«روكەتسان» رىيادتا سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسى قوللىنىلغان «ئەرەن» ئوق - دورىلىرىنى تونۇشتۇردى
يۇقىرى سۈرئەتلىك، كۆپ مەقسەتلىك ۋە ھاۋادا پايلاپ يۈرۈپ زەربە بېرىدىغان «ئەرەن» (EREN) ناملىق ئوق-دورىلىرى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى ۋە قۇرۇقلۇق قىسىملىرىنىڭ زەربە بېرىش كۈچىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ.
تۈركىيە مۇداپىئە سانائىتىنىڭ سەركە كارخانىلىرىدىن بىرى بولغان «روكەتسان» (Roketsan)، يېڭى ئەۋلاد يۇقىرى سۈرئەتلىك، كۆپ مەقسەتلىك ۋە ھاۋادا پايلاپ يۈرۈپ زەربە بېرىدىغان «ئەرەن» ناملىق ئوق-دورىسىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پايتەختى رىيادتا ئۆتكۈزۈلگەن «2026-يىللىق دۇنيا مۇداپىئە كۆرگەزمىسى»دە تۇنجى قېتىم كۆرزگەزمە قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئوق-دورا، راكېتا ۋە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىستېمىلىرى ساھەسىدىكى تەجرىبىلىك ئىشلەپچىقارغۇچىسى «روكەتسان»، 8-12-فېۋرال كۈنلىرى ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر كۆرگەزمىگە بىر قاتار مەھسۇلات تۈرلىرى بىلەن قاتناشتى. كۆرگەزمىدە كىچىك تىپتىكى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئوق-دورىلاردىن MAM-C، MAM-L ۋە MAM-T؛ ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا قويۇپ بېرىلىدىغان بالىستىك سۇپېرسونىك راكېتا UHA-230؛ قىسقا مۇساپىلىك تانكىغا قارشى قورال «Karaok»؛ «چاكىر» قاناتلىق راكېتاسى؛ SOM ئوق-دورىسى؛ «سۈنگۈر» ھاۋا مۇداپىئە راكېتا سىستېمىسى؛ «ھىسار-ئو» ھاۋا مۇداپىئە راكېتاسى ھەمدە ئۇزاق مۇساپىلىك ھاۋا ۋە راكېتا مۇداپىئە سىستېمىسى «سىپەر» قاتارلىقلار ئورۇن ئالدى.
«روكەتسان» يەنە، «بوران» TRG-230 ۋە TRG-300 راكېتالىرىدىن باشقا، KMC تاكتىكىلىق راكېتا قويۇپ بېرىش سىستېمىسى ۋە «بۇرچ» كۆچمە ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىسىنىمۇ كۆرگەزمە قىلدى.
بىر يىلدىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تەييارلاندى
شىركەت تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، لايىھەلەش تەسەۋۋۇرى باسقۇچىدىن تارتىپ مەھسۇلاتقا ئايلىنىشى ئۈچۈن بىر يىلدىن ئاز ۋاقىت سەرپ قىلىنغان يەرلىك ئوق-دورا «ئەرەن»نىڭ، كۆپ ئىقتىدارلىق ئۇچقۇچىسىز جەڭ ئايروپىلانى «بايراقتار ئاقىنچى»دا سىناق قىلىنغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ يىل توپلاپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى كۈتۈلۈۋاتقان يۇقىرى سۈرئەتلىك، كۆپ خىل ئىقتىدارلىق ھاۋادا پايلاپ يۈرۈپ زەربە بېرىدىغان «ئەرەن» ئوق-دورىسى، تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەمدە دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەتلەرنىڭ جەڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش ئۈچۈن لايىھەلەندى.
«ئەرەن»نىڭ تېخنىكىلىق ئالاھىدىلىكلىرى ۋە ئىقتىدارلىرى
«ئەرەن»نى ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرى تىك ئۇچارلار، قۇرۇقلۇق قاتناش قوراللىرى، مۇقىم قۇرۇقلۇق سىستېمىلىرى ۋە دېڭىز سۇپىلىرىدىن قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ.
«ئەرەن» ھەققىدە توختالغان «روكەتسان» باش مۇدىرى مۇرات ئىكىنجى: «ھاۋادىن قۇرۇقلۇققا، قۇرۇقلۇقتىن قۇرۇقلۇققا ۋە قۇرۇقلۇقتىن ھاۋادىكى نىشانلارغا قارشى ئۈنۈملۈك زەربە بېرەلەيدىغان، تەننەرخى مۇۋاپىق بىر ئوق تەرەققىي قىلدۇرۇشنى نىشان قىلدۇق» دېدى. باش مۇدىر ئىكىنجى يەنە، «ئەرەن»نىڭ ئۇچقۇچىسىز ھاۋا ئاپپاراتلىرىنىڭ زەربە بېرىش كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدىغانلىقىنى، مۇستەقىل سىستېمىلار ۋە بىرونېۋىكلىق ماشىنىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇقلۇق سۇپىلىرى ئارقىلىق يۇقىرى ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش ئىمكانىيىتى يارىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئوق-دورا تەركىبىدىكى سۈنئىي ئەقىل ئالگورىتملىرى، ئىلغار ئۇچۇشنى تىزگىنلەش سېنزورلىرى ۋە تۇربوجېت موتورىنىڭ يېڭى بىر ئىمكانىيەت ئىشىكى ئاچقانلىقىنى تەكىتلىگەن مۇرات ئىكىنجى، ئۇچقۇچىسىز قۇرۇقلۇق ماشىنىلىرى، بىرونېۋىكلىق سۇپىلار ۋە يېقىن مۇساپىلىك ھاۋا مۇداپىئە سىستېمىلىرىغا ماسلاشتۇرۇش خىزمەتلىرىنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، كەلگۈسىدە ئۇنى ئايروپىلانلارغىمۇ ماسلاشتۇرۇشقا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.