تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى بىر قاتار مۇھىم ئۇچرىشىشلارنى ئۆتكۈزدى

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پورتۇگالىيەدە ئالجىرىيە، باڭلادېش ۋە ب د ت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىدان پورتۇگالىيەدە ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار، چەت ئەلدىكى پۇقرالار ۋە ئافرىقا ئىشلىرى مىنىستىرى ئەھمەد ئەتتاف ھەمدە باڭلادېش ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى توۋھىد ھوسەين بىلەن كۆرۈشتى.

تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ ئىجتىمائىي تاراتقۇ سۇپىسى «X» تىكى ئادرېسىدا ئېلان قىلىنغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، مىنىستىر خاقان فىدان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەدەنىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ 10-نۆۋەتلىك دۇنيا مۇنبىرى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلىش ئۈچۈن بارغان پورتۇگالىيەنىڭ كاسكايس شەھىرىدە ئالجىرىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەتتاف ۋە باڭلادېش ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ھوسەين بىلەن كۆرۈشكەن.

ب د ت مۇقىم تەرەققىيات چارىسى تورى رەئىسى پىروفېسسور دوكتور جېفرى ساكسنى قوبۇل قىلغان فىدان، ئاق دېڭىز ئىتتىپاقى باش كاتىپى ناسىر كامىل بىلەنمۇ كۆرۈشكەن.