سىياسەت
2 مىنۇت ئوقۇش
ئامېرىكا كۇۋەيتتە جېنىدىن ئايرىلغان ئىككى ئەسكەرنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلدى
ئىران ئۇچقۇسى ئامېرىكانىڭ كۇۋەيتتىكى بىر ھەربىي مەركىزىگە چۈشكەندە، ئامېرىكانىڭ ئالتە ئەسكىرى جېنىدىن ئايرىلغان ۋە 18 ئەسكىرى يارىلانغان ئىدى.
ئامېرىكا كۇۋەيتتە جېنىدىن ئايرىلغان ئىككى ئەسكەرنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلدى
پېنتاگون ئىرانغا قارشى ئۇرۇشتا جېنىدىن ئايرىلغان ئىككى ئەسكەرنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلدى، 2026-يىلى 4-مارت. رويتېرس. / Reuters

پېنتاگون چارشەنبە (2026-يىلى 4-مارت) كۈنى ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇش جەريانىدا جېنىدىن ئايرىلغان ئىككى ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ كىملىكىنى ئېلان قىلدى.

مەزكۇر قۇرۇقلۇق ئارمىيە زاپاس ئەسكەرلىرى يەكشەنبە (2026-يىلى 1-مارت) كۈنى ئىران ئۇچقۇسى كۇۋەيتنىڭ شۇئەيبا پورتىدىكى ئامېرىكا ھەربىي مەركىزىگە زەربە بەرگەندە جېنىدىن ئايرىلغان بولۇپ، بۇ ھۇجۇمدا يەنە باشقا تۆت زاپاس ئەسكەرمۇ جېنىدىن ئايرىلغان ئىدى.

پېنتاگون شەنبە (2026-يىلى 28-فېۋرال) كۈنى ئىران ئۇچقۇسى شۇئەيبا پورتىغا زەربە بەرگەندە جېنىدىن ئايرىلغان ئالتە نەپەر ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ئىچىدە، ئايوۋا ئىشتاتىنىڭ ئىندىيانولا شەھىرىدىن كەلگەن 45 ياشلىق جېفرېي ئوبرايېن (Jeffrey R. O’Brien) ۋە كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ ساكرامېنتو شەھىرىدىن كەلگەن 54 ياشلىق روبېرت مارزان (Robert M. Marzan) نىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

پېنتاگون مارزاننىڭ ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، جەسەت تەكشۈرۈش خادىملىرىنىڭ ئۇنىڭ كىملىكىنى رەسمىي دەلىللەش خىزمىتىنى پات ئارىدا تاماملايدىغانلىقىنى قوشۇمچە قىلدى.

پېنتاگون بۇنىڭدىن ئىلگىرى جېنىدىن ئايرىلغان باشقا تۆت ئەسكەرنىڭ كىملىكىنى تۆۋەندىكىدەك ئاشكارىلىغان ئىدى:

فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ ۋىنتېر خاۋېن شەھىرىدىن كودى خورك  (Cody A. Khork) 35 ياش؛ نېبراسكا ئىشتاتىنىڭ بېللېۋۇ شەھىرىدىن نوئا تىتژېنس (Noah L. Tietjens) 42 ياش؛ مىننېسوتا ئىشتاتىنىڭ ۋايت بېئېر لېيك شەھىرىدىن نىكول ئامور (Nicole M. Amor)  39 ياش ۋە ئايوۋا ئىشتاتىنىڭ غەربىي دېس موينېس شەھىرىدىن دېكلان كوئادى (Declan J. Coady)  20 ياش.

كۇۋەيتتىكى بىر سودا مەركىزى بولغان شۇئەيبا پورتى يەنە ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ مۇھىم قاتناش-تىرانسىپورت مەركىزىي سۈپىتىدە ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، رايون خاراكتېرلىك تاكتىكىلىق ئاپتوموبىللار ۋە تەمىنات ئەشيالىرى توشۇلىدۇ.

