سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
جەنۇبىي كورېيە: سېئول «ھاۋادىن-ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىغان بولۇشى مۇمكىن
سېئۇل، رۇسىيەنىڭ ياردەم قىلغان بولۇش ئېھتىمالى بولغان شىمالىي كورېيەدىكى تېخنىكىلارنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى بىلدۈردى.
جەنۇبىي كورېيە: سېئول «ھاۋادىن-ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياسىغان بولۇشى مۇمكىن
/ Reuters

شىمالىي كورېيەنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلىپ بارغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقىدىن كېيىن، جەنۇبىي كورېيە ئارمىيەسى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، شىمالىي كورېيەنىڭ يېڭى بىر «ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان» باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساش ئۈچۈن رۇسىيەدىن «تېخنىكىلىق ياردەم» ئالغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن ئۆتكەن ھەپتە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ بىر ئۇچۇش ئەترىتىنىڭ ئايروپىلانغا قارشى تۇرۇش ۋە ھاۋا ھۇجۇمى مانېۋىرلىرىنى كۆزدىن كەچۈردى. پيوڭياڭنىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ مانېۋىرلار جەريانىدا MiG-29 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانىدىن ئېتىلغان يېڭى بىر «ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان» باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەلىي ئوق چىقىرىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلگەن.

سېئۇل مەركەزلىك يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جەنۇبىي كورېيە بىرلەشمە ئىشتابى باياناتچىسى، پولكوۋنىك لى سۇڭجۇن: «بىز بىر مۇناسىۋەتنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى شىمالىي كورېيەنىڭ رۇسىيەگە ھەربىي ئەشيالارنى (مەسىلەن، ئوق-دورا) يەتكۈزۈپ بېرىش بەدىلىگە قورال-ياراغ ۋە ئىلغار تېخنىكا ئالغان-ئالمىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىش جەريانىدا ئېيتقان.

ئەمما، ئۇ رۇسىيەنىڭ ياردەم قىلغان بولۇش ئېھتىمالى بولغان تېخنىكىلىرىنىڭ دائىرىسى ۋە كۆلىمىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يەنىمۇ چوڭقۇرلاپ تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياج بارلىقىنى سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلغان.

پولكوۋنىك لى سۇڭجۇن، «شىمالىي كورېيەنىڭ، قىسىملارنى ئەۋەتىش ۋە زاپچاسلارنى تەمىنلەش مەسىلىسىدە كېچىكىشلەرگە يولۇققان نۇرغۇن ئەھۋاللاردا، بۇرمىلانغان ياكى مۇبالىغە قىلىنغان باياناتلارنى بەرگەنلىكىنىڭ نۇرغۇن مىساللىرى بار»دېگەن ۋە سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «بىزچە، بۇ قورال سىستېمىلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە يەنە خېلى كۆپ ۋاقىت كېتىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

يونخاپ خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پىيوڭياڭ ئۆزىنىڭ «ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلماقتا ئىكەن. مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەمەلدارلىرى، قىسقا مۇساپىلىك بىر «ھاۋادىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان» باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان تەتقىقات-تەجرىبە لايىھەسىنى 2032 -يىلىغىچە تاماملاشنى ۋە بۇ سىستېمىنى 2035 -يىلىغىچە ئارمىيەنىڭ قوراللىرىغا قاتارىغا سەپلەشنى پىلانلىماقتا ئىكەن.

ئىزدىنىڭ
ئىران «دۈشمەن بازىلىرى»غا باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمى ئېلىپ باردى
بىر مىليونغا يېقىن خىتاي ئۆي-ماكانلىرىنى تاشلاپ قاچتى
ياۋروپا ۋە ئەنگلىيە قىرغاقلىرىدا گۆش يەيدىغان ئەجەللىك باكتېرىيە ئەندىشە ياراتتى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەگە يەنە ھۇجۇم قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان سىرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلارنى خاتىرىلىدى
مۇجتەبا ھامانې ئىراننىڭ دىنىي رەھبىرى ئەلى ھامانېنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىنىڭ ئىنتىقامىنى ئېلىشقا ۋەدە بەردى
تۈركىيەنىڭ F-35 ئايروپىلانى سېتىۋېلىشىغا ئالاقىدار ئىلگىرىلەشلەر گىرېتسىيەنى ئەندىشىگە سالدى
كىيېۋ يېڭى راكېتا ھۇجۇملىرىغا دۇچ كەلدى. رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مىقىياسىدىكى ھۇجۇملىرىدا 8 كىشى ئۆلدى
ئىران ئىنقىلاب مۇھاپىزەتچىلىرى ھورمۇز بوغۇزىنىڭ «كېيىنكى ئۇچۇرغىچە» تاقالغانلىقىنى ئېلان قىلدى
ئامېرىكا قىسىملىرى ئىراننىڭ جەنۇبىدىكى نىشانلارغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلدى
تورونتو كوچا فېستىۋالى يېقىنىدا يۈز بەرگەن قوراللىق ھۇجۇمدا ئىككى كىشى ئۆلۈپ، ئۈچ كىشى يارىلاندى
سرېبرېنىتسا قىرغىنچىلىقى مۇزېيى بىر يېشىنى تولدۇردى
ئىسپانىيە بېلگىيەنى مەغلۇب قىلدى
ۋېنېزۇئېلادىكى يەر تەۋرەشتە جېنىدىن ئايرىلغانلار 4 مىڭدىن ئاشتى
كىيېۋ پۇقرالىرى پارتلاش ئاۋازى بىلەن ئويغاندى