مېدۋېدېۋ: ترامپ تېز تۇتۇش قىلمىسا، ئارال خەلقى رۇسىيەگە قوشۇلۇش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىشى مۇمكىن

مېدۋېدېۋ ترامپنىڭ گىرېنلاندىيەنى كونترول قىلىش ئۈچۈن قايتىدىن قوزغىغان تىرىشچانلىقلىرىنى مەسخىرە قىلىپ، ئارالدىكى 55 مىڭ ئاھالىنىڭ تۇيۇقسىزلا رۇسىيەگە قوشۇلۇش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى ئېيتتى.

By
روسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىمىترى مېدۋېدېۋ روسىيەنىڭ موسكۋا ۋىلايىتىدىكى دۇبنا شەھىرىدە يىغىنغا قاتناشماقتا. / Reuters

«ئىنتېرفاكس» خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى دىمىترى مېدۋېدېۋ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئەگەر ئارالنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تېز ھەرىكەت قىلمىسا، گىرېنلاندىيەلىكلەرنىڭ رۇسىيە تەرەپكە ئۆتۈش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالغان.

رۇسىيەنىڭ سابىق پىرېزىدېنتى مېدۋېدېۋ: «ترامپ چاققانلىق بىلەن ھەرىكەت قىلىشى كېرەك. تېخى دەلىللەنمىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بىر نەچچە كۈن ئىچىدە تۇيۇقسىز ئومۇمىي خەلق ئارىسىدا ئاۋاز بېرىش ئېلىپ بېرىلىپ، 55 مىڭ نوپۇسلۇق پۈتكۈل گىرېنلاندىيە خەلقى رۇسىيەگە قوشۇلۇشنى تاللىشى مۇمكىن. ئۇ چاغدا ھەممە ئىش تامام بولىدۇ، ئامېرىكا بايرىقىغا يېڭى يۇلتۇزلارنى قوشۇش پۇرسىتى قالمايدۇ» دېگەن.

ترامپ ۋاشىنگتوننىڭ رۇسىيەنى تىزگىنلەش ئۈچۈن گىرېنلاندىيەگە ئىگە بولۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دانىيەگە قاراشلىق ئاپتونوم رايون بولغان مەزكۇر ئارالنىڭ كونتروللۇقىنى قولغا ئېلىش پىلانىنى قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلتۈرگەن ئىدى. ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئارالنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى ۋە مول بايلىقلىرىنىڭ ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ھاياتىي ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتسىمۇ، لېكىن بۇ پىلان دانىيە ۋە گىرېنلاندىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كۈچلۈك قارشىلىقىغا ئۇچرىدى.

رۇسىيەنىڭ گىرېنلاندىيە ئۈستىدە رەسمىي بىرەر ھوقۇق تەلەپ قىلىش نىيىتى بولمىسىمۇ، ئەمما شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان لىنىيەسىدىكى مۇھىم ئورنى ھەمدە ئۇ يەردىكى ئامېرىكا ھەربىي بازىسى ۋە ئالەم بوشلۇقىنى كۆزىتىش ئەسلىھەلىرى سەۋەبلىك، ئارالنىڭ شىمالىي قۇتۇبنىڭ بىخەتەرلىكىدىكى رولىنى ئۇزۇندىن بۇيان يېقىندىن كۆزىتىپ كەلمەكتە.

كىرېمىل سارىيى ترامپنىڭ بۇ قەدىمىگە قارىتا رەسمىي ئىنكاس قايتۇرمىدى؛ لېكىن ئۆتكەن يىلى شىمالىي قۇتۇپ رايونىنى رۇسىيەنىڭ دۆلەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك مەنپەئەت ساھەسى دەپ جاكارلاپ، گىرېنلاندىيە ئەتراپىدىكى جىددىي تالاش-تارتىشلارنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى شىمالىي قۇتۇپ رايونىدىكى نۇرغۇن ھەمكارلىقلارنى توختىتىپ قويدى. كىلىمات ئۆزگىرىشى تۈپەيلى يېڭى دېڭىز يوللىرى ۋە بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، بۇ رايون تېخىمۇ كەسكىن رىقابەت ۋە سۈركىلىش مەيدانىغا ئايلانماقتا.