غەززە ئۇرۇشى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، غەززەدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ تاشلىدى
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، غەززەدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ تاشلىدى ۋە خان يۇنۇسقا ھۇجۇم قىلدى.
ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىپ، غەززەدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىپ تاشلىدى
Since the ceasefire agreement that came into effect on October 11, the occupation continues to violate it, committing further atrocities. / AA

 11-ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى ئۇرۇش توختىتىشقا خىلاپلىق قىلىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، رايونغا قاراتقان زۇلۇملىرىنىمۇ داۋاملاشتۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە كۈچلىرى غەززەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى زەيتۇن مەھەللىسىدە پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئۆيلىرىنى چېقىشنى داۋاملاشتۇرۇش بىلەن بىرگە، جەنۇبتىكى خان يۇنۇس شەھىرىگىمۇ ھاۋادىن قاتتىق ھۇجۇملارنى قىلماقتا.

WAFA خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىشغالىيەتچى ئارمىيە شەھەرنىڭ شەرقىنى كۈچلۈك ئوقققا تۇتۇۋاتقان بىر پەيتتە، ھەر خىل تىپتىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلار شەھەرنىڭ غەربىي قىسمىدا ئۇچۇشلىرىنى داچاملاشتۇرماقتا.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى يەنە خان يۇنۇسنىڭ شىمالىي ۋە شەرقىي رايونلىرىغا ھاۋادىن قاتتىق ھۇجۇملارنى قىلدى، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ توپچى قىسىملىرى بولسا شەھەرنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى زاننا رايونىنى بىر نەچچە قېتىم توپقا تۇتتى.

چېقىش ھەرىكەتلىرى كۆپىنچە ھاللاردا «سېرىق سىزىق» نىڭ سىرتىدىكى ئىسرائىلىيە كۈچلىرى ئىشغال قىلغان زېمىنلاردا يۈز بەرمەكتە.

«سېرىق سىزىق» 10-ئۆكتەبىردە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى دائىرىسىدە ئىسرائىلىيە كۈچلىرىنىڭ چېكىنىپ چىققان رايونىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ سىزىق غەززەدىن ئۆتۈپ، پەلەستىننى ئىككىگە ئايرىيدىغان فىزىكىلىق بولمىغان بىر چېگرا سىزىقىدۇر.

بۇ رايوندا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 241 گە يەتتى، 619 كىشى يارىلاندى ۋە 528 جەسەت چىقىرىلدى. بۇنىڭ بىلەن غەززەدە 2023-يىلى 7-ئۆكتەبىردە باشلانغان توقۇنۇشلاردا قازا قىلغانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 69 مىڭ 176 گە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 170 مىڭ 690 گە يەتتى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - ‘Yellow Line’: Imaginary Israeli boundary becomes deadly zone for Palestinians in Gaza
ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى