Guardian گېزىتى پورت خاتىرىلىرى ۋە پاراخوتلارنى تەقىب قىلىش سانلىق مەلۇماتلىرىنى مەنبە كۆرسىتىپ ئېلان قىلغان خەۋىرىدە، كۆپىنچىسى دىزېل بولغان يېقىلغۇنىڭ جەنۇبىي كورېيەدىكى ھەرقايسى پورتلاردا يەتتە ماي توشۇش پاراخوتىغا قاچىلانغانلىقى ۋە بۇ ماي توشۇش پاراخوتىلىرىنىڭ رۇسىيەگە 14 قېتىم قاتنىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
خەۋەردە، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ماي توشۇش پاراخوتىلىرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭى بولغان «Layla» نىڭ، شەرقىي جەنۇبتىكى ئۇلسان پورتىدىن رۇسىيەنىڭ شەرقىدىكى ۋلادىۋوستوك پورتىغا 19-ئىيۇل ۋە 10-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئىككى قېتىم قاتناپ، جەمئىي 57 مىڭ توننا دىزېل يېقىلغۇسى توشىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
«Layla» ناملىق ماي توشۇش پاراخوتىنىڭ، بىرىنچى قېتىملىق قاتنىشىدا بارىدىغان مەنزىلىنى ۋلادىۋوستوك دەپ مەلۇم قىلغانلىقى، ئىككىنچى قېتىملىقىدا بولسا ياپونىيەنىڭ نىئىگاتا پورتىنى كۆرسەتكەنلىكى قەيت قىلىندى.
رۇسىيە بايرىقى قادالغان ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدىمۇ بار بولغان «Astoria» ماي توشۇش پاراخوتىىنىڭمۇ 1-ئاۋغۇست كۈنى ئۇلساندىن تەخمىنەن 11 مىڭ توننا يېقىلغۇ قاچىلىغانلىقى، بارىدىغان مەنزىلىنى ياپونىيە دەپ مەلۇم قىلغاندىن كېيىن ۋلادىۋوستوكقا بارغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
بەزى دۆلەتلەرنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالغان ئۈچىنچى ماي توشۇش پاراخوتى «Chongchon» نىڭ بولسا ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا جەنۇبتىكى يېئوسۇ پورتى دېڭىز ساھىللىرىدا «Celeste I» ناملىق ماي توشۇش پاراخوتىدىن تەخمىنەن 26 مىڭ توننا يېقىلغۇ ئالغانلىقى، ئاندىن بارىدىغان مەنزىلىنى سىنگاپور دەپ مەلۇم قىلىپ ۋلادىۋوستوكقا يۈزلەنگەنلىكى تەكىتلەندى.
فىنلاندىيەگە جايلاشقان ئېنېرگىيە ۋە پاكىز ھاۋا تەتقىقات مەركىزى (CREA) نىڭ ئانالىزچىسى ئىسھاق لېۋى، Guardian گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا: «ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېمبارگو يۈرگۈزگەن ماي توشۇش پاراخوتىلىرىنىڭ جەنۇبىي كورېيە پورتلىرىدا يېقىلغۇ قاچىلاپ رۇسىيەگە توشىغانلىقى ھەيران قالارلىق بىر ئىش. بۇ ئەھۋال ئېمبارگو تۈزۈمىنى ۋە جەنۇبىي كورېيەنىڭ ئۇكرائىناغا قىلىۋاتقان ياردىمىنى ئاجىزلاشتۇرۇۋەتمەكتە» دېدى.
Guardian گېزىتىنىڭ خەۋىرىدىن ئورۇن ئالغان دېڭىزچىلىق ئانالىز شىركىتى «Kpler» نىڭ مەلۇماتىغا قارىغاندا، مەزكۇر يېقىلغۇنى سېتىۋالغۇچىلار ئارىسىدا رۇسىيەنىڭ دۆلەت كونتروللۇقىدىكى نېفىت شىركىتى «Rosneft» مۇ بار ئىكەن.
«Rosneft» شىركىتى ئەنگلىيە، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە ئاۋسترالىيەنىڭ ئېمبارگو تىزىملىكىدىن ئورۇن ئالىدۇ.























