خەلقئارا
2 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى پاناھلانغۇچىلار چېدىرىغا يەنە ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى پاناھلانغۇچىلار چېدىرىغا قىلغان ھۇجۇملىرىدا 3 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى ۋە، 25 پەلەسستىنلىك يارىلاندى
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى پاناھلانغۇچىلار چېدىرىغا يەنە ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە غەززەدىكى پاناھلانغۇچىلار چېدىرىغا يەنە ھۇجۇم قىلدى / AA

ئىسرائىلىيەگە تەۋە ئئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار غەززەنىڭ شىمالى ۋە جەنۇبىدىكى مۇساپىرلار چېدىرلىرى بىلەن پۇقرالار توپلاشقان رايونلارغا ھۇجۇم قىلدى.

ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە پاناھلانغۇچىلار چېدىرلىرىنى نىشانلىغان ھاۋا ھۇجۇملىرىدا 3 پەلەستىنلىك ئۆلتۈرۈلدى، پەلەستىنلىك يارىلاندى. تېل ئاۋىۋ ھۆكۈمىتى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

سەھىيە مەنبەلىرىنىڭ ئانادولۇ ئاگېنتلىقىغا بەرگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، غەززەنىڭ جەنۇبىدىكى خان يۇنۇسنىڭ غەربىگە جايلاشقان ئىككى پاناھلانغۇچىلار چېدىرىغا قىلىنغان ھۇجۇمدا، 15 ياشلىق ئىسلام ئەبۇ شامالا بىلەن ئۇنىڭ 35 ياشلىق ئاكىسى ئابدۇللاھ ئەبۇ شامالا ھاياتىدىن ئايرىلغان، 6كىشى يارىلانغان.

شاھىتلارنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئىسرائىلىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ خان يۇنۇسنىڭ غەربىدىكى ئەل-مەۋاسى  رايونىدا، رونى كوچىسى كىرىش ئېغىزىغا يېقىن ئەل-رەشىد كوچىسى تۈگۈنىدىكى يانمۇيان تۇرغان ئىككى چېدىرغا ھۇجۇم قىلغان.

ھۇجۇمدا ئىككى چېدىر پۈتۈنلەي ۋەيران بولغان، ئەتراپتىكى پاناھلىنىش ئورۇنلىرىمۇ زىيانغا ئۇچرىغان. ھۇجۇمدا ئېغىر يارىلانغان 45 ياشلىق زاھىر ئەبۇ سالىممۇ كېيىنچە قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ھاياتىدىن ئايرىلغان.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Hind Rajab Foundation files request with US Justice Department to prosecute Itamar Ben-Gvir

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار پۇقرالارنى ھۇجم نىشانى قىلماقتا

غەززە شەھىرىدە ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئەل-جېلا كوچىسىدىكى دابىت تۆت كوچا ئېغىزى ئەتراپىدا يولدىن ئۆتۈۋاتقان پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلىشى نەتىجىسىدە، كۆپىنچىسى ئاياللار ۋە كىچىك بالىلار بولۇپ جەمئىي 18 پەلەستىنلىك يارىلاندى.

يارىلانغانلارنىڭ ئىچىدە ئىككى كىشىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى مەلۇم قىلىندى. پاناھلانغۇچىلار تۇرۇۋاتقان بىر چېدىرنىڭ يېقىنىدىكى پىيادىلەرگە ھۇجۇم قىلىنغانلىقى ۋە بۇ جەرياندا يولدىن بىر ئاممىۋى قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئۆتۈۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىندى.

غەززەنىڭ شىمالىدىكى جىبالىيەدە بولسا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى لاگېرنىڭ غەربىدىكى ئەل-فالۇجا رايونىدا توپلاشقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۈستىگە بومبا تاشلىشى نەتىجىسىدە 9 ياشلىق بىر قىز بالا يارىلاندى.

