خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ب د ت كومىسسارى: غەززەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پاجىئەسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا داۋاملاشماقتا
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) كىشىلىك ھوقۇق  ئالىي كومىسسارى ۋولكەر تۈرك، غەززەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پاجىئەسىنىڭ پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
ب د ت كومىسسارى: غەززەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پاجىئەسى پۈتكۈل دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا داۋاملاشماقتا
ئىچكى ۋەيران بولغان كوچىدا بىر چائىس بىلەن ئويناۋاتقان بالىلار، ئىسرائىل ئارمىيەسىنىڭ ئارقا فوندىدا مەركەزىي جىلغا ئىزبە مەنزىرە بولۇش، بۇ 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى سوريانىڭ بائەس شەھىرىدە يۈز بەرگەن. (ARIS MESSINIS / AFP نىڭ سۈرىتى) / AFP

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2025-يىلىنىڭ تۇنجى قېتىملىق جىددىي يىغىنىدا، ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى دوختۇرخانىلارغا قاراتقان ھۇجۇملىرى ۋە ساغلاملىق كىرىزىسى مۇھاكىمە قىلىندى.

يىغىنغا سىن كۆرۈنۈشلۈك ھالەتتە قاتناشقان ب د ت كىشىلىك ھوقۇق ئالىي كومىسسارى تۈرك: «غەززەدىكى كىشىلىك ھوقۇق پاجىئەسى دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا داۋاملاشماقتا. ئىسرائىلىيەنىڭ ئۇرۇش قوراللىرى ۋە ئۇسۇللىرى مىڭلىغان كىشىنى ئۆلتۈردى ۋە رايوننى ۋەيران قىلدى» دېدى.

تۈرك غەززەدە خەلقئارالىق قانۇننىڭ كۆزگە ئىلىنمىغانلىقىنى ۋە توقۇنۇشلاردا دوختۇرخانىلارنىڭ قوغدىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسلىتىپ: «غەززەدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ ۋەيران قىلىنىشى پەلەستىنلىكلەرنىڭ يېتەرلىك داۋالىنىش ھوقۇقىنى تارتىۋېلىشتىنمۇ ھالقىدى. بۇ دوختۇرخانىلار بارىدىغان باشقا يېرى يوق مىڭلارچە كىشىنىڭ پاناھگاھى ئىدى» دېدى.

ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «سەھىيە ئورۇنلىرىنىڭ قەستەن ۋەيران قىلىنىشى ئومۇمىي جازالاش شەكلىگە ئايلىنىپ، پۇقرالارغا قارىتىلغان كەڭ كۆلەملىك ياكى سىستېمىلىق ھۇجۇمنىڭ بىر قىسمى بولغان ئەھۋالدا ئۇرۇش جىنايىتى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، بۇنداق ھەرىكەتلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتمۇ بولۇپ قېلىشى مۇمكىن» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئۇ، غەززەدىكى دوختۇرخانىلار، ساغلاملىق ئاساسىي قۇرۇلمىسى ۋە مېدىتسىنا خادىملىرىغا قارىتىلغان بارلىق ھۇجۇملارنىڭ «مۇستەقىل، ئومۇميۈزلۈك ۋە ئوچۇق-ئاشكارا» تەكشۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىزدىنىڭ
پاكىستاندا ساقچى ئەترىتىگە قوراللىق پىستىرما ھۇجۇمى ئېلىپ بېرىلدى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خېگسېتكە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى
قايتا قۇرۇش ۋە تەرەققىيات بانكىسى تۈركىيەنىڭ ئېنېرگىيە تۈرلىرىگە 6 مىليارد دوللار مەبلەغ سالىدۇ
ئەنگلىيەلىكلەر: ئىسىرائىلىيە دۇنيا تىنچلىقىغا نىسبەتەن ئېغىر تەھدىت
ئەبۇزەبى سۆھبىتىنىڭ ئىككىنچى كۈنى باشلاندى
تۈركىيە قىبرىس سۆھبەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنى قارشى ئالدى
زېلېنسكىي ئامېرىكانىڭ پوزىتسىيەسىدىكى ئۆزگىرىشنى قارشى ئالدى
غەززەدىكى ئۇرۇش جىنايەتلىرى سەۋەبىدىن ئىسرائىلىيەلىك بىر ئەسكەر ئامېرىكادا سوتقا ئەرز قىلىندى
ھېرزوگ پارلامېنت ئەزالىرىنى يېڭى بىر سايلامدىن ساقلىنىشقا چاقىردى
تىرامپ بىلەن نېتانياھۇ ئىرانغا قىلىنىدىغان يېڭى ھۇجۇملار ھەققىدە تىركىشىپ قالدى
بىرلەشمە ئەرەب تىزىملىكى: «نېتانياھۇ تەلۋىلەرچە ھالەتتە، سۆزلىرى ئىرقىي ئايرىمىچىلىق»
پورتۇگالىيەدىن ناتو باش كاتىپى رۇتتېنىڭ باياناتىغا ئىنكاس قايتۇردى
Nvidia باش ئىجرائىيە ئەمەلدارىنى تەقىب قىلغان ئايال تەيۋەنگە خوڭكوڭ پاسپورتى بىلەن كىرگەن
ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى: ئامېرىكا بىلەن خىتاي سۈنئىي ئەقىل خەۋپ-خەتەرلىرى بويىچە ھەمكارلىشىدۇ
جەنۇبىي كورېيە ۋە ئۇكرائىنا ئەسىر ئالماشتۇرۇش مەسىلىسىدىن كېيىنكى مۇناسىۋەتلەرنى مۇزاكىرە قىلدى