پىكىر
3 مىنۇت ئوقۇش
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى «مودىنىڭ ئۇرۇشى» دەپ ئاتىدى
ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ سودا مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋاررو «باج تاپشۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ، چۈنكى بىز مودىنىڭ ئۇرۇشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. (ئۇكرائىنادىكى) تىنچلىققا بارىدىغان يول قىسمەن يېڭى دېھلىدىن ئۆتىدۇ» دېدى.
ترامپنىڭ مەسلىھەتچىسى ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى «مودىنىڭ ئۇرۇشى» دەپ ئاتىدى
ناۋاررو ئۇكرائىنا-رۇسىيە ئۇرۇشىنى «مودىنىڭ ئۇرۇشى» دېدى. سۈرەت: رويتېرس. / Reuters
29 أغسطس 2025

ئامېرىكا پرېزىدېنتى دونالد ترامپنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا مەسلىھەتچىسى ھىندىستاننىڭ ئېنېرگىيە سىياسىتىنى تەنقىد قىلىشنى كۈچەيتىپ، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنى «مودىنىڭ ئۇرۇشى» دېدى ھەمدە يېڭى دېھلىنىڭ نېفىت ئىمپورتىنى ھىندىستان ماللىرىغا قارىتىلغان يېڭى باج بىلەن باغلىدى.

ئاقساراي سودا مەسلىھەتچىسى پېتېر ناۋاررو چارشەنبە كۈنى (27-ئاۋغۇست) ترامپ ھۆكۈمىتى ھىندىستاننىڭ ئامېرىكاغا ئېكسپورت قىلىدىغان ماللىرىغا %50 باج قويۇپ بىر قانچە سائەت ئۆتكەندىن كېيىن، بلۇمبېرگ (Bloomberg) تېلېۋىزىيەسىگە بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دېدى:

«ھىندىستاننىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئامېرىكادىكى ھەممە ئادەم زىيان تارتىدۇ.»

ناۋاررو مۇنداق دېدى:

 «ئىستېمالچىلار ۋە كارخانىلار زىيان تارتىدۇ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر زىيان تارتىدۇ، چۈنكى ھىندىستاننىڭ يۇقىرى باجلىرى بىزنىڭ خىزمەت ئورنى، زاۋۇتلىرىمىز ۋە كىرىمىمىزنى يوقىتىدۇ. ئاندىن باج تاپشۇرغۇچىلار زىيان تارتىدۇ، چۈنكى بىز مودىنىڭ ئۇرۇشىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك»

ئۇنىڭدىن «پۇتىننىڭ ئۇرۇشى» نى دېمەكچىمۇ دەپ سورىغاندا، ناۋاررو مۇنداق جاۋاب بەردى:

«مەن مودىنىڭ ئۇرۇشىنى دېمەكچى، چۈنكى تىنچلىق يولى قىسمەن يېڭى دېھلىدىن ئۆتىدۇ» دېدى.

تاموژنا بېجىنىڭ ئۆستۈرۈلىشى ھىندىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتىنى ۋە قورال-ياراغ سېتىۋېلىشىغا مۇناسىۋەتلىك %25 لىك جازانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ناۋاررو ھىندىستاننىڭ باھاسى چۈشۈرۈلگەن خام نېفىت سېتىۋالغاندىن كېيىن، پىششىقلاپ ئىشلەنگەن نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى كۆپ پايدا بىلەن سېتىپ، «رۇسىيە ئۇرۇش ماشىنىسىنى بېقىش» قا ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ: «بۇ ناھايىتى ئاددىي. ھىندىستان رۇسىيەدىن نېفىتى سېتىۋېلىشنى توختاتسا، %25 لىك ئېتىبارغا ئېرىشەلەيدۇ» دېدى.

يولغا قويۇلغان تەدبىرلەر، ھىندىستاننىڭ ئېكىسپورتقا تايىنىدىغان ئىقتىسادىنى تەۋرىتىپ قويدى.

