خەلقئارا
1 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكادا بوراندىن كېيىن 216 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدە ھېلىھەم توك يوق
ئامېرىكادا مىننەتدارلىق بايرىمىدا يۈز بەرگەن بوراننىڭ تەسىرى داۋاملاشقانلىقى ئۈچۈن، مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن ئىشتاتلىرىدا جەمئىي 216 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىنى توك بىلەن تەمىنلەش مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ.
ئامېرىكادا بوراندىن كېيىن 216 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدە ھېلىھەم توك يوق
ئامېرىكادا بوراندىن كېيىن 216 مىڭدىن ئارتۇق ئائىلىدە ھېلىھەم توك يوق / AP (Wire)
 

ئامېرىكانىڭ شەرقىي قىرغىقى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىنى 26-نويابىردىكى مىننەتدارلىق بايرىمى دەم ئېلىشىدا زەربىگە ئۇچراتقان بوراننىڭ تەسىرلىرى ھېلىھەم داۋاملاشماقتا.

«PowerOutage.us» تور بېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، بوران سەۋەبىدىن پېنسىلۋانىيە، مارىلاند ۋە ۋىرجىنىيە قاتارلىق رايوندىكى نۇرغۇن ئىشتاتلاردا جەمئىي 216 مىڭ 973 ئائىلىدە ھېلىھەم توك يوق.

بۇنىڭدىن باشقا، ئۇچۇش ئىز قوغلاش تور بەتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دۆلەتتە جۈمە كۈنى 670 كە يېقىن ئۇچۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان، 3400 دىن ئارتۇق ئۇچۇشمۇ كېچىكتۈرۈلگەن.

يەنە بىر تەرەپتىن، يەرلىك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە قارىغاندا، مارىلاند ئىشتاتىدا قاتتىق بوران سەۋەبىدىن كۆۋرۈكلەر قاتناشقا تاقالغان.

دېلاۋېر ئىشتاتىدا دېڭىز بويى قىسىملىرىدىكى يوللارنى سۇ بېسىپ كەتكەن، پايتەخت ۋاشىنگتون ئەتراپىدىكى رونالد رېيگان ۋاشىنگتون دۆلەتلىك ئايرودۇرۇمىنىڭ ئۇچۇش يولىنىمۇ سۇ باسقان.

ئىزدىنىڭ
فرانسىيەدە ئوتتۇرا مەكتەپ نامايىشلىرىدا تەخمىنەن 500 ئوقۇغۇچى يارىلاندى
مىسىردا يېقىلغۇ تانكېرىدا يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە 31 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
تۈركىيە ھۇسىيلارنىڭ رىيادتىكى مالىيە مەركىزىگە قىلغان ھۇجۇمىنى ئەيىبلىدى
ترامپ بىلەن ناتو باش كاتىپى رۇتتې رۇسىيە-ئۇكرائىنا ئۇرۇشى ۋە ئىراننى مۇزاكىرە قىلدى
جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان گۈزەل سەنئەت تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن كۆرۈشتى
دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ يۈرىكى پالاندۆكەندە سوقىدۇ
BBC: رۇسىيە مەلۇماتلىرى 500 مىڭغا يېقىن رۇس ئەسكىرىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ
تۈركىيە ھەيئىتى ئەنقەرەدە ھەفتەر باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بىلەن كۆرۈشتى
زېلېنسكىي باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنىڭ تەمىنلىنىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى
ھۇسىيلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قىزىل دېڭىز قىرغىقىدىكى پورتلىرىغا ھۇجۇم قىلىش بىلەن تەھدىت سالدى
ئىسرائىلىيەدە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش سۆھبەتلىرى داۋاملاشماقتا
بېنگازى پورتىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ھۇجۇمىدا يارىلانغان 2 لىۋىيە ئەسكىرى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ئامېرىكادا كىچىك ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىپ، 2 بالىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 6 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
ترامپ: «ئىران بىلەن بولغان» بۇ ئۇرۇشنى خالىغان ۋاقىتتا ئاخىرلاشتۇرالايمىز
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ھۇجۇمىدا بىر ئائىلىدىن 4 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى