تەنتەربىيە
1 مىنۇت ئوقۇش
تۈركىيە كوسوۋونى يېڭىپ 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى
تۈركىيە دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسى تارىخىدا ئۈچىنچى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈردى. 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە كانادادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.
تۈركىيە كوسوۋونى يېڭىپ 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى
تۈركىيە دۆلەت كوماندىسى كوسوۋو كوماندىسىنى يېڭىپ، 2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. / Reuters

تۈركىيە قوشۇمچە شاللاش مۇسابىقىسىدە كوسوۋونى 0 گە قارشى 1 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈردى.

كەرەم ئاقتۈركئوغلۇ مۇسابىقىنىڭ 53-مىنۇتىدا كوماندىغا غەلىبىگە ئېرىشتۈرگەن توپىنى كىرگۈزدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان بايانات ئېلان قىلىپ، «بىزنىڭ بالىلار» دەپ ئاتالغان دۆلەتلىك پۇتبول كوماندىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكىنى تەبرىكلىدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان دۆلەتلىك كوماندىنىڭ 24 يىلدىن كېيىن پۇتبول دۇنياسىنىڭ ئەڭ چوڭ سەھنىسىدە تۈركىيەگە كۈچلۈك شەكىلدە ۋەكىللىك قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «‹بىزنىڭ بالىلار›نىڭ ھەر ۋاقىتتىكىگە ئوخشاشلا ئاي يۇلتۇزلۇق فورمىنى كىيىپ غەلبىدىن غەلبىگە تۇتىشىدىغانلىقىغا، مىللىتىمىزنىڭ پەخرىنى ئاشۇرىدىغانلىقىغا ئىشەنچىمىز كامىلدۇر. بارلىق تەنھەرىكەتچىلىرىمىزگە ھۆرمەت بىلدۈرىمەن» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان يەنە كوماندىنىڭ ئاۋسترالىيە، پاراگۋاي ۋە ئامېرىكا بىلەن ئوينايدىغان گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرىگە ئۇتۇق تىلىدى.

تۈركىيە تارىخىدا بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى قېتىم دۇنيا لوڭقىسىغا قاتنىشىش سالاھىيىتىنى قولغا كەلتۈرگەن ئىدى.

تۈركىيە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە تۇنجى قېتىم 1954-يىلى قاتناشقان بولسىمۇ، لېكىن گۇرۇپپا باسقۇچىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجە كۆرسىتەلمەيلا شاللىنىپ كەتكەن.

تۈركىيەنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلەرگە ئىككىنچى قېتىملىق قاتنىشىشى پۈتۈنلەي باشقىچە نەتىجىلەنگەن؛ جەنۇبىي كورېيە ۋە ياپونىيە بىرلىكتە ساھىبخانلىق قىلغان 2002-يىللىق دۇنيا لوڭقىسىدا تۈركىيە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشىپ، تۇرنىرنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك كوماندىلىرى قاتارىدىن ئورۇن ئالغان ۋە تارىخىي ئۇتۇقنى قولغا كەلتۈرگەنىدى.

ئىزدىنىڭ
سۈرىيە «تېررورلۇقنى قوللايدىغان دۆلەتلەر تىزىملىكى» دىن چىقىرىۋېتىلدى
باڭلادېش «مەككە قوشما مۇداپىئە كېلىشىمى» گە قاتنىشىشقا قىزىقىۋاتىدۇ
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن فىرانسىيە پەلەستىن دۆلىتىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى: زۆرۈر تېپىلسا، ئىرانغا ھەربىي زەربە بېرىمىز
سۈرىيەنىڭ تەدمۇر شەھىرىدە ئەسكى-تۈسكى يىغقۇچىنىڭ قاپچۇقىدىكى بومبا پارتلاپ، بىر كىشى ئۆلدى
خىتاي ۋە ئىيوردانىيە ھورمۇز بوغۇزىنىڭ قايتىدىن ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ترامپ: «ئىران پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇۋاتىدۇ»
شارا: سۈرىيە قايتا قۇرۇش مۇساپىسىگە قەدەم قويدى
ھايتىدا شايكىلارنىڭ ھۇجۇمىدا 43 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى
رۇسىيەنىڭ كراسنودار رايونىغا قىلغان ھۇجۇمىدىن كېيىن نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا ئوت كەتتى
ئومان دېڭىز تەۋەلىكىدە بىر نېفىت تانكېرى زەربىگە ئۇچرىدى
رۇسىيە: ئەنگلىيە ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە توسالغۇ بولۇۋاتىدۇ
ئىسرائىلىيەنىڭ غەززە رايونىغا قاراتقان ھۇجۇملىرىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلار سانى 73 مىڭ 422 گە يەتتى
ئەردوغان: رايونىمىزدىكى مۇقىمسىزلىققا قاراپ تۇرمايدىغانلىقىمىزنى دوست-دۈشمەنگە جاكارلىدۇق
ئومان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتە تېھرانغا بارىدۇ