تۈرك دۇنياسى
1 مىنۇت ئوقۇش
ئەردوغان، ئەلىيېۋ ۋە شەرىف لاچىن خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ
لاچىن خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمى ئەزەربەيجان 2020-يىلى ئەرمېنىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئازاد قىلغان زېمىنلىرىغا قۇرغان ئۈچىنچى ئايرودۇرۇمى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئەردوغان، ئەلىيېۋ ۋە شەرىف لاچىن خەلقئارالىق ئايرودۇرۇمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ
/ AA

تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، ئەزەربەيجان جۇمھۇر رەئىسى ئىلھام ئەلىيېۋ ۋە پاكىستان باش مىنىستىرى شاھباز شەرىف چارشەنبە كۈنى لاچىن خەلقئارالىق ئايرودرومىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدۇ.

لاچىن خەلقئارالىق ئايرودرومى، ئەزەربەيجاننىڭ 2020-يىلى ئەرمېنىيە بىلەن بولغان ئۇرۇش جەريانىدا ئازاد قىلىنغان زېمىنلاردا قۇرغان ئۈچىنچى ئايرودرومى بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە. دېڭىز يۈزىدىن 1800 مېتىر ئېگىزلىكتە جايلاشقان بۇ ئايرودروم، تاغلىق يەرلەردىكى تاشلارنى ئويۇش ۋە مەيداننى تۈزلەشتۈرۈش ئارقىلىق ياسالدى. لاچىن، ئەزەربەيجاندىكى دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز جايلاشقان ئايرودروم بولۇش سۈپىتى بىلەن دىققەتنى تارتىدۇ.

قۇرۇلۇشى 2021-يىلى باشلانغان بۇ ئايرودروم، لاچىن شەھەر مەركىزىدىن 30 كىلومېتىر، شۇشادىن 70 كىلومېتىر ۋە كەلبەجەردىن 60 كىلومېتىر يىراقلىقتا جايلاشقان. ئۇچۇش-قونۇش يولىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 3000 مېتىر، كەڭلىكى 60 مېتىر بولغان ئايرودرومنىڭ تېرمىنال بىناسى سائىتىگە 200 يولۇچىغا مۇلازىمەت قىلالايدۇ.

قاراباغدىكى ئۈچىنچى خەلقئارالىق ئايرودروم

ئەزەربەيجان باش مىنىستىرى ئەلى ئەسەدوفنىڭ 26-ماي ئىمزالىغان پەرمانى بىلەن لاچىن ئايرودرومىغا «خەلقئارالىق ئايرودروم» سالاھىيىتى بېرىلدى.

بۇ سالاھىيەتكە ئائىت ئۇچۇرلار خەلقئارالىق تەشكىلاتلارغىمۇ ئۇقتۇرۇلدى. بۇنىڭ بىلەن ئەزەربەيجاندىكى خەلقئارالىق ئايرودروملارنىڭ سانى توققۇزغا يەتتى.

ئىلگىرى، ئەزەربەيجاننىڭ ئازاد قىلىنغان رايونلىرىدا ياسالغان تۇنجى ئايرودروم بولغان فۇزۇلى خەلقئارالىق ئايرودرومى، 2021-يىلى 26-ئۆكتەبىردە جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان ۋە جۇمھۇر رەئىس ئەلىيېۋنىڭ قاتنىشىشى بىلەن ئېچىلغانىدى.

ئىككى رەھبەر يەنە 2022-يىلى 20-ئۆكتەبىردە زەنگىلان خەلقئارالىق ئايرودرومىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
پولشا پىرېزىدېنتى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولىدۇ
خىتاي ئامېرىكانىڭ قارا تىزىملىكىگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ 10 ئورگىنىغا  چەكلىمە قويدى
ئاۋسترالىيە كانادا بىلەن 1.8 مىليارد دوللارلىق كۆزىتىش رادارى سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىدى
ئىران-ئامېرىكا سۆھبەتلىرىدە نېمە قارارلار قىلىندى؟
رۇسىيە: 60 قا يېقىن ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتىنى ئېتىپ چۈشۈردۇق
فىلىپپىندىكى مەكتەپ ھۇجۇمىدا ئۈچ كىشى ئۆلدى، بىرنەچچە كىشى يارىلاندى
ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ شىۋېيتسارىيەدىكى سۆھبىتى تاماملاندى
ئىران: لىۋان ئۇرۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇش تىرىشچانلىقلىرىدا ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىندى
شارا: سۈرىيەنىڭ ئۆتمۈشتە لىۋانغا قىلغان ھەربىي مۇداخىلە چۈشەنچىسىگە قايتىشىنى خالىمايمىز
قاھىرە يىغىنى باشلاندى
ناتوغا ئەزا دۆلەتلەر پارلامېنت باشلىقلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلىدۇ
تۈركىيە كوماندىسى ۋالىبول مۇسابىقىسىدە گېرمانىيەنى 2 گە قارشى 3 نەتىجە بىلەن مەغلۇپ قىلدى
ئىران ۋە ئامېرىكا ھەيئەتلىرى كېچىكتۈرۈلگەن سۆھبەتلەرنى باشلاش ئۈچۈن شىۋىيېتسارىيەگە يېتىپ كەلدى
«ئالزىمېر» كېسىلى خەۋپىگە ئالاقىدار تۇنجى يىپ ئۇچلىرى كۆزلەرگە يوشۇرۇنغان بولۇشى مۇمكىن
ئىتالىيەنىڭ سەككىز شەھىرىدە قاتتىق ئىسسىق سەۋەبىدىن «قىزىل» ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى بېرىلدى