ترامپ: «ھەقىقىي كېلىشىم» ئىجرا قىلىنغۇچە ئامېرىكا ئىران ۋە ئەتراپىدا تۇرۇشنى داۋاملاشتۇرىدۇ

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىران كېلىشىمىدىكى مەجبۇرىيەتلەر ئادا قىلىنمىغان تەقدىردە، «تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ شىددەتلىك» ھەربىي ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

By
«يادرو قوراللىرى بولمىسۇن، ۋە ھورمۇز بوغۇزى ئاچۇق ھەم بىخەتەر بولىدۇ» دېدى ترامپ. / Reuters

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ چارشەنبە كۈنى كېچىدە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ «ھەقىقىي كېلىشىم» تولۇق ئىجرا قىلىنغۇچە ئىراننىڭ ئىچى ۋە ئەتراپىدا كۈچلۈك ھەربىي مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاپ قالىدىغانلىقىنى ھەمدە كېلىشىمدىكى تەلەپلەر ئورۇندالمىغان ئەھۋالدا غايەت زور زەربە بىلەن جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ترامپ ئۆزىنىڭ «Truth Social» ناملىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكانىڭ بارلىق پاراخوتلىرى، ئايروپىلانلىرى ۋە ھەربىي خادىملىرىنىڭ قوشۇمچە ئوق-دورا ھەم قورال-ياراغلار بىلەن بىرلىكتە، «ئىران ئىچى ۋە ئەتراپىدا، ھاسىل قىلىنغان ھەقىقىي كېلىشىم تولۇق ئىجرا قىلىنغۇچە ئۆز ئورنىدا قالىدىغانلىقى»نى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئەگەر مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن كېلىشىم ئىجرا قىلىنمىسا، — كى بۇ ئىنتايىن تۆۋەن ئېھتىماللىق — ئۇ چاغدا <توقۇنۇشلار باشلىنىدۇ>، بۇ توقۇنۇشلار كىشىلەر ئىلگىرى ھەرگىز كۆرۈپ باقمىغان دەرىجىدە تېخىمۇ چوڭ، تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە تېخىمۇ شىددەتلىك بولىدۇ» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ترامپ يەنە «يادرو قورالى بولماسلىق» توغرىسىدىكى بىر كېلىشىمنىڭ «ئاللىبۇرۇن» ھاسىل قىلىنغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇنىڭغا قارىتا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بارلىق «ساختا سۆز-چۆچەكلەر»نى رەت قىلدى.

ترامپ يەنە مۇنداق دەپ يازدى: «يادرو قورالى بولمايدۇ ۋە ھورمۇز بوغۇزى ئوچۇق ھەم بىخەتەر بولىدۇ. بۇ جەرياندا بىزنىڭ بۈيۈك ئارمىيەمىز قوراللىنىۋاتىدۇ ۋە ئارام ئېلىۋاتىدۇ، ئۇلار ئەمەلىيەتتە كېيىنكى غەلىبىسىنى تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە.»

ئىران بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سەيشەنبە كۈنى، 28-فېۋرالدا ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەنىڭ ئىرانغا قارشى باشلىغان ھەمدە پۈتۈن رايوندا مىڭلارچە ئادەمنىڭ ئۆلۈمى ۋە يارىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇرۇشنى ئاخىرلاشتۇرۇش يولىدا ھەل قىلغۇ كېلىشىم تۈزۈش ئۈچۈن ئىككى ھەپتىلىك ئۇرۇش توختىتىشنى جاكارلىغانىدى.

بۇ قارار ترامپنىڭ ئىراننىڭ ھورمۇز بوغۇزىنى قايتىدىن ئېچىشى ۋە كېلىشىمنى قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن بەلگىلىگەن مۆھلىتى توشۇشقا ئىككى سائەتتىنمۇ ئاز ۋاقىت قالغاندا ئېلان قىلىندى؛ ترامپ ئەگەر كېلىشىم ھاسىل قىلىنمىسا «پۈتۈن بىر مەدەنىيەتنى يوقىتىۋېتىدىغانلىقى»نى ئېيتىپ تەھدىت سالغانىدى.