خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى
ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي، ئۇرۇش توختىتىش يولغا قويۇلۇشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى كىيېۋنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە «ئوخشاش شەكىلدە» جاۋاب قايتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى
رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنا ئوتتۇرىسىدا 32 سائەتلىك «پاسكا» ئۇرۇش توختىتىشى يولغا قويۇلدى / Reuters

رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى، ئۇكرائىنا بىلەن تۈزۈلگەن 32 سائەتلىك ئۇرۇش توختىتىشنىڭ تۈركىيە ۋاقتى سائەت 16:00 دىن باشلاپ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن ئۇكرائىنا بىلەن «پاسكا» (Paskalya) ئۇرۇش توختىتىشى ئېلان قىلىپ، بۇنىڭ 11-ئاپرېلدىن 12-ئاپرېلنىڭ ئاخىرىغىچە كۈچكە ئىگە بولىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

پۇتىن ئۇكرائىنانىڭ ھەر قانداق بىر ئىغۋاگەرچىلىك بولغان تەقدىردە موسكۋانىڭ زەربە بېرىدىغانلىقى ھەققىدىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

ئۇرۇش توختىتىش شەنبە كۈنى يولغا قويۇلۇشتىن بىر قانچە سائەت ئىلگىرى، ئۇكرائىنا پىرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنسكىي كىيېۋنىڭ مەزكۇر تەشەببۇسقا قاتنىشىدىغانلىقىنى ۋە «ئوخشاش شەكىلدە» ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

زېلېنسكىي تېلېگرامما سۇپسىدا ئېلان قىلغان باياناتىدا: «ئۇكرائىنا تىنچلىق ھالىتىگە ئەمەل قىلىدۇ ۋە پۈتۈنلەي ئوخشاش شەكىلدە ھەرىكەت قىلىدۇ. رۇسىيەدىن ھاۋا، قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزدا ھۇجۇم كەلمەسلىكى، بىزنىڭمۇ جاۋاب قايتۇرماسلىقىمىزنى بىلدۈرىدۇ» دېدى.

زېلېنسكىي ئۇكرائىنا ئارمىيەسىنىڭ سېپىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ھەر قانداق ئۆزگىرىشكە تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە: «ئۇكرائىنا رۇسىيەگە كۆپ قېتىم تۈرلۈك ئۇرۇش توختىتىش فورمىلالىرىنى تەشەببۇس قىلدى ۋە پاسكا بايرىمىنىڭ سۈكۈت ۋە بىخەتەرلىك ۋاقتى بولۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىمىز. پاسكاغا ئاتالغان بىر ئۇرۇش توختىتىش، تىنچلىق يۆنىلىشىدىكى ھەقىقىي بىر ئىلگىرىلەشمۇ باشلىشى مۇمكىن، بىز بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك تەكلىپىنى سۇندۇق» دېدى.

زېلېنسكىي ئۇرۇش توختىتىش جەريانىدا ئۇكرائىنا قىسىملىرىنىڭ قوللىنىدىغان تەرتىپلىرىنى دۆلەتنىڭ ھەربىي رەھبەرلىك قاتلىمى بىلەن مۇزاكىرە قىلغانلىقىنىمۇ قەيت قىلدى.

ئۇ: «ھەرىكەتلىرىمىزنىڭ ئۆزئارا باراۋەرلىك ئاساسىدا بولىدىغانلىقى ۋە ئۇرۇش توختىتىشنى پاسكا بايرىمىدىن كېيىنگە ئۇزارتىشنىڭمۇ مۇمكىن ئىكەنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇر رۇسىيە تەرەپكە يەتكۈزۈلدى» دېدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Russia and Ukraine exchange 175 prisoners in wartime swap deal
ئىزدىنىڭ
قازاقىستاندا بىر پارلامېنتلىق قۇرۇلتاي سايلىمىنىڭ دەسلەپكى نەتىجىلىرى ئېلان قىلىندى
ئامېرىكا سوتى 75 دۆلەتكە قويۇلغان كۆچمەنلىك ۋىزىسى چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى
ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى سۈرىيەنىڭ جەنۇبىغا يەنە بىر قېتىم بېسىپ كىردى
رۇسىيەنىڭ «Ozon» شىركىتىگە تەۋە ئۈچ ئامبار ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتى ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى
بېسېنت: ئىران مەسىلىسىدە ئاخىرقى باسقۇچقا كىردۇق
ئىراق ئىران ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا ئورتاق بىخەتەرلىك كېڭىشى قۇرۇشنى تەكلىپ قىلدى
سۈرىيە ۋە ئىسرائىلىيە ھەيئەتلىرى ئامېرىكانىڭ ۋاسىتىچىلىكىدە كۆرۈشتى
ئامېرىكا بىلەن كانادا ئوتتۇرىسىدا باج كىرىزىسى يۈز بەردى، ترامپ كانادا ھۆكۈمىتىنى قاتتىق ئەيىبلىدى
قىرغىنچى ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەگە قىلغان ھۇجۇملىرىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭ 419 غا ئۆرلىدى
ئامېرىكا ب د ت غا بولغان 5 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق قەرزىنىڭ بىر قىسمىنى تۆلەشنى پىلانلىماقتا
نېتانياھۇ سىياسىي سايلامنى كېچىكتۈرۈش ئۈچۈن جىددىيچىلىكنى ئاشۇرىشى مۇمكىن
پېزەشكىيان: ئىران "نە ئۇرۇش، نەتىنچلىق" ۋەزىيىتىنىڭ ئاخىرلىشىشىنى خالايدۇ، يول قويۇشنى رەت قىلىدۇ
نېتانياھۇ: باش مىنىستىلىق مۇددىتىم بويىچە پەلەستىن دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشىغا رۇخسەت بەرمەيمەن
تورنىڭ سۇلتانلىرى ياۋروپا ئالىي دەرىجىلىك مۇسابىقىسىدە ئىككىنچى مۇسابىقىسىگە چۈشىدۇ
پاكىستان ۋە مالايسىيا بىخەتەرلىك ساھەسىدە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا كېلىشتى