ئىسرائىلىيە بىرونىۋىكلىرى ئوق چىقىرىشنى توختىتىش لىنىيەسىدىن بۆسۈپ ئۆتتى

غەززەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدا ئىككى ئىسرائىلىيە تانكىسى بىلەن بىر ھەربىي بۇلدوزېر، قويۇق ئوق يامغۇرى ئاستىدا ئەل-مەگازى مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ جەنۇبىي-شەرقى بىلەن دەير ئەل-بەلاھنىڭ شەرقىدە تەخمىنەن 200 مېتىرچە غەربكە قاراپ ئىلگىرىلىدى.

بۇ ھەربىي ماشىنىلار، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدە بېسىۋالغان رايونلىرىنىڭ چېگراسىنى كۆرسىتىدىغان ۋە «سېرىق لىنىيە» دەپ ئاتىلىدىغان رايوندىكى بېتون توساقلارنىمۇ چىقىپ تاشلىدى.

شاھىتلار نىشانغا ئېلىنغان رايوننىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئاساسەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ كونترول دائىرىسىنىڭ سىرتىدا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

غەززە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرى شەنبە كۈنىگىچە بولغان ئارىلىقتا 1038 پەلەستىنلىكنىڭ ئۆلۈشىنى، 3329 ئادەمنىڭ يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

يەرلىك دائىرىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، 2023-يىلى 8-ئۆكتەبىردە باشلانغان غەززە ئۇرۇشىدىن بىرى 73 مىڭدىن ئارتۇق پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلغان، 173 مىڭدىن ئارتۇق كىشى يارىلانغان ۋە ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ تەخمىنەن %90 ى ۋەيران قىلىنغان.

ئىزدىنىڭ
ئىران ئامېرىكانىڭ ھەرىكەتلىرىنىڭ ئىسلامئاباد كېلىشىمىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى
ئەردوغاننىڭ «15-ئىيۇل: تۈركىيە ئەسىرىنىڭ مۇستەقىللىق خىتابنامىسى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى
15-ئىيۇل سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشى ۋە خەلقنىڭ قەھرىمانلارچە قارشىلىق كۆرسىتىشى
ئەردوغان پاكىستان قۇرۇقلۇق ئارمىيە قوماندانى مۇنىرنى قوبۇل قىلدى
مىنىستىر خاقان فىدان ئۇكرائىنا تېمىلىق «ئىختىيارىي ئىتتىپاقداشلار باشلىقلار يىغىنى» غا قاتناشتى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان قاتاردا زىيارەتتە بولىدۇ
ترامپ ھورمۇز بوغۇزىدىن ئۆتۈش ئۈچۈن %20 ئۆتۈش ھەققى تەلەپ قىلدى، ئاراقچىدىن مەسخىرىلىك جاۋاب كەلدى
ئىسرائىلىيە مۇداپىئە مىنىستىرى كاتز غەززەنىڭ ۋەيران قىلىنىشىنىڭ كەيپىياتىنى كۆتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى
ش ق ت ج ياۋروپانىڭ ۋەكىل تەيىنلىشىنى رەت قىلىپ، ھەل قىلىش سۆھبەتلىرىدە باراۋەر سالاھىيەت تەلەپ قىلدى
بىرازىلىيە پىرېزىدېنتى لۇلا دا سىلۋا ترامپنى «قاراقچىلىق قىلىش» بىلەن ئەيىبلىدى
ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى تۈنۈگۈن كېچىمۇ داۋاملاشتى
تېررورلۇق تەشكىلاتى «فەتو» دېگەن نېمە؟
مىللىي ئىستىخبارات ئىدارىسى دائېشنىڭ ئاتالمىش رەھبەرلىرىدىن تالىپ گۈلەرنى قولغا چۈشۈردى
پۈتكۈل تۈركىيە 2016-يىلى 15-ئىيۇل كۈنى خەۋەر تاپقان ByLock پىروگراممىسى
ھورمۇز بوغۇزىدىكى پاراخوت قاتنىشى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالدى