يېڭى سۈرىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
تۈركىيە سۈرىيەنىڭ «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلىشىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى.
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا: «ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ سۈرىيەنى تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىش قارارىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز» دېيىلدى.

تۈركىيەنىڭ ئۇزۇن مۇددەتتىن بېرى بۇ قەدەمنى قوللاپ كەلگەنلىكى تەكىتلەنگەن باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ بۇ قارارى بىلەن بىرگە، سۈرىيەنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئەسلىگە كېلىشى ۋە قايتىدىن قۇرۇپ چىقىلىشىنىڭئالدىدىكى ئەڭ چوڭ توسالغۇلارنىڭ بىرىنىڭ يوق قىلىنغانلىقى قەيت قىلىندى.

بۇ قارارنىڭ سۈرىيەنىڭ خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بولغان رىشتىسىنى كۈچەيتىش ۋە دۆلەتتە بىخەتەرلىك بىلەن مۇقىملىقنى مەڭگۈلۈك ئورنىتىشقا قارىتىلغان تىرىشچانلىقلارنى تېزلىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن باياناتتا يەنە: «بۇ مەزگىلدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭمۇ تىرىشچانلىقلىرىنى تەرەققىي قىلغان بىر سۈرىيە نىشانى بويىچە بىرلەشتۈرۈشىنى ۋە بۇ تەسەۋۋۇرنى خەۋپكە ئىتتىرىدىغان تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى ئۈچۈن ئۈستىگە چۈشكەن مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىشىنى چاقىرىق قىلىمىز» دېگەن ئىبارىلەر ئورۇن ئالدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى مالىيە مىنىستىرلىقى، تۈنۈگۈن سۈرىيەنىڭ 1979-يىلى كىرگۈزۈلگەن «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر» تىزىملىكىدىن رەسمىي چىقىرىۋېتىلگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

ئىزدىنىڭ
تۈركىيەدىكى مۇزېيلارنىڭ سانى 2025-يىلى %4.4 ئېشىپ 664 كە يەتتى
قالىباف: تېھران ئامېرىكا ھۇجۇملىرىغا «ئازابلىق» جاۋاب قايتۇرىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا يەنە بەش پەلەستىنلىك ھاياتىدىن ئايرىلدى
ھىندونېزىيەدە يانار تاغ پارتلىغاندىن كېيىن 1500 دىن ئارتۇق ئايروپىلان سەپىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى
6-نۆۋەتلىك دۇنيا كۆچمەنلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە قىرغىزىستان چېمپىيون بولدى
تۈركىيە ئاياللار دۆلەتلىك ۋالىبول كوماندىسى ياۋروپا چېمپىيونى بولدى
ئىستانبۇل ئايرودۇرۇمى ياۋروپادىكى بىرىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى
پارىژدا پەلەستىننى قوللاش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى
كرېمىل: «پۇتىن ئامېرىكالىق ۋەكىللەر بىلەن ئۇكرائىنا ئۇرۇشى توغرىسىدا ئىنتايىن ئوچۇق سۆھبەتلەشتى»
ھىندونېزىيەنىڭ ئاساسلىق ئايرودۇرۇمى ۋولقان پارتلىشىدىن كېيىن پائالىيىتىنى توختاتتى
ئامېرىكانىڭ قورشاۋى ۋاشىنگتونغا ئىرانغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ قىممەتكە چۈشۈشى مۇمكىن
ئىران ئامېرىكانىڭ قانۇنسىز ھۇجۇملىرىغا «تېخىمۇ ئېغىر» ئۆچ ئېلىش بىلەن جاۋاب قايتۇرىدۇ
«نېتانياھۇنىڭ ۋەزىپىدىن ئېلىپ تاشلىنىشى، ئىسرائىلىيەنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا چېتىشلىق بىر ئېھتىياج»
يەمەن ئارمىيەسى شىمالىي ئەلجەۋفتىكى خۇسىيلارنىڭ ھەربىي لاگېرىغا ھۇجۇم قىلدى
ئىسرائىلىيە سۈرىيەنىڭ جەنۇبىدىكى قۇنەيترا ئەتراپىنى بومباردىمان قىلدى