پۇتىن رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا غەلبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
پىرېزىدېنت پۇتىن ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلىكىنىڭ 26 - يىللىقىغا توغرا كەلگەن يېڭى يىل ھارپىسىدىكى نۇتقىدا، رۇسىيەلىك «جەڭچىلەر ۋە قوماندانلار»غا مەدھىيە ئوقۇدى.
رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن يېڭى يىل كېچىسى سۆزلىگەن نۇتقىدا، توقۇنۇش تۆتىنچى يىلىغا قەدەم قويۇۋاتقان بىر پەيتتە، رۈسىيەنىڭ ئۇكرائىنادا غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
پۇتىن چارشەنبە كۈنى سۆزلىگەن نۇتقىدا رۇسىيە خەلقىنى ئۇكرائىنادا ئۇرۇش قىلىۋاتقان «قەھرىمانلىرىنى قوللاشقا» چاقىرىش بىلەن بىرگە، «بىز سىلەرگە ۋە غەلبىمىزگە ئىشىنىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.
پۇتىننىڭ ئەنئەنىۋى نۇتقى ئەڭ ئاۋۋال 2026-يىلىغا قەدەم قويغان تۇنجى رۇسىيە رايونى، يىراق شەرق تەۋەلىكىدىكى كامچاتكا يېرىم ئارىلىدا تارقىتىلدى.
پۇتىن ئۇكرائىنادىكى جەڭچىلەر ۋە قوماندانلارنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلەپ: «ماڭا ئىشىنىڭ، رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مىليونلىغان كىشى سىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ» دېدى.
ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشنىڭ ئىنسانىي زىيىنى ئىنتايىن ئېغىر بولدى. ھەر ئىككى تەرەپتىن قازا قىلغان ئەسكەرلەر سانىنىڭ ئون مىڭ، ھەتتا يۈز مىڭلىغان سانغا ئىكەنليەتكەنلىكى تەخمىن قىلىنماقتا.
31-دېكابىر پۇتىننىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەنلىكىنىڭ 26 - يىللىقىدۇر.
1999-يىلى يېڭى يىل كېچىسى بورىس يېلتسىن ئىستېپا بەرگەندىن كېيىن، پۇتىن رۇسىيە پىرېزىدېنتى بولغان ئىدى.
سوۋېت ئىتتىپاقى رەھبىرى لېئونىد برېژنېۋ تەرىپىدىن باشلانغان ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان تېلېۋىزىيەدىكى يېڭى يىل كېچىسى نۇتقى، رۇسىيەدىكى بايراملارنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى بولۇپ، مىليونلىغان ئائىلىلەردە كۆرۈلىدۇ.
بۇ نۇتۇق رۇسىيە جۇغراپىيەسىدىكى 11 ئوخشاشمىغان ۋاقىتقا ئىگە رايونلارنىڭ ھەر بىرىدە تۈن نىسپىدىن سەل بۇرۇن دۆلەت تېلېۋىزىيەسىدە تارقىتىلىدۇ.