەم جەرىمانە قويۇلغانلىقىنى جەزملەشتۈرۈپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە رىقابەت ئىدارىسى تېمۇنىڭ باھا بەلگىلەش ئىجرائاتلىرىغا ئائىت رەسمىي بىر تەكشۈرۈش باشلىماسلىق ۋە دېلونى يپىش قارارى ئالدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە تەكشۈرۈشكە توسقۇنلۇق قىلىش ۋە تەلەپ قىلىنغان ئۇچۇرلارنى بېكىتىلگەن مۇددەت ئىچىدە سۇنماسلىق سەۋەبى بىلەن ئورگان تەرىپىدىن بېرىلگەن 3 مىليون 696 مىڭ لىرا (تەخمىنەن 68 مىڭ 600 ياۋرو) مىقدارىدىكى جەرىمانە رەسمىي بېكىتلىپ رۇيخەتكە ئېلىندى»

تېمۇنىڭ بۇ جەرىمانە جازاسىغا قارشى رەسمىي ئۇقتۇرۇشتىن كېيىنكى 60 كۈن ئىچىدە ئەرقەرە ئورگان سوت مەھكىمىلىرىگە ئېتىراز بىلدۈرۈش ھوقۇقى بار.

ئىزدىنىڭ
خىروشىما ئامېرىكانىڭ ئاتوم بومبىسى تاشلانغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى
ترامپ ئامېرىكا قورال كەمچىللىكى مەسىلىسىدە خېگسېتقا بېسىم ئىشلەتكەن
ئىران ئەمەلدارى: ھورمۇز بوغۇزى ئىرانغا قارىتىلغان تەھدىتلەر ئاخىرلاشقۇچە يېپىق قالىدۇ
ياپونىيە باش ۋەزىرى يادرو قوراللىرىنى ئىشلەتمەسلىك ئەنئەنىسىنى قوغداشقا ۋەدە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى
قانۇنسىز ئىسرائىلىيە كۆچمەنلىرى غەربىي قىرغاقتا پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىگە ئوت قويۇپ بەردى
ئىسرائىلىيە رىمدا ۋاسىتىلىك سۆھبەت داۋاملىشىۋاتقاندا لىۋانغا قايتىدىن ھۇجۇم قىلىشنى ئويلاشماقتا
زېلېنسكىي ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن تەمىنلەنگەن باشقۇرۇلىدىغان بومبا سانىنىڭ ئازايغانلىقىنى ئېيتتى
ھىندىستاندا چاندىپۇرا ۋىرۇسى ئەنسىزلىك ياراتتى. دۆلەتلىك جىددىي ھەرىكەت ئەترىتى ۋەزىپە ئۆتىمەكتە
«ۋىلدبېررىس» ئامبىرى يەنە بىر قېتىم ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى تالاپىتىگە ئۇچرىدى
CIA نىڭ كۇباغا قارشى «ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى» قۇرغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى
دونالد ترامپ ئامېرىكانىڭ ئوق-دورا يېتەرسىزلىكىگە دۇچ كەلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى رەت قىلدى
خاقان فىدان: ئىسرائىلىيەنىڭ كېڭەيمىچىلىكى توسۇلمىسا، كىرىزىس دۇنياۋى تۇس ئالىدۇ
سۈرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شەيبانى تۈركىيەگە كېلىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ سودا جازالىرىغا قارشى «تاقابىل تۇرۇش تەدبىرلىرى» نى ئېلان قىلدى
تۈركىيەدە ھەر 10 كىشىنىڭ 9 ى تور ئىشلىتىدۇ