ھۇجۇمدا جېنىدىن ئايرىلغانلاردىن سىرت، 18 ئەسكەرمۇ يارىلانغان ئىدى.

ئۇچقۇ ھۇجۇمى ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ شەنبە (28-فېۋرال) كۈنى ئىرانغا قىلغان بىرلەشمە ھۇجۇمىدىن كېيىنلا يۈز بەرگەن ئىدى. ئامېرىكا-ئىسىرائىلىيە ھۇجۇمىدا، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئەلى ھامېنېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، ئىران پۈتكۈل رايون بويىچە پارس قولتۇقى ئەللىرى ۋە ئامېرىكا ھەربىي بازىلىرىنى نىشان قىلغان ھۇجۇملار بىلەن ئۆچ ئېلىشقا ئۆتكەن ئىدى.

مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارTRT World - Iran claims 500 American soldiers died in five days of war
ئىزدىنىڭ
تېھران - ۋاشىنگتون ئوتتۇرىسىدىكى خەلقئارالىق دىپلوماتىك تىرىشچانلىقلار ۋە مۇرەسسەچىلىك داۋاملاشماقتا
ئامېرىكا ئۇكرائىنانىڭ ھاۋا مۇداپىئەسى ئۈچۈن قورال سېتىپ بېرىش پىلانىنى تەستىقلىدى
پۇتىن: كىيېۋ ھاكىمىيىتىنىڭ سۆھبەت ئۆتكۈزۈش نىيىتى يوق
رۇسىيە ياپونىيەدىن ئامېرىكانىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرىنى چىقىرىۋېتىشنى تەلەپ قىلدى
فىتسو «ياۋروپا مىقياسىدىكى ھەربىي توقۇنۇش» ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
ئىران ھورمۇز بوغۇزىدا توگو بايرىقى قادالغان بىر نېفىت پاراخوتىنى ئوققا تۇتقانلىقىنى جاكارلىدى
ئامېرىكا دىپلوماتلىرىنىڭ ئوماندا ھۇسىيلار بىلەن  سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى
ئىسرائىلىيە بىلەن ماراكەش ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە دىپلوماتىك مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىشنى قارار قىلدى
ئامېرىكا مەھمۇد ئابباسنىڭ ب د ت ئومۇمىي كېڭىشىگە قاتنىشىش ئۈچۈن سۇنغان ۋىزا ئىلتىماسىنى رەت قىلدى
ترامپ: ئىران بىلەن بولغان ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن
«ترامپ ھۆكۈمىتى ئىسرائىلىيەگە 40 مىڭ بومبا سېتىپ بېرىشكە تەييارلانماقتا»
رۇسىيە: ئالەم بوشلۇقىدىكى قوراللىنىش رىقابىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن جىددىي قەدەم تاشلىنىشى كېرەك
ئامېرىكا بىلەن سۈرىيە ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ھەم رايون بىخەتەرلىكىنى مۇزاكىرە قىلدى
خىتاي ئامېرىكانى ئالەم بوشلۇقىدىكى ھەربىي كۈچ كۆپەيتىشنى توختىتىشقا چاقىردى
شىمالىي كورېيە رەھبىرى كىم جوڭئۇن رۇسىيەنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
گېرمانىيە رۇسىيەنىڭ ھۇجۇملىرىنىڭ نىشانى بولۇشنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە
ئىسرائىلىيە لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بىر مەكتەپنى پارتلاتقۇچ بىلەن ۋەيران قىلدى
شىمالىي كورېيە ھەقىقىي ئوق-دورا ئىشلىتىلگەن ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزدى
مودى پۇتىنغا: توقۇنۇشلارنى ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر يولى دىيالوگدۇر
ترامپ جۇمھۇرىيەتچىلەرگە تولۇقلىما سايلامدا ئاۋاز بەرمىسە «دوزاخقا كىرىدىغانلىقىنى» ئېيتتى