ئامېرىكا ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ سودا شېرىكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، كىيىم-كېچەكتىن زىبۇ-زىننەتكىچە ۋە ئالماس قاتارلىق ھەر خىل ئېكسپورت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

تەھلىلچىلەر يۇقىرى باجنىڭ مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئىلگىرى ھىندىستاننى «باجنىڭ ماخاراجاسى» دەپ ئاتىغان ترامپ 31-ئىيۇل جازالارنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇلىدىغانلىقى مۇمكىنلىكى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

ئۇ مۇخبىرلارغا: «ھىندىستاننىڭ رۇسىيە بىلەن نېمە قىلىۋاتقانلىقىدىن پەرۋايىم پەلەك. ئۇلار بىللە ئۆلۈك ئىقتىسادلىرىنى ۋەيران قىلىشى مۇمكىن» دېدى.

ترامپ موسكۋا تىنچلىققا يۈزلىنىشىنى خالىمىسا، رۇسىيە ئېنېرگىيەسىنى سېتىۋېلىشنى داۋاملاشتۇرىدىغان دۆلەتلەرگە قويۇلىدىغان تاموژنا بېجىنىڭ %100 كە يېتىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېڭى دېھلى ۋاشىنگتوننىڭ پوزىتسىيەسىنى رەت قىلىپ، تاموژنا بېجىنى «چوڭ بەختسىزلىك» دەپ ئاتىدى ھەمدە رۇسىيە نېفىتىنى سېتىۋېلىشنىڭ، بازار ئامىللىرى ۋە 1.4 مىليارد نوپۇسىنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئېھتىياجىدىن كەلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئېنېرگىيە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى كپلېر (Kpler) نىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، 2022-يىلى 2-ئايدا ئۇرۇش باشلىنىشتىن ئىلگىرى ھىندىستاننىڭ خام نېفىتىنىڭ %2 تىن كۆپرەكىنى تەمىنلىگەن رۇسىيە ھازىر ئىمپورتنىڭ %40 كە يېقىن قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.

ئاۋغۇستتا نېفىت توشۇش كۈنىگە 2 مىليون ۋارىلغا يېتىپ، رۇسىيە ھىندىستاننىڭ ئەڭ چوڭ نېفىت تەمىنلىگۈچىسىگە ئايلاندى.

ھىندىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى س. جايشانكار ئامېرىكانىڭ ئىلگىرى ھىندىستاننى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ داۋالغۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن رۇسىيە نېفىتى سېتىۋېلىشقا ئىلھاملاندۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ: «بىز رۇسىيە نېفىتىنى ئەڭ چوڭ سېتىۋالغۇچى ئەمەس، ئەڭ سېتىۋالغۇچى خىتاي. بىز LNG نىڭ ئەڭ چوڭ سېتىۋالغۇچىسى ئەمەس، ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ سېتىۋالغۇچىسى ياۋروپا ئىتتىپاقى» دېدى.

ئۇ يەنە: «شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىز ئامېرىكىدىنمۇ نېفىت سېتىۋالىمىز، بۇنىڭ مىقدارى ئاشتى» دېدى.

باش مىنىستىر نارېندرا مودى يەنە يەرلىك خەلققە خىتاب قىلىپ: «بىز بېسىمغا بەرداشلىق بېرىمىز، ئەمما دېھقانلار، چارۋىچىلار ۋە كىچىك تىپتىكى سانائەت ئورۇنلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىدە مۇرەسسە قىلمايمىز» دەپ قارشىلىق كۆرسىتىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US imposes 25% tariff plus 'penalty' on India over energy, military ties with Russia

ھىندىستان مالىيە مىنىستىرلىقى 7-ئايدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتىدا، باجنىڭ يوشۇرۇن خەۋپ ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ قالايمىقانلىشىشى ۋە پۇل پاخاللىقىنىڭ بېسىمى ئارقىلىق يوشۇرۇن خەۋپلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى.

گەرچە يولغا قويۇلغان باجلارنىڭ ئېكسپورتلارغا بىۋاسىتە تەسىرى چەكلىك دەپ قارالسىمۇ، ئەمما ئىقتىسادقا بولغان «ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى دەرىجىلىك تەسىرلەر» نىڭ بولىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ھىندىستان ھۆكۈمىتى مۇھىم ساھەلەردىكى باج يۈكىنى يېنىكلىتىش توغرىسىدا ۋەدە بەردى.

مودى دېھقانلار ۋە كىچىك كەسىپلەرنى قوغداش ئۈچۈن كېيىنكى قەدەمدە باجنى كېمەيتىدىغانلىقلىرىنى جاكارلىدى، مەسئۇل دائىرىلەر مال ۋە مۇلازىمەت بېجى سىستېمىسىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن يېڭى باج ئىسلاھاتىنى تەييارلىماقتا.

سودا تالاش-تارتىشىغا قارىماي، ھىندىستاندا چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ئۈمىدىنى كۈچەيتتى.

شۇنداقتىمۇ، باج ئامېرىكا بىلەن ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ ئاجىزلىقىنى گەۋدىلەندۈردى. چۈنكى ۋاشىنگتون يېڭى دېھلىنى ھىندى-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيەسىدىكى مۇھىم ھەمراھ دەپ قارايدۇ.

تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، سىياسىي سۆزلەر كەسكىنلەشكەن بولسىمۇ، ھەر ئىككى تەرەپ خىتاينىڭ يۈكسېلىشىگە قارشى تۇرۇشتا ھالقىلىق دەپ قارالغان مۇناسىۋەتكە ئۇزۇن مۇددەتلىك زىيان يەتكۈزۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئاخىرىدا مۇرەسسە يولىنى تۇتۇشى مۇمكىن ئىكەن.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT Global - US-India trade talks have hit a wall despite progress. What went wrong?
ئىزدىنىڭ
ئاسىيادىكى چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مۇناسىۋىتى چوڭقۇرلاشماقتا: مودى  ۋاڭ يى بىلەن كۆرۈشىدۇ
ترامپ-پۇتىن ئۇچرىشىشىدىن خۇلاسە: رەھبەرلەر كۆرۈشتى، ئەمما ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى پەرقنى تۈگىتەلمىدى
سۇيىقەستلىك ھەربىي-سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇشىدا قانداق ئىشلار يۈز بەردى؟
ئىتالىيە: ياۋروپا ئىتتىپاقى 24 مىليارد دوللارلىق تاموژنا بېجى پىلانى تۈزمەكتە
خىتاينىڭ ئېكسپورتى ئامېرىكا بىلەن تۈزۈلگەن تاموژنا بېجى كېلىشىمىدىن كېيىن ئۆرلىدى
ئامېرىكا كۆچمەنلەرنى ئالتە سائەت ئالدىن ئۇقتۇرۇش بىلەنلا ئۈچىنچى دۆلەتلەرگە  قوغلاپ چىقىرالايدۇ
ئەردوغان: سرېبرېنىتسا ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ ئىنكار قىلىنىشىنى رەت قىلىمىز
فىدان: تۈركىيە پاكىستان دېڭىز تەۋەلىكىدە نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قىدىرىپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلايدۇ
ھاماسنىڭ يېڭى رەھبىرى ئىززەددىن ئەلھەدداد كىم؟
بېسسېنت: «ئەگەر سودا كېلىشىملىرى تۈزۈلمىسە، ئامېرىكا تاموژنا بېجى 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ
ترامپ سابىق ئىتتىپاقدىشى ماسكنىڭ سىياسىي پارتىيەسىنى «ئەقىلگە سىغمايدىغان ئىش» دەپ ئاتىدى
ئامېرىكا تېررورچىلارغا قارشى ئۇرۇشۇش ئۈچۈن تېررورچىلارنى مالىيە بىلەن تەمىنلىمەكتە
دالاي لامانىڭ ۋارىسى قانداق تاللىنىدۇ؟
ئەردوغان پاشىنياننىڭ تۈركىيە زىيارىتى جەريانىدا ئەرمېنىيە-ئەزەربەيجان تىنچلىقىنى قوللىدى
ئەردوغان ئۇرۇشنىڭ كۆچمەن دولقۇنى ۋە يادرو خەتىرىنى قوزغىشى مۇمكىنلىكى ھەققىدە ئاگاھلاندۇردى
مۇسۇلمان ھاجىلار مۇزدەلىفەگە يۈرۈش قىلدى، شەيتانغا تاش ئاتتى