دۇران: ناتو سىستېمىلىق ئۇرۇش خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ سىستېمىلىق ئۇرۇش خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

By
دۇران: ناتو سىستېمىلىق ئۇرۇش خىرىسلىرىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئىسلاھ قىلىنىشى كېرەك / AA

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، ناتونىڭ خىرىسلارغا تېخىمۇ كۈچلۈك تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ۋە پۇختا كىرىزىس باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيەنىڭ بولسا نۇرغۇن رايونلاردا تىنچلىقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسلىك مەھكىمىسى ئۇچۇر – ئالاقە ئىشلىرى ئىدارىسى باشلىقى بۇرھانەتتىن دۇران، ناتونىڭ كۈچلۈك ۋە بىر گەۋدىلەشكەن پوزىتسىيە تۇتۇپ، پۇختا كىرىزىس باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش ئارقىلىق، سىستېمىلىق ئۇرۇش رېئاللىقىغا ماسلىشىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇداپىئە ئىستراتېگىيەلىرىدىكى پەرقنىڭ چوڭلۇقىنى تەكىتلىگەن بۇرھانەتتىن دۇران، بۇ پەرقلەرنىڭ ئادەتتە ئىتتىپاق ئىچىدە پىكىر بىرلىككە كەلمەسلىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

دۇران پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ناتو سىستېمىلىق ئۇرۇش مۇھىتىدا ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىپ، چىدامچانلىق، تاقابىل تۇرۇش كۈچى ۋە كىرىزىس باشقۇرۇشنى مەركەز قىلغان كۈچلۈك ھەم بىر گەۋدىلەشكەن پوزىتسىيە تۇتۇشقا مەجبۇر» دېدى.

پايتەخت ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن «ناتونىڭ ئەنقەرە ۋاقتى: چىدامچان ناتو ئۈچۈن ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتىش» تېمىلىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا سۆز قىلغان دۇران، تۈركىيەنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشالايدىغان ئىقتىدارى بارلىقىنى سۆزىگە ئىلاۋە قىلىپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە بۇ نۇقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، ناتوغا بۈگۈنگە قەدەر بولغىنىدەك، بۈگۈندىن كېيىنمۇ ئىنتايىن ئەستايىدىل تۆھپىلەرنى قوشالايدىغان كۈچ ۋە ئىقتىدارغا ئىگە.»

تۈركىيە ۋە ناتو

دۇران ناتونىڭ ئون نەچچە يىل مابەينىدە نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرنى باشتىن كەچۈرگەنلىكىنى، ناتونىڭ دەسلەپتە سوۋېت ئىتتىپاقى تەھدىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن قۇرۇلغانلىقىنى ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك ئورۇندىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ، بۈگۈنكى كۈندە دۇنيانىڭ خەلقئارا تەرتىپتە كۆپ تەرەپلىمىلىك ۋە مۇرەككەپ بىر يوچۇققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ناتو ئىتتىپاقىمۇ قايتىدىن كۈچلۈك بىر ئۆزگىرىش بېسىمىغا دۇچ كەلمەكتە» دېدى.

دۇران نۆۋەتتىكى كىرىزىسلار، ئۇكرائىنادىكى توقۇنۇشلار، ئامېرىكا-ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى ئۇرۇشى ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى جىددىيچىلىكلەر ھەققىدە توختالدى.

ئۇچۇر-ئالاقە ئىدارىسى باشلىقى دۇران يەنە تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رولى ۋە 360 گرادۇسلۇق خەۋپسىزلىك قارىشىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ: «تۈركىيە بۇ جەرياندا پەقەت ئۆزىنىڭ ئىچكى خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقىلا ئەھمىيەت بېرىپ قالماي، يەنە رايون ۋە خەلقئارادا تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك مۇھىتىنىڭ قوغدىلىشى ھەم كۈچەيتىلىشى ئۈچۈن قەتئىي ئىرادە بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسەتتى» دېدى.

ئەنقەرەنىڭ جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ رەھبەرلىكىدە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان دىپلوماتىك تەشەببۇسلىرى توغرىلىقمۇ توختالغان بۇرھانەتتىن دۇران، تۈركىيەنىڭ ھەم رۇسىيە-ئۇكرائىنا كىرىزىسىدا ھەم قاراباغ كىرىزىسىدا ئادىل بىر ھەل قىلىش چارىسى تېپىلىشىدا ئىجادىي رول ئوينىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

«تۈركىيە ئۆز رايونىنىڭ سىرتىدا، ئافرىقادىمۇ ئاكتىپ شەكىلدە تىنچلىقنى قوللىماقتا، قىتئە مىقياسىدا مۇقىملىق ئورنىتىش ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىۋاتقان تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك قىلماقتا.»